ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم يىغىندى ئالامەتلىرى

ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم يىغىندى ئالامەتلىرى

ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم يىغىندى ئالامىتى - ھامىلىدارلىقتىن زەھەرلىنىش كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ھامىلىدارلىقنىڭ 20-ھەپتىسىدىن كېيىن پەيدا بولىدىغان، ئاساسلىقى سۇلۇق ئىششىق، يۇقىرى قان بېسىم، ئاقسىل سىيىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان، ئېغىرلىرىدا باش ئاغرىش، قۇسۇش، كۆزى تورلىشىش، يۇقىرىقى قورساق قىسمى يېقىمسىزلىنىش ھەتتا تارتىشىپ ھوشىدىن كېتىش بىلەن ئانا-بالىنىڭ ھاياتىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. بۇ كېسەل كۆپىنچە تۇنجى قېتىم ھامىلىدار بولغان ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم يىغىندى ئالامەتلىرى
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە نامى 妊娠高血压综合征
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ كېسەل ئاساسلىقى ھامىلە ۋە باشقا قوشۇمچە ئەزالاردىكى ئۆزگىرىشلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

1. بالا ھەمرىيىنىڭ قىزىل قان تومۇرى توسالغاندىن كېيىن، ئاقسىلنىڭ پارچىلىنىشىدىن بەزى زەھەرلىك ماددىلار ھاسىل بولىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ھامىلىدارلىقتىن زەھەرلىنىش كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ بالا ھەمرىيىدە ئادەتتە بىر قەدەر كەڭ دائىرىلىك توسۇلۇش مەۋجۇت بولىدۇ، تىقىلما شەكىللەنگەندىن كېيىن ئاقسىلنىڭ پارچىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان بەزى زەھەرلىك مەھسۇلاتلار قانغا شۈمۈرۈلۈپ، ئانا تىنىگە كىرىپ، ھامىلىدارلىقتىن زەھەرلىنىش كېسىلى پەيدا بولىدۇ.

2. بالىياتقۇ، بالا ھەمرىيى، بۆرەك قاتارلىقلارغا قان ۋە ئوكسىگېننىڭ يېتىشمەسلىكى يەنى بالا ھەمرىيى ياكى سويۇلغۇچى پەردە توقۇلمىلىرىغا قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمىگەندە بىر خىل بېسىمنى كۈچەيتكۈچى ماددا ئىشلەپچىقىرىپ، قان تومۇرلارنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان بېسىمنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بەدەندىكى قىل قان تومۇر خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، بالىياتقۇنىڭ قان بىلەن تەمىنلىشىمۇ ئازىيىپ كېتىدۇ، نەتىجىدە بۇ كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ.

3. ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ نورمالسىزلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بالا ھەمرىيى تىۋىتلىق پەردىسىنىڭ جىنسىي بەزنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورموننى ئاجرىتىپ چىقىرىشنىڭ كۈچىيىشى، ئانىلىق ھورمونى ۋە ھامىلىدارلىق ھورمونى ئاجرىتىپ چىقىرىشنىڭ ئازىيىشى نەتىجىسىدە ھورمونلار ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق يوقىلىپ، ئۇششاق قانتومۇرلار تارتىشىپ قېلىپ، قان بېسىمنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا خىزمىتى ھىفوپىز بېزى كۈچىيىپ كېتىشى بېسىمنى كۈچەيتكۈچى-سۈيدۈكنىڭ كۆپ كېلىشىگە قارشى ماددىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىشىنىڭ ئېىشىشى بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بولىدۇ، بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم ۋە سۇلۇق ئىششىق رىنىن−ئانگىئوتىن− ئالدورسترون angiotensin-Aldestironۋەrinen ۋە -Prestaglantin سىتېمىسى تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن كىچىك قىزىل قان تومۇرلار قىسقىرايدۇ ۋە سۇ، ناترىي يىغىلىپ قالىدۇ.

 4. نېرۋا ئامىلىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانا تېنىدە يۈز بېرىدىغان ھەر خىل ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى قۇۋۋىتى نەپساننىڭ تەرتىپكە سېلىشى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. روھىي ئامىللار ياكى تاشقى مۇھىتنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى ۋە ھامىلىدارلىق جەريانىدا بەدەندە يۈز بەرگەن نېرۋا بەدەن سۇيۇقلۇقىدىكى ئۆزگىرىشلەر روھىي نەپسانى ياكى قۇۋۋىتى نەپسانى خىزمىتىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قان تومۇر ھەرىكەت مەركىزىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇ قان تومۇر ھەرىكەت نېرۋىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىنىشى بولۇپ ئىپادىلىنىپ، پۈتۈن بەدەندىكى ئۇششاق قىزىل قان تومۇردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تارتىشىپ قېلىش خاراكتېرلىك تارىيىش يۈز بېرىشكە ئېلىپ بارىدۇ، نەتىجىدە ھامىلىدارلىقتىن زەھەرلىنىش كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ.

بۇنىڭدا قان بېسىمى يەڭگىل دەرىجىدە يۇقىرىلاپ mmHg90/130 بولىدۇ ياكى ئاساسى قان بېسىمدىن 30/15mmHg يۇقىرىلايدۇ ۋە سۈيدۈكتە ئازراق مىقداردا ئاقسىل بولىدۇ ياكى سۇلۇق ئىششىق قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ئىششىق ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇپ، يېتىپ ئارام ئالسىمۇ يانمايدۇ. ھامىلىدارلىقتىكى سۇلۇق ئىششىق 4 دەرىجىگە بۆلىنىدۇ. Ⅰ دەرىجىسى (+): ئىششىق پەقەت ھوشۇق ئەتراپىدا ياكى تىزىنىڭ تۆۋىنىدە بولىدۇ. Ⅱ دەرىجىسى (+,+): سۇلۇق ئىششىق يوتا قىسمىغىچە يېتىدۇ، تېرىلىرى خۇددى ئاپلىسىن پوستىغا ئوخشاپ قالىدۇ. Ⅲ دەرىجىسى (+,+,+): سۇلۇق ئىششىق قورساق ۋە سىرتقى جىنسى ئەزالارغىچە تارقىلىدۇ. تىز تېرىلىرى نېپىزلاپ پاقىرايدۇ. Ⅳ دەرىجىسى (+,+,+,+): پۈتۈن بەدەن ئىششىيدۇ، شۇنداقلا قورساق بوشلىقىغا سۇ يىغىلىدۇ، بەزىدە سىرتتىن قارىغاندا سۇلۇق ئىششىق ئېنىق بىلىنمەيدۇ، بىراق بەدەن ئېغىرلىقى ھەددىدىن زىيادە ئېغىرلاپ كېتىدۇ، بۇ يوشۇرۇن سۇلۇق ئىششىق دىيىلىدۇ. ئېغىر دەرىجىدە ئىششىغاندا دائىم كەم قانلىق ياكى تۆۋەن ئاقسىللىق قان كېسىلى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ئەگەر ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە بەدەن ئېغىرلىقى ھەرھەپتىدە 0.5kg دىن ئېشىپ كەتسە، بۇ توقۇلمىلارغا سۇ يىغىلغانلىقىنى كۆرستىدۇ.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا بۇ كېسەلنىڭ سەۋەبى ئېنق بولمىسىمۇ ئاساسلىقى بالىياتقۇ ئىچىدە بالا ھەمرىيىگە قان يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ دەپ قارالماقتا. بۇ كېسەلدىكى ئەڭ ئاساسلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولسا پۈتۈن بەدەندىكى كىچىك ئارتېرىيىلەرنىڭ سپازمىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاساسلىق ئۆزگىرىش-كىچىك ئارتېرىيىلەر سپازمىلانغاچقا ئەتراپ قان تومۇرلارنىڭ قارشىلىقى كۈچىيىپ قان بېسىمى يۇقىرىلايدۇ، بۆرەك شارچە ئارتېرىيىلەرنىڭ سپازمىسى قان ئېقىمى مىقدارىنى ئازايتىپ، توقۇلمىلاردا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان تومۇر دىۋارىنىڭ ئۆزگۈرۈشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، قان پلازما ئاقسىلىنىڭ ئېقىپ چىقىشىنى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە بۆرەك شارچىسىنىڭ سۈزۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلەنلىتىپ، ناترىي (Na) نىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىنى ئازايتقاچقا، ناترىي ۋە سۇ يىغىلىپ قالىدۇ. ئۇندىن باشقا سۈيدۈك كۆپەيتىشكە قارشى ھورمون ۋە ئالدورسترۇننىڭ سۇلۇق ئىششىقىنى پەيدا قىلىشقا قاتنىشىدىغان-قاتناشمايدىغىنى تېخى ئېنىق ئەمەس. سۇلۇق ئىششىقنىڭ پەيدا بولۇش مېخانىزمىمۇ ھازىرغىچە تېخى تولۇق ئېنىقلانغىنى يوق. كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولغاندا ھەرقايسى ئەزالاردىكى ئارتېرىيىلەر سپازمىلانغانلىقتىن تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

1. مېڭە

مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ سپازمىسى مېڭە توقۇلمىلىرىدا قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ۋە مېڭە سۇلۇق ئىششىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىر قاتار مېڭە ئىچكى بېسىمى ئۆرلەش ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، قان تومۇرلارنىڭ سپازمىلىنىش ۋاقتى ئۇزۇن بولسا، قان نوكچىلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، مېڭە قان تومۇرلىرى يېرىلسا مېڭىگە قان چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ.

2. كۆز

 كۆرۈش تور پەردە قان تومۇرلىرى سپازمىلانسا)قىسقارسا( كۆرۈش تور پەردە سۇلۇق ئىششىقى ھەتتا تورلۇق پەردىنىڭ سويۇلۇپ چۈشۈپ كېتىشىنى پەيدا قىلىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى خىرەلەشتۈرۈپ قويىدۇ. ھەتتا ۋاقىتلىق كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ.

3. يۈرەك

 يۈرەك تاجىسىمان ئارتېرىيىنىڭ سپازمىسى يۈرەك مۇسكۇللىرىدا قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئارىلىق ماددا سۇلۇق ئىششىقىنى ۋە ئىچكى پەردىنىڭ چىكىتسىمان قانىشىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭغا قان سىغىمچانلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنىڭ يۇقىرىلىقى، ئەتراپ قانتومۇر قارشىلىقىنىڭ چوڭىيىشى قوشۇلۇپ يۈرەك زەئىپلىشىنى پەيدا قىلىدۇ.

4. جىگەر

 جىگەر كىچىك ئارتېرىيىلىرىنىڭ سپازمىسى قاپقا ئەتراپى قان تومۇرلىرىنىڭ يېرىلىپ قانىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن جىگەر ھۈجەيرىلىرىگە ئۇزۇن مۇددەت قان يېتىشمەسلىك، جىگەر توقۇلمىلىرىنىڭ نىكروزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. بۆرەك

 بۆرەك كىچىك ئارتېرىيىلىرى سپازمىلىنىدۇ، قىل قان تومۇرلاردىكى قان نوكچىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى بۆرەكتە قان يېتىشمەسلىك، بۆرەك خىزمىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ھەتتا زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. بالا ھەمرىيى

 بالىياتقۇ قان تومۇرلارنىڭ سپازمىسى بالا ھەمرىيىغا قان يېتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىپ ھامىلىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

7. قان تومۇرلاردا كېڭىيىشچان قان ئۇيۇش

 (DIC) بالا ھەمرىيى كېسەللىك ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن توقۇلمىلاردا قان ئۇيۇشنى تېزلەتكۈچى فىرمىنتىنى قويۇپ بېرىدۇ، بۇ بالا ھەمرىيى ئارقىلىق قان ئايلىنىشقا كىرىدۇ، ئەسلىدىمۇ ھامىلىدار ئايالىنىڭ قېنى يۇقىرى ئۇيۇش ھالىتىدە بولغاچقا، بۇ ئىككىسى قوشۇلۇپ قان تومۇرلاردا كېڭىيىشچان قان ئۇيۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دەرىجىگە بۆلۈنۈشى: كلىنكىدا قان بېسىمىنىڭ يۇقىرىلاش دەرىجىسى، سۈيدۈكتىكى ئاقسىل مىقدارى، سۇلۇق ئىششىقنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى ۋە باشقا ئېغىر ئالامەتلەرگە ئاساسەن يېنىك، ئوتتۇرا، ئېغىر دەپ ئۈچ دەرىجىدە بۆلىنىدۇ. يېنىك دەرىجىلىك ھامىلىدارلىقتىن زەھەرلىنىش كېسىلى (يېنىك دەرىجىلىك ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم يىغىندى ئالامىتى ھامىلىدارلىق ئىششىقى ۋە ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم←ئوتتۇرا دەرىجىلىك ھامىلىدارلىقتىن زەھەرلىنىش كېسىلى ← ئېغىر دەرىجىلىك ھامىلىدارلىقتىن زەھەرلىنىش كېسىلى)ئېھتىمالى بولغان ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقى ← ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىق

ھامىلىدارلىقتا كۆرۈلگەن يۇقىرى قان بېسىمى يېنىك دەرىجىدە كۆرۈلگەندە سۇلۇق ئىششىق قوشۇلۇپ كېلىدۇ، سۇلۇق ئىششىق دەرىجىسى ئېغىرلاشقاندا دائىم كەم قانلىق ياكى تۆۋەن ئاقسىللىق قان كېسىلى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا تېزلا ساقىيىپ كېتىدۇ.

تىپىك ئالامىتى ۋە ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ. بۇنىڭدا ھامىلىدار ئايالنىڭ قان بېسىمى يەڭگىل دەرىجىدە يۇقىرىلاپ كېتىدۇ ۋە سۈيدۈكتە ئاز مىقداردا ئاقسىل بولىدۇ ياكى سۇلۇق ئىششىق قوشۇلۇپ كېلىدۇ، لېكىن سۇلۇق ئىششىقنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ.

سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىق قايتۇرۇش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم يىغىندى ئالامەتلىرىيېنىك دەرىجىدىكى ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنى ئادەتتە ئامبۇلاتورىيە شارائىتىدا داۋالاش بىلەن بىرگە بىمارنى ياخشى ئارام ئالدۇرۇش، خىزمەت مىقدارىنى مۇۋاپىق ھالدا ئازايتىش ۋە ئۇخلىغاندا كۆپىنچە سول تەرەپنى بېسىپ يېتىش ئارقىلىق ئوڭ تەرەپكە ئۆرۈلۈپ قالغان بالىياتقۇنىڭ ئومۇرتقا ئالدىنقى چوڭ قان تومۇرىنى بېسىشتىن ساقلاپ بالىياتقۇ ۋە بالا ھەمرىيىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاش لازىم. دورىلاردىن سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىششىق قايتۇرۇش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە ئەرقى بادىيان، ئەرقى كاسىنە، سىفوفى خىرپە، داۋايى مۇدىر، داۋايى مۇدىرى بەۋىل، مائۇل ئۇسۇل بۇزۇرى، ھەببى مورمەككى، شەربىتى بۇزۇرى، ئەرقى گۈل، ئەرقى سەندەل، چىلان شەربىتى، ئىتتىرفىل كەشنىز قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرىلىدۇ.

تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، قان بېسىمى، سۈيدۈكتىكى ئاقسىل، سۇلۇق ئىششىق، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ نورمالسىزلىق بايقالسا دەرھال چارە قىلىش لازىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1209

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1209

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#