چىپار ئات مەدەنىيىتى

چىپار ئات مەدەنىيىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زاماندىكى مەدەنىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسى ئۇتۇقلىرىنى ئاتسىز تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، شۇ دەرىجىدە ئات مەدەنىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا يۈكسەك ئورۇن تۇتىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى چىپار ئات مەدەنىيىتى
خەنزۇچە نامى 花马文化

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چىپار ئات مەدەنىيىتىئاتسىز ئۇيغۇر تارىخىنى بىر پۈتۈن بايان قىلىش مۇمكىن ئەمەستۇر. مەركىزى ئاسىيا ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى ئات كۆندۈرۈلگەن زىمىن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئات مەدەنيىتىمۇ مەركىزى ئاسىيادا بەرپا بولغاندۇر. ئۇيغۇر ئەجداتلىرى ئاتنى ئىنتايىن ئەزىز بىلگەن، ئۇرۇش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئات بىلەن يېقىن ئۆتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زاماندىكى مەدەنىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسى ئۇتۇقلىرىنى ئاتسىز تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. شۇ دەرىجىدە ئات مەدەنىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا يۈكسەك ئورۇن تۇتىدۇ.

قەدىمدە ئات مەدەنىيىتى بىر خەلق ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ھىسابلىناتتى. مەلۇم جەھەتتىن ئات كۆندۈرۈشنى بىر تارىخى ھالقىش دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئات مەيلى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، سودا ياكى جەڭدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەشتە بولسۇن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. كۆچمەن خەلىقلەرنىڭ بوستانلىق ۋە شەھەر مەدەنىيىتىنى بويسۇندۇرۇشىدا ئەڭ مۇھىم رول ئوينىغان قۇرالى ئات تىن ئىبارەتتۇر. ئات مەدەنىيىتى ۋە تۆمۈر قۇراللاردىن دەسلەپ پايدىلىنىش تۈركى خەلىقلەرنى ئۈزۈن مەزگىل باشقا مەدەنىيەتلەردىن ئۈستۈن ھالەتتە ساقلىغان. موڭغۇلىيەگە قاراشلىق ئالتاي تاغلىرىدىن مىلادىيدىن ئاۋۋالقى 11 مىڭىنچى يىللاردىن مىلادى 7-ئەسىرلەرگىچە ئارلىقتا ئوخشىمىغان دەۋىرلەردە سىزىلغان قىياتاش رەسىملىرىدە ئات ئۈستىدىكى ئوۋچىلىق تەسۋىرلەنگەن قىياتاش رەسىملىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل ئوۋچىلىق ۋە ئات ئۈستى تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن قىياتاش رەسىملىرى رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ۋە مەركىزى ئاسىيانىڭ تاغلىق رايونلىرىدىن كۆپلەپ ئۇچرايدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ بىرى بولغان پازىرىق مەدەنىيىتىگە ئائىت كېگىز ئۈستىگە كەشتىلەنگەن ئات مىنگەن چەۋەنداز رەسىمى، نەپىسلىكى ۋە تارىخى قىممىتى بىلەن ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئات ۋە چەۋەندازلىق مەدەنىيىتىدىن مۇئەييەن ئۇچۇر بېرىدۇ. ئەجداتلىرىمىز ھايات كۇلتۇرى ۋە فولىكلورىنىڭ ھەر بىر بۆلەكلىرىدىن ئاتنىڭ ئىزىنى بايقاش مۇمكىن، «ئەر قانىتى ئات»، «قۇش قانىتى بىلەن، ئەر ئات(بىلەن)»، «ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەپتۇ»، «تاي ئات بولغۇچە ئەر مات بولار»، «ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار»، ۋەھاكازالار. 

چىپار ئات مەدەنىيىتىبۇندىن باشقا مەيلى خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتى، مىللى تەنتەربىيە پائالىيىتى بولسۇن ۋە ياكى باشقا خەلىقلەرنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلارغا بولغان چۈشەنچىسىدە بولسۇن ئات ئۇيغۇرلارنىڭ ئايرىلماس ھەمرايى دەپ قارىساق ئارتۇق كەتمەيدۇ، «تىرىكسەك ھاياتىمىز بىر، ئۆلسەك مازارىمىز بىر»، «ئەركەك ئات ئۈستىدە تۇغۇلۇپ، ئات ئۈستىدە ئۆلىدۇ» چۈشەنچىسى، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ئىدىئولوگىيەسى ۋە ھايات كۇلتۇرىغا باغلانغان، ئاتقا بولغان يۈكسەك ھۆرمىتى ۋە ئىھتىياجىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەرگەن. قەدىمكى تۈركى خەلىقلەر كىشى ۋاپات بولغاننى، «ئۇچتى» دەپ سۈپەتلەيىتتى ۋە پەزىلەتلىك، ئەزىز كىشلەر ۋاپاتىغا ئۆلدى ئورنىغا ئۇچتى دەپ قوللانغان، دەپنە ئادىتىدە قايتىش بولغۇچىنىڭ ئۆمرىدە مىنگەن ئەڭ ئامراق ئېتىمۇ بىللە كۆمۈلگەن. بىز بەزى قەبرىلەردىن ئۇچقۇر ئات-دۇلدۇل ھەيكىلى ياكى سىزمىلىرىنى بايقايمىز، بۇ قەدىمكى تۈركىي خەلىقلەرنىڭ ئۆلۈم چەشەنچىسىدىكى «ئۇچۇش» قا ئالاقىدار ئىماگ بولۇپ، ئۆلگۈچىنىڭ روھىنى ئۇچقۇر ئات ئەرىشكە كۆتۈرەتتى. 1983-يىلى خوتەن سامپۇل قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋىلىنغان ئاسما گىلەمدە ئادەم باشلىق ئات تەنلىك چەۋەنداز تەسۋىرى كۆرۈلىدۇ، چەۋەندازنىڭ كىينىشى ئالتايدىن بايقالغان پازىرىق چەۋەندازىغا ئوخشايدۇ. تۇرپاندىن بايقالغان گۈللۈك رەخىت ئۈستىدىگە كەشتىلەنگەن ئات مىنگۈچىنىڭ ئات ئۈستىدە تۇرۇپ ئارقىسىغا قاراپ ئوقيا ئىتىشى تەسۋىرلەنگەن رەسىم، دۇنخۇاڭدىكى 249 نۇمۇرلۇق غاردىمۇ كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل تەسۋىر ئىسلامىيەتتىن كىيىنكى مىنياتۇرلاردىمۇ ئۇچرايدۇ. ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە دەۋىرلەردىكى تەسۋىر بىرلىكى بۇ خىل تەسۋىرلەرنىڭ ئاتقا ۋە تۈركى خەلقلەرگە ئالاقىدار مەلۇم مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈنىشىنى تەستىقلىغان.

2011-يىلى قازاقىستان ۋە موڭغولىيە ئالىملىرى ئۆتۈكەندىن كۆكتۈرك خانلىقى دەۋرىگە تەۋە دەپ قارالغان قەدىمىي قەبرىلەرنى بايقىغان، قەبرىدىن كۆپ مىقداردا ياغاچ ئات ھەيكىلى ۋە ئالتۇن بۇيۇملار قېزىۋىلىنغان، بۇخىل ياغاچ ئات ھەيكىلىنى قوشۇپ دەپنە قىلىش ئادىتى تۇرپان ئاستانىدىمۇ ئوخشاش يولۇققان. تۇرپاندىن بايقالغان 7-ئەسىرگە تەۋە دەپ قارىلىۋاتقان مانى دىنىغا ئالاقىدار بىر نوم پارچىسىدا مۇنداق مەزمۇنلار ئۇچرايدۇ «تۇلپار نەسىللىك ئېتىڭىز، مۇستەھكەم ئەقىل-پاراسىتىڭىز، قەيسەر قوشۇنىڭىز ۋە ئىسىل پەزىلەتلىك ئالپلىرىڭىز بولسا .... ئاندىن ئازاپتىن، مۇڭدىن قۇتۇلغايسىز...». ئۇشبۇ مانى دىنىي ۋەسىقىسىدىن، ئاتنىڭ يۈكسەك ئورنىنىڭ، قەدىمكى ئۇيغۇر ئىدىئولوگىيىسىدە، دىنىي چەكلىمىسىز ھالدا چوڭقۇر ئورۇن ئالغىنىنى بايقاش قىيىن ئەمەس، قەدىمكى يېزىق تەتقىقاتچىلىرى ئورقۇن يىنىسەي يىزىقىدىكى «ت» ھەرىپىنىمۇ تەسۋىرى يېزىق ھالەتتە ئاتقا باغلىغان. تىلىمىزدىكى ئات (ئىسىم) ۋە ئاتا قىلىش، ئاتا (ئاپرىدە قىلغۇچى) سۆزلىرىنىڭ ئىتمولوگىيىسىنى ئاتقا مۇناسىۋەتلىك بولۇشىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ، ئومۇمەن ئات ئۇيغۇر كۇلتۇرىدا مۇستەھكەم مەنىۋى ۋە تارىخى ئاساسقا ئىگە ئۇيغارلىق تىپىدۇر.

چىپار ئات مەدەنىيىتىئاتنىڭ زىيادە كەم ئۇچىرايدىغان تىپى بولغان چىپار ئات تارىختا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركى خەلىقلەر مەدەنىيەت تارىخىدا يۈكسەك دەرىجىدە ئۇلۇغلىنىپ كەلگەن. موڭغۇلىيەگە قاراشلىق ئالتاي تاغلىرىدىن تىپىلغان قىيا تاش رەسىملىرىدە چىپار ئاتنىڭ تەسۋىرىمۇ يولۇقىدۇ، بۇ قىيا تاشلار ناھايتى قەدىمكى زامانلارغا سۈرۈلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك ئەجدادى بولغان ئوغۇزخاننىڭ ئىش ئىزلىرى بايان قىلىنغان قەھرىمانلىق ئپوسى ئوغۇزنامىدە قارلۇق نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە چىپار ئات توغۇرلۇق مۇنداق مۇھىم بايانلار ئۇچرايدۇ : «ئوغۇزخان چىپار ئاتقا مىنەتتى، ئۇ بۇ ئايغىرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى، يولدا بۇ ئايغىر كۆزدىن يۈتتى. بۇ يەردە بىر ئىگىز تاغ بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىدە توڭ مۇزلار بار ئىدى. ئۇنىڭ چوققىسىدا ئاپپاق قارلار بار ئىدى. شۇڭا بۇتاغ مۇز تاغ دەپ ئاتىلاتتى. ئوغۇزخاننىڭ ئېتى مۇزتاغ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئوغۇز خاقان ئۇزۇنغىچە ئازاپ چەكتى. لەشكەر ئىچىدە بەستلىك ۋە تەمبەل بىر ئەر بار ئىدى ... بۇ ئادەم ئاتنى ئىزدىگىلى تاغقا كىردى. توققۇز كۈندىن كىيىن ئوغۇز خاقانغا ئايغىرنى ھازىر قىلدى... ئوغۇز خاقان خۇرسەن بولۇپ كۈلدى، ئىيىتتىكى : سەن بەگلەرگە بولغىن باشلىق، مەڭگۈلۈك ئات بولسۇن ساڭا قارلۇق». بۇندىن باشقا تۈركى خەلىقلەر تارىخىدا ھازرغىچە تىپىلغان ئەڭ دەسلەپكى يازما كىتابى بولغان «ئىرىق بىتىگ»تە چىپار ئاتقا ئالاقىدار مۇنداق مەزمۇنلار ئۇچرايدۇ :«چىپار ئاتلىق يول ئىلاھىمەن، كىچە-كۈندۈز يول يۈرەرمەن؛ يولدا 2 ئايلىق بولغان كىشى ئوغلىغا (ئادەم بالسىغا) يولۇقۇپتۇ، كىشى قورقۇپتۇ، قورقما دەپتۇ، قۇت بىرىمەن دەپتۇ، بىلىڭلاركى بۇ ياخشىلىق بىشارىتى.....، سارىق ئاتلىق ساۋچى، چىپار ئاتلىق ئەلچى ياخشى سۆز ئىلىپ كىلىدۇ. بىلىڭلاركى بۇ ئىنىق ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى». بۇ يەردىكى يول (يۇل) ئىلاھى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالەم قارىشى ۋە دىنىي چۈشەنچىلىرىگە تۇتۇشىدىغان بولۇپ تەقدىر ئىلاھى مەنىسىنى بەرگەن. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەنبەلىرىدىمۇ چىپار ئات بىر ئىلاھى مەخلۇق سۈپتىدە تىلغا ئىلىنغان، قەدىمكى ئەسەر بولغان «تاغ دەريالار تەركىزىسى»دە چىپار ئات بىر قانچە جايدا تىلغا ئىلىنىدۇ ۋە  يىرىتقۇچ مەخلۇق ئات شەكلىدە تەسۋىرلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ ياشىغان ئورنىنى بايقال كۆلى ئەتراپىدا دەپ تىلغا ئالىدۇ. يىڭى تاڭنامە ئۇيغۇرلار تەركىزىسى ۋە باشقا تاڭ ۋەسقىلىرىدە مۇنداق مەزمۇنلار ئۇچىرايدۇ : «چىپار ئات چىقىدىغان يۇرت ئالا، قارلۇق دىيىلىدۇ. تۈرك ئوردىسىنىڭ (ئۆتۈكەن) شىمالىدا»، پايتەخت (چاڭئەن دىن) 14 مىڭ چاقرىم يىراقلقتا. كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، خىل قوشۇندىن 3 تۈمەن بار. «چىپار ئات يۇرتى شىمالى دىڭىزنىڭ (بايقال كۆلى) نىڭ يىنىدا، تۈرك ئوردىسىنىڭ شىمالىدا، پايتەخىتتىن 14 مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا، چوڭ تۈرك قەبىلىسىدىن بەشى ئولتۇراقلاشقان ئارىلىق بىلەن تەڭ، باشچىسى ئېركىن دىيىلىدۇ... چىرايى قىرغىزلارغا ئوخشايدۇ، تىلى پەرىقلىنىدۇ ...».

نامىنىڭ كىلىپ چىقىشى 

 «چىپار ئاتتنى تۈركلەر ئالا (ئات) دەيدۇ، شۇڭا ئالا دۆلىتى دەپ ئاتالغان...». بۇ بايانلار بىلەن ئوغۇزنامىدىكى چىپار ئات ۋە قارلۇق نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئۆز ئارا ماس بولۇپ بىر-بىرىنى تولۇقلىغان. قارلۇق قەبىلىسى 4-6 ئەسىرلەرگىچە ئۆتۈكەننىڭ شىمالىدا بايقال كۆلى نىڭ غەربىدە چىگىل، سىر ۋە توققۇز ئوغۇزلار يىنىغا ئورۇنلاشقان ۋە كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ ئىچكى نىزالىرى ئارقىسىدا تەدىرىجى غەربكە كۆچكەن.

تارىخى پاكىتلار 

چىپار ئات مەدەنىيىتىرايونىمىزدا ئەڭ دەسلەپكى چىپار ئات ئىماگى خوتەن دەندەن ئۆيلۈك خارابىسىدىن بايقالغان تام رەسىمى ۋە ياغاچقا ئويۇلغان رەسىملەردۇر، بۇ بۇيۇملارنى سىتەيىن 1902-يىلى خوتەن چىرا دىن بايقىغان بولۇپ ھازىر بۈيۈك بىرتانىيە دۆلەتلىك مۇزىيدا ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇندىن بۇرۇن خوتەندە رايونىمىز بويىچە تۇنجى مىس تەڭگىلەر قۇيۇلغان بولۇپ ئۇستىگە ئاتنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەنىدى. بىز بۇنى غەربكە سۈرۈلگەن ئاق ھونلارنىڭ تەسىرىدىن بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمىز. خوتەندىن باشقا تۇرپان ئاستانە قەبرىستانلىقى ۋە كۇچا قىزىل مىڭئۆي لىرىدىن چىپار ئاتقا ئالاقىدار ياغاچ ھەيكەللەر ۋە تام رەسىملىرى تىپىلغان. بۇ چىپار ئات ئىماگىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ دەسلەپكى بىر قەدەر پىشقان سەنئەت ھاسىلاتلىرىدۇر. سۇڭ ۋە يۇەن دەۋىرلىرىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىمۇ چىپار ئات ئىماجىغا ئالاقىدار بىر قانچە مەشھۇر رەسىم ئۇچرايدۇ، ئەمما بۇ ئاتلار غەربى يۇرتتىن سوۋغات قىلىنغان ئاتلار ئىدى. مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرى ئىسلام دىنى نى قوبۇل قىلغاندىن كىيىنمۇ چىپار ئاتقا بولغان ھۆرمەت ئېدئولوگىيىسىنى ساقلاپ كەلگەن، سەلجۇقىيلار، تىمۇرىيلەر، بابۇرىيلار ۋە ئاق قويۇنلۇ، قارا قويۇنلۇ، سەفەۋىي، ئوسمانلى مىنياتۇرلىرىدا كۆپ مىقداردا چىپار ئات ئىماگىغا ئالاقىدار رەسىملەر ۋە ئەدەبى يازمىلار بايقالغان، بولۇپمۇ سەلجۇق مىنياتۇرلرى، تام رەسىملىرى ۋە رەڭلىك تاۋاقلاردا چىپار ئات ئىماگى كۆپ يولۇقىدۇ. ئۇيغۇرلاردىن باشقا، تۈركى خەلىقلەردىمۇ چىپار ئات توغۇرلۇق تۈرلۈك رىۋايەتلەر ۋە  تارىخ ئىماگى ساقلانغان. قازاق تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگلىگەن، بۈيۈك خاقان ئالاش قاغاننىڭ ئىسمىدىكى ئالاشنىڭ ئالا چىپار ئات بىلەن مۇناسۋەتلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا  پىكىرلەر كۆپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قىرغىزلارنىڭ دۇنياغا مەشھۇر تارىخى قەھرىمانلىق داستانى «ماناس»تا :«ماناسنىڭ قۇلاتېيى گەرچە ئاق دۇلدۇل دەپ تەسۋىرلىنىپ، قەدىمكى تۈركى خەلىقلەرنىڭ ئاق ئات ئىلاھىغا تىۋىنىش سۈپتىدە نامايەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نەسلىنى يەنە ئاپىرىپ ئالتاينىڭ ئايدىڭ كۆلدىكى ئالا چىپار دۇلدۇلغا باغلايدۇ» مەركىزى ئاسىيادىكى تۈركى خەلىقلەرگە ئورتاق بولغان «ئالپامىش» داستانىدا ئالپامىشنىڭ «بايچىپار» دەپ ئاتىلدىغان چىپار دۇلدۇلغا مىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئومۇمەن پۈتكۈل تۈركى خەلىقلەر تارىخىدا ئاتنىڭ مۇھىم ئورنى كۆرۈنەرلىك ئەكىس ئەتكەن، چىپار ئات مەھشھۇر خاقان ۋە ئەجداتلار بىلەن تىلغا ئىلىنىپ ئۇنىڭ تىخىمۇ مۇھىم رولى گەۋدىلەندۈرۈلگەن ۋە تېكىستلەر ئارقىلىق ھايات ۋە تەپەككۇر كۇلتۇرىدىكى مەنىۋى موتىفلار روشەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. 

چىپار ئات كۈنىمىزدە غەرب دۇنياسىدا ئاپالۇسا ئاتلىرى نامى بىلەن تونۇلىۋاتىدۇ ۋە مەشھۇر ئەڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئات قاتارىدا تىلغا ئىلىنىدۇ. دەسلەپكى مەنبەلەردە بۇ ئاتلارنى ئىسپانىيە ىدىن ئىلىپ كىلىنگەن ئاتلارنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ قارايدىغان قاراش ئۈستۈنلۈكنى ئېگلىگەن ئىدى. يىقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ خىل قاراش يىڭىلىنىشقا يۈزلەنمەكتە، ۋە بۇ ئاتلارنىڭ مەركىزى ئاسىيادىن بىرنىگ بوغۇزى ئارقىلىق شىمالى ئامېرىكىغا يىراق قەدىمى زامانلاردا ئىلىپ كىلىنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ھازىرغىچە ئامېرىكا، كانادا، بېرتانىيە، گېرمانىيە ۋە يېڭى زىنلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە مەخسۇس چىپار ئات فىرمىلىرى قۇرۇلغان بولۇپ تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا بۇ فىرمىلاردا بېقىلىۋاتقان چىپار ئاتلارنىڭ سانى 300 ئەتراپىدا.

يۇقاردا تىلغا ئىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك چىپار ئات مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر قەددىمكى ۋە يىقىنقى زامان مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئات قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى، مەنىۋى ئاساسى ۋە مەدەنىيەت كارتىنىسىدۇر، چىپار ئات كەم ئۇچرايدىغان ۋە بۈيۈك سىمالار بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان ئات تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۇلتۇر تارىخمىزدا يۈكسەك ئورۇن تۇتىدۇ. خۇشاللىنارلىق يىرى شۇكى، رايونىمىزدا جۇڭگو دىكى تۇنجى ھەم ئەڭ چوڭ چىپار ئات فىرمىسى بار، سان ۋە نەسىل جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. گەرچە كۈنىمىزدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى ئات بىلەن يىقىن ئۆتمىسىمۇ، ئەجداتلار تىكلىگەن ئات مەدەنىيىتىنى داۋام قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش تارىخى بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى بار. شۇندىلا ئوغۇزخاننىڭ چىپار ئېتىنىڭ بىزدە ئىزچىل داۋاملىشىپ كىلۋاتقانلىقىنى پەخىرلىنىپ ئېيتالايمىز.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مىسرانىم سالونى 

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#