دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋاقىتلىق چارىسى

دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر-بازارلاردىكى دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋاقىتلىق چارىسى

1995-يىل 19-ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 49-نومۇرلۇق پەرمانى ئارقىلىق ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان؛ 2014-يىل 1-ماي ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 191-نومۇرلۇق پەرمانىغا ئاساسەن ئۈچىنچى قېتىم تۈزىتىلگەن).


ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر-بازارلاردىكى دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋاقىتلىق چارىسى
ئېلان قىلغان ئورۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى
يولغا قۇيۇلغان ۋاقىت 2008-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区城镇国有土地使用权出让和转让暂行办法
ئېلان قىلغان ۋاقىت 2008-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر-بازارلاردىكى دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋاقىتلىق چارىسى

1995-يىل 19-ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 49-نومۇرلۇق پەرمانى ئارقىلىق ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان؛ 1997-يىل 20-نويابىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ش ھ ”1997“ 97-نومۇرلۇق ھۆججىتىگە ئاساسەن بىرىنچى قېتىم تۈزىتىلگەن؛ 2008-يىل 10-ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 153-نومۇرلۇق پەرمانىغا ئاساسەن ئىككىنچى قېتىم تۈزىتىلگەن؛ 2014-يىل 1-ماي ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 191-نومۇرلۇق پەرمانىغا ئاساسەن ئۈچىنچى قېتىم تۈزىتىلگەن).

1-ماددا بۇ چارە شەھەر-بازارلاردىكى دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يەر بايلىقىنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شەھەر-بازار يىرىك پىلانىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشى ۋە شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر-بازارلاردىكى دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋاقىتلىق نىزامى» ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلدى.

2-ماددا بۇ چارە شەھەر، ناھىيە (شەھەر) لەر، بازارلار ۋە زاۋۇت، كان رايونلىرى دائىرىسىدىكى دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى (تۆۋەندە قىسقارتىپ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى دېيىلىدۇ)نى سېتىش، ئايرىپ بېرىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش، رەنىگە قويۇش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ھەرىكىتىگە تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى يەرلەرنى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىپ بېرىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجارە بېرىش، رەنىگە قويۇش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ.

شەھەر پىلانلاش، ئۆي-مۈلۈك، تەرەققىيات-ئىسلاھات، مالىيە قاتارلىق باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۆزىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىشقا دائىر خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

4-ماددا شەھەر، ناھىيە (شەھەر) دىكى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى شەھەر پىلانلاش، تەرەققىيات-ئىسلاھات قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، ئۆز جايىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، كەسىپ سىياسىتى، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي يىرىك پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش يىللىق پىلانى، شەھەر-بازار يىرىك پىلانى ۋە يەر بازىرى ئەھۋالىغا ئاساسەن، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىپ بېرىش يىللىق پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلانغاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.

5-ماددا شەھەر، ناھىيە (شەھەر) دىكى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، شەھەر-يېزا يىرىك پىلانىنى باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىپ بېرىش يىللىق پىلانى ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇشقا سېلىنىدىغان مەبلەغ پىلانىغا ئاساسەن، ئىشلىتىش ھوقۇقى سېتىپ بېرىلىدىغان كونكرېت يەرلەر توغرىسىدا ئالدى بىلەن سېتىپ بېرىش لايىھەسى تۈزىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ھۆكۈمەتكە (سېتىپ بەرگۈچىگە) ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى بىلەن سېتىپ بېرىش توختامى تۈزىدۇ.

يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىپ بېرىش لايىھەسى سېتىپ بېرىلىدىغان يەرنىڭ كۆلىمى، ئورنى، پاسىلى، ئىشلىتىلىشى، سېتىپ بېرىش مۇددىتى، قۇرۇلۇش پىلانى تەلىپى، بېكىتىلگەن يەر باھاسى ۋە سېتىپ بېرىش ئۇسۇلى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

6-ماددا شەھەر، ناھىيە (شەھەر) دىكى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شەھەر پىلانلاش، ئۆي-مۈلۈك، مالىيە، تەرەققىيات-ئىسلاھات قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە يەر بازىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، يەرنى دەرىجىگە ئايرىپ باھالاپ (يەر ئاستى بوشلۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئۆلچەملىك يەر باھاسىنى بېكىتىپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.

7-ماددا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىپ بېرىشتە خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ئېلان چىقىرىش ئۇسۇلى ئاساس قىلىنىدۇ، كېلىشىم ئۇسۇلىنى قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ. يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىشتىكى خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ئېلان چىقىرىش ۋە كېلىشىم تۈزۈش ئۇسۇلىنى تەتبىقلاش دائىرىسى ۋە تەرتىپى جەھەتتە، «خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ئېلان چىقىرىش ئارقىلىق دۆلەت ئىلكىدىكى قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىش بەلگىلىمىسى»، «كېلىشىم ئارقىلىق دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىش بەلگىلىمىسى» ئىجرا قىلىنىدۇ.

8-ماددا سېتىۋالغۇچى سېتىپ بېرىش توختامى تۈزگەن كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە سېتىۋېلىش پۇلىنى تولۇق تاپشۇرۇپ بولۇشى كېرەك.

سېتىۋالغۇچى سېتىپ بەرگۈچى بىلەن پۈتۈشۈپ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىپ بېرىش توختامى ئىمزالانغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە سېتىۋېلىش پۇلىنىڭ %50 ىنى تاپشۇرسىمۇ بولىدۇ، قالغان پۇلنى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىش توختامى ئىمزالانغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك.

سېتىۋالغۇچى توختامدىكى پۈتۈشۈمگە ئاساسەن سېتىۋېلىش پۇلىنى تولۇق تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، سېتىۋالغان يەر تەۋە جايدىكى ناھىيە (شەھەر) دىكى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا يەرنى تىزىملاش رەسمىيىتى بېجىرىش ئىلتىماسى سۇنۇپ، دۆلەت ئىلكىدىكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى كىنىشكىسى ئالىدۇ.

9-ماددا سېتىۋالغۇچى سېتىپ بېرىش توختامىنى ئىجرا قىلمىسا، سېتىپ بەرگۈچى توختامنى بىكار قىلىشقا، سېتىۋالغۇچى تاپشۇرغان زاكالەت پۇلىنى قايتۇرماسلىققا ھەمدە توختامدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن تۆلەم ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. سېتىپ بەرگۈچى سېتىپ بېرىش توختامىنى ئىجرا قىلمىسا، سېتىۋالغۇچى توختامدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن توختامنى بىكار قىلىشقا ھەمدە زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ۋە تۆلەم ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

10-ماددا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى سېتىپ بېرىلگەن ياكى ئايرىپ بېرىلگەندىن كېيىن، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقدارى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىش توختامىدىكى پۈتۈشۈم ياكى ئايرىپ بېرىش قارارىدا بەلگىلەنگەن يەرنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە پىلانلاش تەلىپى بويىچە يەر ئىشلىتىشى كېرەك.

شەھەر يىرىك پىلانىنى تەڭشەش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن يەرنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقدارى شەھەر، ناھىيە (شەھەر) دىكى شەھەر پىلانلاش تارماقلىرىغا يەرنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىش ئىلتىماسى سۇنىدۇ، تەكشۈرۈپ تەستىقلانغاندىن كېيىن، سېتىپ بېرىش توختامىنى قايتىدىن ئىمزالايدۇ ياكى تولۇقلىما توختام تۈزىدۇ.

11-ماددا سېتىش ئۇسۇلى بىلەن ئېرىشكەن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ تۆۋەندىكى (1)، (2) تارماقچىلاردىكى شەرتلەرگە چۈشىدىغانلىرىنى ئىجارە بېرىشكە، رەنىگە قويۇشقا بولىدۇ:

(1) يەر ئىشلىتىش گۇۋاھنامىسى، يەر ئۈستىدىكى ئىمارەت ۋە قوشۇمچە ئەسلىھەلەرنىڭ ئىگىدارلىق گۇۋاھنامىسى قانۇنلۇق بولسا؛

(2) سېتىپ بېرىش توختامىدا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە قەرەل بويىچە يەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا مەبلەغ سېلىنغان بولسا؛

(3) ئاچىدىغان قۇرۇلۇش يېرى كۆلىمى ئىش باشلاپ ئاچىدىغان قۇرۇلۇش يېرى ئومۇمىي كۆلىمىىڭ 3/1 قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىسە ياكى سېتىۋېلىش پۇلىدىن تاشقىرى سېلىنغان قۇرۇلۇش مەبلىغى ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %25 ىدىن ئاشسا.

12-ماددا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، يەر ئۈستىدىكى ئىمارەت ۋە باشقا قوشۇمچە ئەسلىھەلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى بىللە ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ؛ يەر ئۈستىدىكى ئىمارەت ۋە باشقا قوشۇمچە ئەسلىھەلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئۇنىڭ دائىرىسىدىكى يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىمۇ بىللە ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ؛ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى بىلەن يەر ئۈستىدىكى قۇرۇلۇش ۋە باشقا قوشۇمچە ئەسلىھەلەرنى ئايرىم-ئايرىم ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ.

13-ماددا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى بىلەن ئالغۇچى ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى تۈزۈشى ھەمدە توختام تۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە يەر تىزىملاش ۋە شەھەرلەردىكى ئۆي-مۈلۈكنى تىزىملاشقا ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە يەر ئىشلىتىش گۇۋاھنامىسى، سېتىپ بېرىش توختامى ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش توختاملىرىنى ئېلىپ، شۇ جايدىكى شەھەر، ناھىيە (شەھەر)دىكى زېمىن بايلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقدارى ۋە ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.

14-ماددا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئىجارە بېرىشتە ۋە رەنىگە قويۇشتا، يەر ئۈستىدىكى ئىمارەت ۋە باشقا قوشۇمچە ئەسلىھەلەرمۇ بىللە ئىجارە بېرىلىدۇ ۋە رەنىگە قويۇلىدۇ؛ يەر ئۈستىدىكى ئىمارەت ۋە باشقا قوشۇمچە ئەسلىھەلەرنى ئىجارە بېرىشتە ۋە رەنىگە قويۇشتا، ئۇنىڭ دائىرىسىدىكى يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىمۇ بىللە ئىجارە بېرىلىدۇ ۋە رەنىگە قويۇلىدۇ.

15-ماددا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئىجارە بەرگەن ۋە رەنىگە قويغاندا، ئىككى تەرەپ ئىجارە بېرىش، رەنىگە قويۇش توختامى ئىمزالىشى كېرەك. توختام تۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە ئىجارە بەرگەن، رەنە قويغاندىكى ئىككى تەرەپ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىپ بېرىش ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى ۋە ئىجارە، رەنە توختاملىرىنى ئېلىپ، شۇ جايدىكى شەھەر، ناھىيە (شەھەر)دىكى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ، ئىجارە، رەنە ئىشلىرىنى تىزىملىتىدۇ. ئىجارە، رەنە مۇناسىۋىتى ئاخىرلاشقاندا، ئىجارە بەرگەن، رەنە قويغاندىكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەت ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ 15كۈن ئىچىدە، ئەسلىي تىزىملىغان ئورگانغا بېرىپ ئىجارە، رەنە تىزىمىنى رويخەتتىن ئۆچۈرتۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.

16-ماددا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ ئىجارە ياكى رەنە توختامى كۈچكە ئىگە مەزگىلدە، ئىجارە بەرگۈچى ياكى رەنىگە قويغۇچى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىپ بېرىش ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىشى كېرەك.

17-ماددا رەنە قويغۇچى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولغان ئىجارە توختامىدىكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى رەنە قويۇشتا، ئۇنىڭغا داۋاملىق ئەمەل قىلىشى، شۇنداقلا رەنە قويغۇچى رەنە ئەھۋالىنى ئىجارە ئالغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇشى لازىم؛ كۈچكە ئىگە رەنە توختامىدىكى رەنە قويۇلغان يەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئاۋۋال رەنە قويغۇچىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىش لازىم، ئوخشاش شارائىتتا رەنە قويغۇچى ئالدىن ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

18-ماددا رەنە قويۇلغان مال-مۈلۈكنى بىر تەرەپتىن قىلىشتىن ئېرىشكەن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا، يەر ئۈستىدىكى ئىمارەت ۋە باشقا قوشۇمچە ئەسلىھەلەرنىڭ ھوقۇقىغا ئىگە بولغانلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا شۇ يەر تەۋە جايدىكى شەھەر، ناھىيە (شەھەر)دىكى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى ۋە ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ تىزىملىتىش رەسمىيىتى بېجىرىشى كېرەك.

19-ماددا ئايرىپ بېرىش يولى بىلەن ئېرىشكەن يەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى، ئىجارە بەرگۈچى ۋە رەنە قويغۇچىلار ياكى مۈلۈك ھېسابىدا باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىش، بىرلىشىش، بىرلەشمە تىجارەت قىلىش، بىرلىشىپ سېلىش يولى بىلەن ئۆي سېلىشقا ئىشلەتكەنلەر دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىپ بېرىش رەسمىيىتى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىپ، سېتىش توختامى ئىمزالاپ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ سېتىلىش پۇلىنى تولۇقلاپ تاپشۇرىدۇ.

20-ماددا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى سېتىپ بېرىش مۇددىتى توشقانلىق، ئالدىن قايتۇرۇۋېلىنغانلىق ۋە يوقالغانلىق سەۋەبلىرى تۈپەيلىدىن ئاخىرلاشقان بولسا، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقدارلىرى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى ئاخىرلىشىپ 15 كۈن ئىچىدە دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى كىنىشكىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشى، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى رويخەتتىن ئۆچۈرتۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى لازىم.

21-ماددا تۇرالغۇ تۈرىدىكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى توشسا، مۇددىتى ئۆزلۈكىدىن ئۇزارتىلىدۇ ھەمدە ئالاقىدار قانۇن-نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن مۇناسىپ رەسمىيەتلەر بېجىرىلىدۇ.

تۇرالغۇ تۈرىدىن باشقا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى توشۇشتىن 90 كۈن ئىلگىرى، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقدارى شۇ يەر تەۋە جايدىكى شەھەر، ناھىيە (شەھەر) دىكى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، شەھەرلىك، ناھىيە (شەھەر) لىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەستىقلىغاندىن كېيىن مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن سېتىپ بېرىش توختامىنى قايتىدىن تۈزۈپ، سېتىلىش پۇلىنى تاپشۇرىدۇ ۋە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تىزىملىتىدۇ.

22-ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋالغان ئايرىپ بېرىلگەن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ساتسا بولىدۇ.

23-ماددا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىپ بېرىش توختامىدا بەلگىلەنگەن مۇددەت ۋە شەرت بويىچە يەرنى ئۆزلەشتۈرمىگەن، يەردىن پايدىلانمىغانلار ياكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىپ بېرىش توختامىدا بەلگىلەنگەن يەرنىڭ ئىشلىتىش ئورنىنى تەستىقلاتماي ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتكەنلەرنى ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك توشسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ ۋە بىر كىۋادرات مېتىر يەرگە ئون يۈەندىن 15 يۈەنگىچە جەرىمانە قويىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 30 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلارنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى ھەقسىز قايتۇرۇۋېلىنىدۇ.

24-ماددا تەستىقلاتماي ياكى ئالدامچىلىق بىلەن تەستىقلىتىۋېلىپ، يەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى» نىڭ 76-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» نىڭ 42-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن جازا بېرىلىدۇ.

25-ماددا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى، ئىجارە بەرگۈچى ۋە رەنە قويغۇچىلاردىن بەلگىلىمە بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجارە بېرىش، رەنە قويۇشنى تىزىملاتمىغانلارنى ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى زېمىن بايلىقى مەسئۇل تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈكى توشسىمۇ بېجىرمىسە، سېتىپ بەرگۈچى، ئىجارە بەرگۈچى ۋە رەنە قويغۇچىلارغا قانۇنسىز كىرىمىنىڭ %50 ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 30 مىڭ يۈەندن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

26-ماددا يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىپ بېرىش جەريانىدا، زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ خىزمەتچىلىرىدە خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش قىلمىشى كۆرۈلسە، مەمۇرىي مەسئۇل تارماق ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ئۇلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

27-ماددا بۇ چارە 2014-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#