ئېۋكوممىيە دەرىخى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئېۋكوممىيە دەرەىخى 2000 نەچچە يىللار ئىلگىرىلا «شېن نۇڭ دورا ئۆسۈملۈكلىرى دەستۇرى» دا ئېسىل دورا ئۆسۈملۈكى قاتارىغا قويۇلغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنياغا داڭلىق ئەتىۋارلىق جۇڭيى دورىسى بولۇپ قالدى. جۇڭيى تېبابىتىدە ئېۋكوممىيە دەرىخىنىڭ قوۋزىقى دورا قىلىنىدىغان بولۇپ، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، ھامىلىنى تۇراقلاشتۇرۇش، پەي-سۆڭەكلەرنى چىڭىتىش رولىغا ئىگە. ھازىرقى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئېۋكوممىيە دەرىخىنىڭ قوۋزىقى تەركىبىدە ئېۋكوممىيە يېلىمى، سمۇلا(دېۋىرىقاي) ، گلۇكوزىد ۋە ئورگانىك كىسلاتا قاتارلىق ماددىلار بولىدىكەن. ئېۋكوممىيە دەرىخىنىڭ قوۋزىقىدىن تەييارلانغان قايناتما دورىلارنى ھايۋانلارغا سىناق قىلغاندا ئۇزاققىچە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينىغان.
ئېۋكوممىيە دەرىخىنىڭ مېۋىسى، شېخى، يوپۇرمىقى ۋە قوۋزىقىدا ئاق رەڭلىك ئېلاستىك يىپچىلار بولۇپ، ئېۋكوممىيە يېلىمى دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ مېۋىسى تەركىبىدىكى ئېۋكوممىيە يېلىمىنىڭ مىقدارى %3.27 ئەتراپىدا بولۇپ، شاخ، يوپۇرماق ۋە دەرەخ قوۋزىقى تەركىبىدىكى مىقدارى2 −% 3 ئەتراپىدا بولىدۇ. ئېۋكوممىيە يېلىمى ئېسىل دورا بولۇپلا قالماي، يەنە ئەلا سۈپەتلىك كاۋچوك ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.