ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى تەرتىپ قائىدىسى

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى تەرتىپ قائىدىسى

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى تەرتىپ قائىدىسى 2006-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى مىنىستىرلىق ئىشلىرى يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان ھەمدە ئېلان قىلىنغان، 2006-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. 

ئۇيغۇرچە نامى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى تەرتىپ قائىدىسى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2006-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2006-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 公证程序规则
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2006-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى
ھۆججەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەدلىيە مىنىستىرلىكى 103-نومۇرلۇق بۇيرۇقى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەدلىيە مىنىستىرلىكى 103-نومۇرلۇق بۇيرۇقى 

«ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى تەرتىپى قائىدىسى» 2006-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى مىنىستىرلىق ئىشلىرى يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى ھەمدە ئېلان قىلىندى، 2006-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 2002-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېلان قىلغان. «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى تەرتىپى قائىدىسى» (ئەدلىيە مىنىستىرلىكى 72-نومۇرلۇق پەرمانى) بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.

ئەدىلىيە مىنىستىرى ۋۇ ئەييىڭ

 2006- يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى 

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قائىدە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى» (تۆۋەندە «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى» دەپ قىسقارتىلدى) ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تۈزۈلدى.

2-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىشتە قانۇنغا رىئايە قىلىشى، ئوبيېكتىپ بولۇش، لىللا بولۇش پرىنسىپىغا رىئايە قىلىشى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنىڭ كەسىپكارلىق ئۆلچىمى ۋە كەسىپكارلىق ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشى كېرەك.

3-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى فۇنكىسىيىسىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالىدۇ، ھەرقانداق ئورۇن، شەخسنىڭ قانۇنسىز ئارىلىشىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئۇنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتى قانۇنسىز دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىمايدۇ.

4-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىنى بېجىرىشى، شۇ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ نامىدا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى بېرىشى كېرەك.

5-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ بەلگىلىشىنى قوبۇل قىلىپ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىنى «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى» ۋە مۇشۇ قائىدىدە بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بېجىرىدۇ ھەمدە بەرگەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىگە ئىسمىنى يازىدۇ.

«ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى» ۋە مۇشۇ قائىدىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىش داۋامىدا ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىنىڭ ئۆزى بېجىرىشى شەرت قىلىنغان ئىشنى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىدىكى باشقا خادىملارنى بېجىرىشكە بەلگىلىسە بولمايدۇ.

6-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىشتە «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى»نىڭ 13-ماددىسى ۋە 23-ماددىسىدا مەنئىي قىلىنغان ئىشلارنى قىلسا بولمايدۇ.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىدىكى باشقا خادىملار شۇنىڭدەك مۇشۇ قائىدە بويىچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپى بىلەن ئۇچرىشىدىغان مۇناسىۋەتلىك خادىملار ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىگە ئارىلىشىش داۋامىدا بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ياكى شەخسنىڭ سىرىنى ئاشكارىلاپ قويسا بولمايدۇ.

7-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنىڭ سۈپىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىنىڭ كەسىپكارلىق ھەرىكىتىگە نازارەتچىلىك قىلىشى كېرەك.

8-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى» ۋە مۇشۇ قائىدىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىنىڭ كەسىپكارلىق پائالىيىتىگە ۋە تەرتىپ قائىدىسىگە رىئايە قىلىش ئەھۋالىغا نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچلىك قىلىدۇ. ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتى نىزامنامە ۋە كەسىپ قائىدىسى بويىچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىنىڭ كەسىپكارلىق پائالىيىتى ۋە تەرتىپ قائىدىسىگە رىئايە قىلىش ئەھۋالىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ.

2-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىلتىماس قىلغۇچى

9-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىلتىماس قىلغۇچى دېگەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان ھەمدە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىشنى ئۆز نامىدا ئوتتۇرىغا قويىدىغان، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى پائالىيىتى داۋامىدا ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدىغان ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنى كۆرسىتىدۇ.

10-ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەر ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا ئۇنىڭ ۋەسىيسى ۋاكالەتچىلىك قىلىشى كېرەك.

قانۇنىي ئىگە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا ئۇنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ۋەكىل بولۇشى كېرەك.

باشقا تەشكىلاتلار ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا ئۇنىڭ مەسئۇلى ۋەكىل بولۇشى كېرەك.

11-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ، لېكىن ۋەسىيەت، ھەدىيە قىلىش-بېقىش كېلىشىمى، ھەدىيە، بالىسىنى تونۇۋېلىش، بېقىش مۇناسىۋىتى، بېقىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش، ياشاش ئەھۋالى، ھاۋالە، بايانات، كاپالەت شۇنىڭدەك تەبىئىي شەخسنىڭ جىسمانىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بولغان باشقا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشلىرىنى بېجىرىشنى شۇ كىشىنىڭ ئۆزى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىدىكى باشقا خادىملار شۇ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىدا باشقىلارنىڭ نامىدا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ.

12-ماددا شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىلتىماس قىلغۇچىلار باشقىلارغا ۋارىسلىق، مال-مۈلۈك ھوقۇق-مەنپەئىتىنى بىر تەرەپ قىلىش، جىسمانىي مۇناسىۋەتنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق مۇھىم ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشلىرىنى بېجىرىشنى ھاۋالە قىلىشتا، ھوقۇق بېرىش ھاۋالىنامىسى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى گۇۋاھچى (ئاپپاراتى)نىڭ گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى ياكى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بەلگىلىگەن ئاپپارات، خادىملارنىڭ ئىسپاتلىشىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك.

دۆلەت سىرتىدا ئولتۇرۇۋاتقان ئىلتىماس قىلغۇچى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مۇھىم ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشلىرىنى بېجىرىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىشتا، ئۇنىڭ ھوقۇق بېرىش ھاۋالىنامىسى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى گۇۋاھچى (ئاپپارات)، دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا (كونسۇلخانا)نىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك.

3-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنىڭ كەسىپكارلىق رايونى

13-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنىڭ كەسىپكارلىق رايونى دېگەن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى»نىڭ 25-ماددىسى ۋە «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىقىنى باشقۇرۇش چارىسى»نىڭ 10-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە شۇنىڭدەك شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ تەسىس قىلىنىش لايىھىسىگە ئاساسەن ئايرىلغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىنى قوبۇل قىلىدىغان رايون دائىرىسىنى كۆرسىتىدۇ.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىق رايونىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى شۇ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ قۇرۇلۇشى ياكى ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندا بېكىتىدۇ.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپىنى بېكىتىلگەن كەسىپكارلىق رايونى ئىچىدە قوبۇل قىلىشى كېرەك.

14-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىنى ئىلتىماس قىلغۇچى تۇرۇشلۇق جاي، دائىم ئولتۇرۇشلۇق جاي، ھەرىكەت ياكى پاكىت يۈز بەرگەن جايدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قوبۇل قىلىدۇ.

كۆچمەس مۈلۈككە چېتىلىدىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىنى كۆچمەس مۈلۈك تۇرۇشلۇق جايدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قوبۇل قىلىدۇ؛ كۆچمەس مۈلۈككە چېتىلىدىغان ھاۋالە، بايانات، ھەدىيە، ۋەسىيەتكە دائىر ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىنى تەتبىق قىلىشقا بولىدۇ.

15-ماددا ئىككىدىن ئارتۇق ئىلتىماس قىلغۇچى ئوخشاش بىر ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ھەرىكەت، پاكىت يۈز بەرگەن جايدىكى ياكى ئۇلاردىن بىر ئىلتىماس قىلغۇچى تۇرۇشلۇق جاي، دائىم ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا بىرلىكتە بېرىپ ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

16-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى شۇ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىنى قوبۇل قىلسا بولىدىغان ئىككىدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلسا، ئىلتىماسنى ئەڭ ئاۋال قوبۇل قىلغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى بېجىرىدۇ.

4-باب ئىلتىماس قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش

17-ماددا تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلىنى تولدۇرۇشى كېرەك. ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلىگە تۆۋەندىكى مەزمۇنلار يېزىلىشى لازىم:

(1) ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى؛

(2) ئىلتىماس قىلغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشى ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى ئىشلىتىش ئورنى؛

(3) تاپشۇرغان ئىسپات ماتېرىيالىنىڭ نامى، سانى شۇنىڭدەك ئالاقىدار گۇۋاھچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئادرېسى، ئالاقىلىشىش شەكلى؛

(5) ئىلتىماس قىلغان ۋاقتى؛

(6) چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىك باشقا ئەھۋاللار.

ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلىگە ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى، ئىمزا قويالمىسا، تامغا باسالمىسا، بارمىقىنى بېسىشى كېرەك.

18-ماددا تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

(1) تەبىئىي شەخسنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، قانۇنىي ئىگىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى ۋە قانۇنىي ۋەكىلنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، باشقا تەشكىلاتنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى؛

(2) ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىشتا، ۋاكالەتچى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ھوقۇق بېرىش ھاۋالىنامىسىنى تاپشۇرۇشى؛ قانۇنىي ۋاكالەتچى ياكى باشقا ۋاكالەتچى ۋاكالەتچىلىك قىلىش ھوقۇقى بارلىقى ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك؛

(3) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ھۆججەت؛

(4) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىشنىڭ ئىسپات ماتېرىيالى مال-مۈلۈك مۇناسىۋىتىگە چېتىلسا، مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇشى كېرەك؛

(5) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىشقا مۇناسىۋەتلىك باشقا ماتېرىياللار.

19-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە توشىدىغان ئىلتىماسنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ:

(1) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىش بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولسا؛

(2) ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىش توغرىسىدا تالاش-تارتىش بولمىسا؛

(3) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىش «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى»نىڭ 11-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن دائىرىگە ئۇيغۇن بولسا؛

(4) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىش «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى»نىڭ 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ۋە شۇ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىق رايونى ئىچىدە قوبۇل قىلسا بولىدىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسپى دائىرىسىگە ئۇيغۇن بولسا.

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن ئىش ئالدىنقى تارماقنىڭ 1-، 2-، ۋە 4-تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

مۇشۇ ماددىنىڭ 1- ۋە 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن شبەرتلەرگە توشمايدىغان ئىلتىماسنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قوبۇل قىلمايدۇ ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ، مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ 4-تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقتىن قوبۇل قىلمايدىغان بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا مەزكۇر ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىنى قوبۇل قىلسا بولىدىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىشنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.

20-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۋۇاھلىقى بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغۇچىغا قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى بېرىش كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى تاپشۇرۇۋېلىش قەغىزىگە ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋېلىش كېرەك.

21-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغۇچىغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىشنىڭ قانۇن ئەھمىيىتى ۋە كېلىپ چىقىش مۇمكىنچىلىكى بولغان قانۇن ئاقىۋەتنى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىش داۋامىدا ئۇ بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇق، ئۈستىگە ئالىدىغان مەجبۇرىيەتنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى، ئۇقتۇرۇش شەكلى ۋە ۋاقىتنى خاتىرىلەپ ئارخىپقا سېلىش لازىم.

22-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلغۇچىدىن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققى ئېلىشى لازىم. ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىلىپ بولغاندىن كېيىن بەلگىلىگەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققى بىلەن ئالدىن ئالغان ھەق مىقدارى بىردەك بولمىسا، قايتۇرۇش ياكى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىش كېرەك.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى بېرىش شەرتكە توشىدىغان ئىلتىماس قىلغۇچىدىن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققىنى بەلگىلىمە بويىچە كېمەيتىپ ئېلىشى ياكى كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك.

23-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بېجىرىدىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىنى بەلگىلىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچى ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلسا، تەكشۈرۈش ئارقىلىق «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى» 23-ماددىسىنىڭ 3-تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن چەتلەپ تۇرۇش ئەھۋالىغا تەۋە بولسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى باشقا ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىنى بېجىرىشكە ئۆزگەرتىپ بەلگىلىشى لازىم.

5-باب تەكشۈرۈش

24-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئوخشاش بولمىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشلىرىنى بېجىرىش قائىدىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەكشۈرۈشى كېرەك:

(1) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سانى، سالاھىيىتى، مەزكۇر ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىنى بېجىرىش سالاھىيىتى شۇنىڭدەك مۇناسىپ ھوقۇقلىرى؛

(2) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ مەقسىتىنى ئىپادىلىشىنىڭ چىن-چىن ئەمەسلىكى؛

(3) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ھۆججەت مەزمۇنىنىڭ مۇكەممەل-مۇكەممەل ئەمەسلىكى، مەنىسىنىڭ ئېنىق-ئېنىق ئەمەسلىكى، ئىمزا، تامغىلارنىڭ تولۇق-تولۇق ئەمەسلىكى؛

(4) تاپشۇرغان ئىسپات ماتېرىياللىرىنىڭ چىن، قانۇنلۇق، تولۇق بولغان-بولمىغانلىقى؛

(5) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىشنىڭ چىن، قانۇنلۇق ئىكەنلىكى-ئەمەسلىكى.

25-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئەينەن بايان قىلىشى، تاپشۇرغان ئىسپات-ماتېرىياللىرى چىن، قانۇنلۇق، تولۇق بولۇشى كېرەك.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تەكشۈرۈش جەريانىدا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىشنىڭ چىنلىقى، قانۇنلۇقلىقىدا گۇمان بولۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشىنى ياكى تاپشۇرغان ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تولۇق ئەمەس، مۇكەممەل ئەمەس ياكى گۇمان بار دەپ قارىسا، ئىلتىماس قىلغۇچىدىن ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشنى ياكى ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

ئىلتىماس قىلغۇچى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرۈش ياكى ئىسپات ماتېرىياللارنى تولۇقلاشنى رەت قىلسا، مۇشۇ قائىدىنىڭ 48-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

26-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تەكشۈرۈش داۋامىدا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىش شۇنىڭدەك ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرغان ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىش قائىدىسى بويىچە تەكشۈرۈپ دەلىللەشكە توغرا كەلسە ياكى ئۇنىڭدا گۇمان بولسا دەلىللىشى ياكى باشقا جايدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا ۋاكالىتەن دەلىللەشننى ھاۋالە قىلىشى كېرەك. ئالاقىدار ئورۇن ياكى شەخس قانۇن بويىچە ياردەملىشىشى لازىم.

27-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋال ۋە ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تۆۋەندىكى شەكىلنى قوللىنىپ دەلىللىسە بولىدۇ:

(1) ئىلتىماس قىلغۇچى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشىلەردىن سوراپ دەلىللەش؛

(2) گۇۋاھچىدىن سوراپ دەلىللەش؛

(3) ئالاقىدار ئورۇن ياكى شەخسدىن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئىگىلەش ياكى دەلىللەش، مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپات، ماددىي ئىسپات، كۆرۈش، ئاقلاش ماتېرىيالى قاتارلىق ئىسپات ماتېرىياللىرىنى توپلاش؛

(4) نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ئارقىلىق دەلىللەش؛

(5) كەسپى ئاپپارات ياكى كەسپى خادىملارغا باھالاش، تەكشۈرۈش ۋە ئۆلچەش، تەرجىمە قىلىشنى ھاۋالە قىلىش.

28-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى دەلىللەشتە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزام ۋە گۇۋاھلىق بېجىرىشكە ئائىت قائىدىلەرنىڭ بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى سىرتقا چىقىپ دەلىللەشكە خادىم ئەۋەتكەندە، ئىككى ئادەم بىرلىكتە ئېلىپ بېرىش لازىم، لېكىن يازما ئىسپاتنى دەلىللەش، توپلاش بۇنىڭ سىرتىدا. پەۋقۇلئاددە ئەھۋالدا بىر ئادەم سىرتقا چىقىپ دەلىللىگەندە، بىرنەپەر شاھىد تۆپىدە تۇرۇشى لازىم.

29-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىدا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشى ياكى مۇناسىۋەتلىك گۇۋاھچىدىن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىلىدىغان ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋال شۇنىڭدەك ئىسپات ماتېرىياللىرىنى سوئال سوراش شەكلىدە ئىگىلەش، دەلىللەشتە، سوئال سورالغۇچىغا بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقى، ئۈستىگە ئالىدىغان مەجبۇرىيىتى ۋە قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئېيتىپ قويۇش كېرەك. سورالغان مەزمۇندىن خاتىرە تەييارلاش كېرەك.

سوراش خاتىرىسىگە: سورىغان ۋاقىت، جاي، سورىغۇچى، خاتىرىلىگۈچى، سوراش سەۋەبى، سورالغۇچىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، ئېيتىپ قويۇش مەزمۇنى، سوراش سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنى قاتارلىقلارنى يېزىش كېرەك.

سوراش خاتىرىسى سورالغۇچىغا تاپشۇرۇپ تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئىمزا قويۇش، تامغا، بارمىقىنى بېسىشى كېرەك. خاتىرىدىكى تۈزىتىلگەن جايغا سورالغۇچى تامغا بېسىپ ياكى بارمىقىنى بېسىپ ئېتىراپ قىلىشى لازىم.

30-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىدىغان ئىش بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشى، گۇۋاھچى ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇن، شەخسدىن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىلىدىغان ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتېرىيالنى دەلىللىگەن ياكى توپلىغاندا، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆچۈرۈۋېلىش، تەقلىت قىلۋېلىش (تەقلىت قىلىپ ياساش)، ئەسلى نۇسخىسى، ئارخىپ ماتېرىيالنى ئىسپاتلاشقا ياكى دەلىل-ئىسپات قىلىنغان ئەمەلىي نەرسىنىڭ سۈرىتى ھەمدە يېزىقچە بايانىنى خاتىرىلەشكە توغرا كەلسە، كۆچۈرۈۋالغان تەقلىت قىلىۋالغان (تەقلىت قىلىپ ياسىغان) ماتېرىياللار ياكى ماددى ئىسپاتنىڭ سۈرىتى شۇنىڭدەك يېزىقچە باياننىڭ خاتىرىسى ئەسلى نۇسخىسى ياكى ئەسلى ماددى ئىسپاتقا ئوخشاش بولۇشى، ھەمدە ماتېرىيال، ئەسلىي نۇسخا، ماددى ئىسپاتنى ئىلكىدە تۇتقۇچى ياكى ئارخىپ ساقلىغۇچى كۆچۈرۈلگەن، تەقلىت قىلىنغان (تەقلىت قىلىپ ياسىغان) ماتېرىيال ياكى ماددى ئىسپات سۈرىتى شۇنىڭدەك يېزىقچە باياننىڭ خاتىرىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندىن كېيىن ئۈستىگە ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك.

31-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىدىغان ئىش ھەمدە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتېرىياللىرىنى نەق مەيداننى تەكشۈرۈش شەكلىدە دەلىللەشتە تەكشۈرۈش خاتىرىسى تەييارلاش، ئۇنىڭغا دەلىللىگۈچى خادىملار ۋە شاھىدلار ئىمزا قويۇش ياكى تامغا بېسىشى لازىم. تەكشۈرۈش ئەھۋالى ياكى دەلىل-ئىسپات قىلىنغان ئەمەلىي نەرسىنى چېرتيۇژ سىزىش، سۈرەتكە تارتىش، سىنئالغۇغا ياكى ئۈنئالغۇغا ئېلىش شەكلىنى قوللىنىپ خاتىرىلەشكە بولىدۇ.

32-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ھۆججەت ياكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشلىرىنىڭ ئىسپات ماتېرىياللىرىنى كەسپى ئاپپاراتىغا ياكى كەسپى خادىملارغا باھالاش، تەكشۈرۈش، ئۆلچەش، تەرجىمە قىلىشنى ھاۋالە قىلىشقا توغرا كەلسە، ئىلتىماس قىلغۇچىغا ھاۋالە قىلىپ بېجىرىشنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش ياكى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىپ ۋەكالىتەن بېجىرىش كېرەك. باھالاش پىكىرى، تەكشۈرۈش، ئۆلچەش يەكۈنى، تەرجىمە ماتېرىيالىغا ئالاقىدار كەسپى ئاپپارات شۇنىڭدەك باھالىغۇچى، تەكشۈرۈپ ئۆلچىگۈچى، تەرجىمە قىلغۇچى خادىملار تامغا بېسىشى ۋە ئىمزا قويۇشى كېرەك.

باھالاش، تەكشۈرۈش، ئۆلچەش، تەرجىمە قىلىشتا ئېھتىياجلىق بولغان خىراجەتنى ئىلتىماس قىلغۇچى چىقىرىدۇ.

33-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىلىدىغان ئىش شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتېرىياللىرىنى دەلىللەشنى باشقا جايدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىشتا، دەلىللەشنى ھاۋالە قىلىش ئالاقىسى چىقىرىپ ئۇنىڭدا دەلىللەشكە تېگىشلىك بولغان ئىش ۋە مەزمۇن توغرىسىدا تەلەپنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. ھاۋالىنى قوبۇل قىلغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھاۋالە ئالاقىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەلىللەشنى بىر ئاي ئىچىدە تاماملىشى كېرەك. مەلۇم سەۋەپ تۈپەيلىدىن ئورۇنلىيالمىسا ياكى دەلىللەشكە ئامالسىز قالسا، دەلىللەشنى ھاۋالە قىلغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا يۇقىرىدىكى سۈرۈك ئىچىدە ئالاقە ئەۋەتىپ ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

34-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تەكشۈرۈش داۋامىدا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ھۆججەتنىڭ مەزمۇنى مۇكەممەل ئەمەس، ئىپادىلىشى دەل ئەمەس دەپ ھېسابلىسا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تولۇقلىشىغا ياكى تۈزىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچى تولۇقلاشنى، تۈزىتىشنى رەت قىلسا، خىزمەت خاتىرىسىدە ئەسكەرتىش لازىم.

ئىلتىماس قىلغۇچى تەلەپ قىلسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ھۆججەتنى ۋەكالىتەن تەييارلاپ بەرسە، تۈزىتىپ بەرسە بولىدۇ.

6-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى بېرىش

35-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىش «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى»، مۇشۇ قائىدە ۋە ئالاقىدار گۇۋاھلىق بېجىرىش قائىدىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 15 خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى بېرىشى كېرەك.

قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ سەۋەبىدىن ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تولۇقلاش ياكى دەلىللەشكە توغرا كەلگەن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى دەلىللەشكە كەتكەن ۋاقىتنى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىگە ھېسابلىماسلىق ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

36-ماددا ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىگە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق بېرىش تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك:

(1) ئىلتىماس قىلغۇچى مەزكۇر ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتى ۋە مۇناسىپ ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش؛

(2) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئارزۇسىنى ئىپادىلىشى چىن بولۇش؛

(3) شۇ ھەرىكەتنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلى قانۇنلۇق بولۇش، ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ بولماسلىق؛

(4) «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

ئوخشاش بولمىغان ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىگە بېرىلىدىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنىڭ گۇۋاھلىق بېجىرىش قائىدىسىدە پەۋقۇلئاددە تەلەپ بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

37-ماددا قانۇن ئەھمىيىتىگە ئىگە پاكىت ياكى ھۆججەتكە بېرىلىدىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇش كېرەك:

(1) شۇ پاكىت ياكى ھۆججەت بىلەن ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولۇش؛

(2) پاكىت ياكى ھۆججەت چىن، خاتاسىز بولۇش؛

(3) پاكىت ياكى ھۆججەتنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلى قانۇنلۇق بولۇش، ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ بولماسلىق؛

(4) «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

ئوخشاش بولمىغان قانۇن ئەھمىيىتىگە ئىگە پاكىت ياكى ھۆججەتكە بېرىلىدىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنىڭ گۇۋاھلىق بېجىرىش قائىدىسىدە پەۋقۇلئاددە تەلەپ بولسا شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

38-ماددا ھۆججەتتىكى ئىمزا، تامغا، ۋاقىتقا بېرىلىدىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدا ئىمزا، تامغا، ۋاقىت دەل بولۇش، راست بولۇش كېرەك؛ ھۆججەتنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى، سۈرەتكە ئېلىنغان نۇسخىسى قاتارلىقلارغا بېرىلىدىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدا، ھۆججەتنىڭ مەزمۇنى ئەسلى نۇسخىسىغا ئوخشاش بولۇش كېرەك.

39-ماددا مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش كۈچىگە ئىگە ھەقدارلىق ھۆججىتىگە بېرىلىدىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك:

(1) ھەقدارلىق ھۆججىتى پۇل، بويۇم ياكى ئاكسىيە بېرىشنى مەزمۇن قىلغان بولۇش؛

(2) ھەقدارلىق، قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى ئېنىق، ھەقدار ۋە قەرزدار ھەقدارلىق ھۆججىتىنىڭ بېرىش مەزمۇنىغا شۈبھىسىز بولۇش؛

(3) ھەقدارلىق ھۆججىتىگە قەرزدار مەجبۇرىيتىىنى ئادا قىلمىغان ياكى نامۇۋاپىق ئادا قىلغاندا، قەرزدارنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشىنى خالايدىغانلىق ۋەدىسى يېزىلغان بولۇش؛

(4) «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

40-ماددا «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى»، مۇشۇ قائىدە ۋە گۇۋاھلىق بېجىرىشكە ئائىت قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشلىرىدا ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى تەييارلاپ ئۇنى گۇۋاھلىق بېرىلىدىغان ھۆججەت، ئىلتىماس قىلغۇچى تەمىنلىگەن ئىسپات ماتېرىياللىرى شۇنىڭدەك ئەھۋالنى دەلىللەش ماتېرىيالى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنى تەكشۈرۈش پىكىرىگە قوشۇپ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى ياكى ئۇ بەلگىلىگەن ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا مەلۇم قىلىدۇ، لېكىن بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى ياكى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا بەلگىلەنگەن ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى ئۆزى بېجىرگەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىنى تەستىقلىسا بولمايدۇ.

41-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىلىدىغان ئىش ۋە بېرىلمەكچى بولغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى تەكشۈرۈشتە تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈش كېرەك:

(1) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىش ۋە ھۆججەتنىڭ چىن-چىن ئەمەسلىكى، قانۇنلۇق-قانۇنلۇق ئەمەسلىكى؛

(2) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىلىدىغان ئىشتىكى ئىسپات ماتېرىيالىنىڭ چىن، قانۇنلۇق، تولۇق ئىكەنلىكى-ئەمەسلىكى؛

(3) گۇۋاھلىق بېجىرىش تەرتىپىنىڭ «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى»، مۇشۇ قائىدە ۋە ئالاقىدار گۇۋاھلىق بېجىرىش قائىدىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن-ئۇيغۇن ئەمەسلىكى؛

(4) بەرمەكچى بولغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنىڭ مەزمۇنى، بايان قىلىنىشى ۋە شەكلىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن-ئۇيغۇن ئەمەسلىكى.

چوڭ، مۇرەككەپ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىنى تەستىقلاشتا، تەستىقلاشتىن ئىلگىرى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ كوللېكتىپ مۇزاكىرىسىگە تاپشۇرۇش كېرەك. مۇزاكىرە قىلىش ئەھۋالى ۋە شەكىللەنگەن پىكىرنى خاتىرىلەپ ئارخىپقا سېلىش كېرەك.

42-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بەلگىلىگەن شەكىلدە تەييارلىنىشى كېرەك. ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى تۆۋەندىكى ئاساسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنىڭ رەت نومۇرى؛

(2) ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسىنىڭ ئاساسى ئەھۋالى؛

(3) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى سۆزى؛

(4) بېجىرگۈچى ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىنىڭ ئىمزاسى (ئىمزا تامغىسى)، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ تامغىسى؛

(5) گۇۋاھلىق بېرىلگەن ۋاقتى.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى سۆزىدە ئىسپاتلانغان ھۆججەت ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنىڭ تەشكىلى قىسمىدۇر.

ئالاقىدار گۇۋاھلىق بېجىرىش قائىدىسىدە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنىڭ شەكلىگە ئالاھىدە تەلەپ قويۇلغان بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

43-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى مەملىكەت بويىچە ئورتاق ئىشلىتىدىغان يېزىقتا تەييارلاش لازىم. مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بىرلا ۋاقىتتا شۇ جايدا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان مىللەت يېزىقىدىكى نۇسخىسىنى تەييارلاپ بېرىشكە بولىدۇ. ئىككى خىل يېزىقتىكى نۇسخىسىنىڭ كۈچى ئوخشاش بولىدۇ.

شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىدا ئىشلىتىشكە ئەۋەتىلىدىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىگە مەملىكەت بويىچە ئورتاق ئىشلىتىدىغان يېزىق ئىشلىتىش كېرەك.

دۆلەت سىرتىدا ئىشلىتىشكە ئەۋەتىلىدىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىگە مەملىكەت بويىچە ئورتاق ئىشلىتىدىغان يېزىق ئىشلتىش كېرەك. ئېھتىياجغا ۋە ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىگە چەت ئەل يېزىقىدىكى تەرجىمىسىنى قوشۇمچە قىلىشقا بولىدۇ.

44-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى بېرىلگەن كۈندىن ئېتىبارەن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا توغرا كېلىدىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىدا تەستىقلىغۇچى تەستىقلىغان ۋاقىت ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى بېرىلگەن ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ. تەستىقلاشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىدا بېجىرگۈچى ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى ئىمزا قويغان ۋاقىت ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى بېرىلگەن ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ؛ نەق مەيداندا نازارەتچىلىك قىلىش تۈرىدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى سۆزىنى نەق مەيداندا جاكارلاشقا توغرا كەلسە، جاكارلىغان ۋاقىت ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى بېرىلگەن ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ.

45-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تەييارلىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنىڭ رەسمىي نۇسخىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچى ھەرقايسى تەرەپلەر بىر نۇسخىدىن تۇتىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بىرنەچچە پارچە قوشۇمچە نۇسخىسىنى تەييارلاشقا بولىدۇ. ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى (تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئورگىنالى، تارقتىىشقا ئىمزا قويۇش ئورگىنالى) ۋە بىر نۇسخا رەسمىي نۇسخىسىنى ئارخىپتا ساقلايدۇ.

46-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى بېرىلگەندىن كېيىن ئىلتىماس قىلغۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا كېلىپ ئالسا بولىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تەلىپى بويىچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ئەۋەتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، تاپشۇرۇۋېلىش قەغىزىگە ئىمزا قويۇشى كېرەك.

47-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى كونسۇللۇق ئېتىراپ قىلىشتىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلسە، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە ياكى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى كونسۇللۇق ئېتىراپ قىلىشنى ۋاكالىتەن بېجىرسە، بۇنىڭغا كېتىدىغان خىراجەتنى ئىلتىماس قىلغۇچى تۆلىسە بولىدۇ.

7-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنى بېجىرمەسلىك ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇش

48-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشلىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ:

(1) ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەرنىڭ ۋەسىيلىرى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئېلىشنى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلمىسا؛

(2) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان ئىش بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولمىسا؛

(3) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان ئىش كەسپى تېخنىكا بويىچە باھالايدىغان ۋە مۆلچەرلەيدىغان ئىش بولسا؛

(4) ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان ئىش ئۈستىدە تالاش-تارتىش بولسا؛

(5) ئىلتىماس قىلغۇچى پاكىتنى ئويدۇرغان، يوشۇرغان ياكى يالغان ئىسپات ماتېرىيالى بەرگەن بولسا؛

(6) ئىلتىماس قىلغۇچى بەرگەن ئىسپات ماتېرىيالى تولۇق بولمىسا ياكى ئىسپات ماتېرىيالىنى تولۇقلاشنى رەت قىلسا؛

(7) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان ئىش چىن، قانۇنلۇق بولمىسا؛

(8) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان ئىش ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ بولسا؛

(9) ئىلتىماس قىلغۇچى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققىنى بەلگىلىمە بويىچە بەرمىسە.

49-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بەرمەسلىكتە ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى يازما دوكلات يېزىپ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلىغا تەستىقلىتىدۇ. ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بەرمەسلىك توغرىسىدىكى قارارىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسىگە يازمىچە ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بەرمىسە، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى گۇۋاھلىق بەرمەسلىكنىڭ سەۋەبى ۋە مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن ئەھۋالغا قاراپ ئالغان گۇۋاھلىق ھەققىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى قايتۇرۇپ ېبرىش كېرەك.

50-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك:

(1) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىنى ئالتە ئاي ئىچىدە بېجىرىپ تاماملىغىلى بولمىسا؛

(2) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى بېرىلىشتىن ئىلگىرى ئىلتىماس قىلغۇچى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىش ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالسا؛

(3) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان تەبىئىي شەخس ئۆلۈپ كېتىپ، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ئاخىرلىشىپ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنى بېجىرىشنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمىسا ياكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنى داۋاملىق بېجىرىشنىڭ ئەھمىيىتى قالمىسا؛

(4) ئىلتىماس قىلغۇچى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ۋە بېجىرگۈچى ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىنىڭ بەلگىلەنگەن تەرتىپ، مۆھلەت ئىچىدە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىشكە كاشىلا پەيدا قىلسا، توسقۇنلۇق قىلسا؛

(5) ئاخىرلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك باشقا ئەھۋاللار بولسا.

51-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا، بېجىرگۈچى ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى يازما دوكلات يېزىپ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى مەسئۇلىنىڭ تەستىقلىشىغا مەلۇم قىلىدۇ. ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇش قارارىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسىگە يازمىچە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ئاخىرلاشتۇرۇش سەۋەبى ۋە جاۋابكارلىقىغا ئاساسەن ئالغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققىنىڭ بىر قىسمىنى ئەھۋالىغا قاراپ قايتۇرۇشى كېرەك.

8-باب ئالاھىدە بەلگىلىمە

52-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش، كىمئارتۇق سودىسى، مۇكاپات نومۇرىنى ئېلان قىلىشتەك نەق مەيداندا نازارەتچىلىك قىلىش تۈرىدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنى ئىككى ئادەم ئورتاق بېجىرىشى كېرەك. بېجىرگۈچى ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىشتىن ئاۋال تەكشۈرۈشى، نەق مەيداندا نازارەتچىلىك قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ چىنلىقى، قانۇنلۇقلىقىنمى ئىسپاتلىشى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى سۆزىنى نەق مەيداندا جاكارلىشى ھەمدە جاكارلىغاندىن كېيىن يەتتە كۈن ئىچىدە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يەتكۈزۈشى كېرەك. بۇ خىلدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى سۆزىنى جاكارلىغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

نەق مەيداندا نازارەتچىلىك قىلىش تۈرىدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشلىرىنى بېجىرگۈچى ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ يالغانچىلىق، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش، پائالىيەت قائىدىسى، دۆلەتنىڭ قانۇن ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتى بارلىقىنى سەزسە، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تۈزىتىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك؛ ئىلتىماس قىلغۇچى تۈزەتمىسە، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىپ بەرمەسلىكى لازىم.

53-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ۋەسىيەتكە بېجىرىدىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنى ئىككى كىشى ئورتاق بېجىرىش كېرەك. بېجىرگۈچى ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى پۈتۈن جەرياننى ئۆزى بېجىرىشى لازىم.

پەۋقۇلئاددە ئەھۋالدا بىرلا ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى بېجىرگەندە، بىر شاھىتنى تۆپىدە تۇرۇشقا تەكلىپ قىلىشى، شاھىت سوراش خاتىرىسىگە ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك.

54-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى سىرتقا خادىم ئەۋەتىپ دەلىل-ئىسپاتنى ئامان ساقلاشقا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرگەندە، ئىككى كىشى ئورتاق بېجىرىشى، بېجىرگۈچى ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى ئۆزى سىرتقا چىقىپ بىجىرىشى لازىم.

دەلىل-ئىسپاتنى ئامان ساقلاشقا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىشتە، بېجىرگۈچى ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ قانۇن، نىزاملاردا مەنئىي قىلىنغان شەكىلنى قوللىنىپ دەلىل-ئىسپات ئالغانلىقىنى سەزسە، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىپ بەرمەسلىكى كېرەك.

55-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىنغان ھەقدارلىق ھۆججىتىنى قەرزدار ئىجرا قىلمىسا ياكى نامۇۋاپىق ئىجرا قىلسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھەقدارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش گۇۋاھنامىسى بەرسە بولىدۇ؛ مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش گۇۋاھنامىسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىجرا قىلىش سۈرۈكى ئىچىدە بېرىشى كېرەك.

ئىجرا قىلىش گۇۋاھنامىسىگە ئىلتىماس قىلغۇچى، ئىجرا قىلىش ئىلتىماسى قىلىنغۇچى، ئىجرا قىلىش ئىلتىماس قىلىنغان نىشان ۋە ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش سۈرۈكى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك؛ قەرزدارنىڭ ئىجرا قىلىپ بولغان قىسمىنى ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان نىشان ئىچىدىن چىقىرىۋېتىش كېرەك. ئىجرا قىلغۇچىنىڭ ئىجرا قىلماسلىقى ياكى نامۇۋاپىق ئىجرا قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش پۇلى، كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى، ئۆسۈمى قاتارلىقلارنى ھەقدارنىڭ تەلىپى بويىچە ئىلتىماس قىلغان ئىجرا نىشانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

56-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىلگەن ئىشلاردا ئىجرا قىلىش داۋامىدا تالاش-تارتىش كېلىپ چىقسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى بەرگەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تەلىپى بويىچە مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ. مۇرەسسە قىلغاندىن كېيىن ئىلتىماس قىلغۇچىلار يېڭى كېلىشىم ھاسىل قىلسا ھەمدە ھۆكۈمەت گۋاھلىقى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىپ بەرسە بولىدۇ؛ مۇرەسسە قىلغىلى بولمىسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ئىلتىماس قىلغۇچىغا مۇشۇ تالاش-تارتىش ئۈستىدە قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلىشنى ياكى كېسىم ئاپپاراتىغا كېسىم قىلىشىغا ئىلتىماس قىلىشنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

9-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنى تىزىملاش ۋە دېلولاشتۇرۇپ ئارخىپقا سېلىش

57-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىشتە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى تىزىملاش دەپتىرىنى تولدۇرۇشى، تۈرگە ئايرىپ تىزىملاش تۈزۈمى ئورنىتىشى كېرەك.

تىزىملايدىغان ئىشلار: ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىنىڭ تۈرى، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى (نامى)، ۋاكالەتچى (ۋەكىل)نىڭ ئىسىم-فامىلىسى، قوبۇل قىلغان ۋاقتى، بېجىرگۈچى، تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى (تارقىتىشقا ئىمزا قويغۇچى)، دېلو تاماملاش شەكلى، تاماملىغان ۋاقتى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنىڭ رەت نومۇرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنى تىزىملاش جەدىۋىلىنى يىل بويىچە ئارخىپ ئورنىتىپ مەڭگۈ ساقلاش لازىم.

58-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى بەرگەندىن كېيىن ياكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرمەسلىك، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇش قارارى چىقارغاندىن كېيىن، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئارخىپ ئىدارىسى تۈزگەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھۆججەتلىرىنى دېلولاشتۇرۇپ ئارخىپقا سېلىش ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئارخىپىنى باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىلەر بويىچە بېجىرگۈچى ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھۆججەتلىرى ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئۈچ ئاي ئىچىدە جەملەپ رەتلەپ تۈرگە ئايرىپ دېلولاشتۇرۇپ ئارخىپقا سېلىشى كېرەك. 

59-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بېجىرگۈچى ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسى دېلولاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى ئىشلىشى، مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى توپلاش، سوراش خاتىرىسىنى رەتلەش ۋە ئەھۋالنى دەلىللەشكە ئائىت ماتېرىياللارنى رەتلەش قاتارلىق ئىشلارنى باشلىشى كېرەك. دېلوغا سېلىشقا بولمايدىغان ئىسپاتنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ياكى دەلىل-ئىسپات قىلىنغان ئەمەلىي نەرسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئەسلى نۇسخىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى (كۆپەيتىپ ياسالغىنى)، ماددى ئىسپاتنىڭ سۈرىتى ۋە يېزىقچە چۈشەندۈرۈشىنى ئارخىپتا قوشۇمچە قىلىپ ساقلىشى لازىم.

60-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى دېلوسىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىنىڭ تۈرى، مەزمۇنىغا ئاساسەن ئاددى ئارخىپ، مەخپىي ئارخىپقا ئايرىپ تۈر بويىچە ئارخىپلاشتۇرۇپ ساقلاش كېرەك.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئارخىپنىڭ ساقلاش مۇددىتىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىنىڭ تۈرى، ئىشلىتىش ئورنى ھەمدە ئۇنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىق قىممىتىگە ئاساسەن بەلگىلەش كېرەك. ساقلاش مۇددىتى قىسقا مۇددەت، ئۇزۇن مۇددەت، مەڭگۈ دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ.

دۆلەت مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغان، ۋەسىيەتكە بېجىرىلىدىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشى مەخپىي ئارخىپ بولىدۇ. ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ئۆلگەندىن كېيىن ۋەسىيەتكە بېرىلگەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئارخىپى ئاددى ئارخىپ قاتارىدا ساقلىنىدۇ.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىنى مۇزاكىرە قىلىش پىكىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك يوليورۇق سوراش، تەستىق قاتارلىق ماتېرىياللارنى قوشۇمچە ئارخىپ قىلىپ تىكىپ رەسمىي ئارخىپ بىلەن بىرگە ساقلاش كېرەك.

10-باب ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىدىكى تالاش-تارتىشنى بىر تەرەپ قىلىش

61-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىدە خاتالىق باركەن، دەپ قارىسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە شۇ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى بەرگەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا قايتا تەكشۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىدا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىدە خاتالىق باركەن، دەپ ھېسابلىسا، مەزكۇر ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە شۇ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى بەرگەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا قايتا تەكشۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ بىلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. قايتا تەكشۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇش سۈرۈكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى ېبرىلگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 20 يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

قايتا تەكشۈرۈش ئىلتىماسىنى يازمىچە ئوتتۇرىغا قويۇش، ئىلتىماس قىلغۇچى ھېسابلىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىدىكى خاتالىق ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىرىنى ئېنىق يېزىش، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى كۈچتىن قالدۇرۇش ياكى تۈزىتىشتىكى كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەمدە ئىسپات ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەش لازىم.

62-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قايتا تەكشۈرۈش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئەسلى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنى بېجىرگەن ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىدىن باشقا ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىنى قايتا تەكشۈرۈشكە بەلگىلىشى لازىم. قايتا تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە بىر تەرەپ قىلىش پىكىرىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى مەسئۇلىنىڭ تەستىقلىشىغا مەلۇم قىلىش كېرەك.

63-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قايتا تەكشۈرۈشتە، ئىلتىماس قىلغۇچى ئوتتۇرىغا قويغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىدىكى خاتالىق ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىرىنى تەكشۈرۈش، دەلىللىشى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك:

(1) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنىڭ مەزمۇنى قانۇنغا ئۇيغۇن، توغرا، بېجىرىش تەرتىپى خاتاسىز بولسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى كۈچكە ئىگە قىلىش توغرىسىدا بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىدۇ؛

(2) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنىڭ مەزمۇنى قانۇنغا ئۇيغۇن، توغرا بولۇپ، گۇۋاھلىق سۆزىدىكى بايان ياكى شەكلى نامۇۋاپىق بولسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى قايتۇرۇۋېلىپ تۈزەتكەندىن كېيىن ئىلتىماس قىلغۇچىغا يېڭىباشتىن تارقىتىپ بېرىش كېرەك؛ قايتۇرۇۋالغىلى بولمىسا، تولۇقلاپ تۈزىتىپ باشقىدىن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى بېرىش كېرەك؛

(3) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى قانۇنغا خىلاپ بولسا ياكى پاكىتقا چۈشمىسە، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى كۈچتىن قالدۇرۇش توغرىسىدا بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىش كېرەك؛

(4) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنىڭ قىسمەن مەزمۇنى قانۇنغا خىلاپ بولسا ياكى پاكىتقا ئۇيغۇن بولمىسا، تولۇقلاپ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى بېرىپ، قانۇنغا خىلاپ بولغان ياكى پاكىتقا چۈشمەيدىغان قىسمى ئىسپاتلىغان مەزمۇننى كۈچتىن قالدۇرسا بولىدۇ؛ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى قايتۇرۇۋېلىپ، قانۇنغا خىلاپ ياكى پاكىتقا چۈشمەيدىغان قىسمىنى چىقىرىۋېتىپ تۈزەتكەندىن كېيىن ئىلتىماس قىلغۇچىغا يېڭىباشتىن تارقىتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ؛

(5) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنىڭ مەزمۇنى قانۇنغا ئۇيغۇن، توغرا بولغان، لېكىن بېجىرىش جەريانىدا تەرتىپ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، زۆرۈر بولغان رەسمىيەتلەر كەمچىل بولغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، كەم قالغان تەرتىپ ۋە رەسمىيەتلەرنى تولۇقلاپ بېجىرىش كېرەك؛ تولۇقلاپ بېجىرىشكە ئامال بولمىسا ياكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىش تەرتىپىگە ئېغىر ھالدا خىلاپ قىلىنغان بولسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى كۈچتىن قالدۇرۇش كېرەك.

كۈچتىن قالدۇرۇلغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى يىغىۋېلىش ھەمدە ئېلان چىقىرىش كېرەك، مەزكۇر ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى باشتىلا ئىناۋەتسىز بولىدۇ.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى كۈچتىن قالدۇرسا، يەرلىك ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.

64-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قايتا تەكشۈرۈش ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە قايتا تەكشۈرۈشنى ئورۇنلاپ، قايتا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىپ ئىلتىماس قىلغۇچىغا تارقىتىپ بېرىشى لازىم. ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى كۈچتىن قالدۇرۇپ ياكى تۈزىتىپ، تولۇقلاپ بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كەلسە، قايتا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىلغاندىن كېيىن 10 كۈن ئىچىدە تاماملىشى كېرەك. قايتا تەكشۈرۈش قارارى چىقىرىلغان ھەمدە بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىنكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى ئەسلىدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئارخىپىغا سېلىپ ساقلاش كېرەك.

ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قايتا تەكشۈرۈشنى بېجىرىشتە قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ، ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تولۇقلاشقا ياكى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى دەلىللەشكە كەتكەن ۋاقىت ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىگە ھېسابلانمايدۇ، لېكىن ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تولۇقلاش ياكى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى دەلىللەشكە توغرا كەلسە، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

65-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى بەرگەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنىڭ مەزمۇنىدا شۇنىڭدەك بېجىرىش تەرتىپىدە مۇشۇ قائىدىنىڭ 63-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىن 5-تارمىقىغىچە بولغان تارماقلاردا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بارلىقىنى سەزسە، ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە مۇشۇ قائىدىنىڭ 63-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك:

(1) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ سەۋەنلىكىدىن كۈچتىن قالدۇرۇلسا، ئالغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققىنىڭ ھەممىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك؛

(2) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سەۋەنلىكىدىن كۈچتىن قالدۇرۇلسا، ئالغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققى قايتۇرۇلمايدۇ؛

(3) ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ۋە ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سەۋەنلىكىدىن كۈچتىن قالدۇرۇلسا، ئالغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھەققى ئەھۋالغا قاراپ قايتۇرۇلىدۇ.

67-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىدا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتىنى كۈچتىن قالدۇرۇش ياكى كۈچتىن قالدۇرماسلىق توغرىسىدىكى قارارىغا باشقىچە پىكىردە بولسا، يەرلىك ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.

ئەرزنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى جۇڭگو ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتى تۈزىدۇ.

68-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىدا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خېتى چېتىلىدىغان ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ياكى ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىدا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشى ئوتتۇرىسىدا ئەمەلىي ھوقۇق-مەجبۇرىيەت مەزمۇنى توغرىسىدا تالاش-تارتىش بولسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى شۇ تالاش-تارتىش ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇشى كېرەك.

69-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىنىڭ سەۋەنلىكى ئىلتىماس قىلغۇچى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىدا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشىنى زىيانغا ئۇچراتسا، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى مۇناسىپ تۆلەم بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى تۆلىگەندىن كېيىن قەستەنلىكى ياكى زور سەۋەنلىكى بولغان ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.

ئىلتىماس قىلغۇچى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشىدا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشى بىلەن ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ئوتتۇرىسىدا سەۋەنلىك جاۋابكارلىقى ۋە تۆلەم مىقدارى توغرىسىدا تالاش-تارتىش كېلىپ چىقىپ، كېڭەشكىلى بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسا بولىدۇ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتىگە مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.

11-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

70-ماددا گۇۋاھلىق بېجىرىشكە ئالاقىدار قائىدىلەردە ئوخشاش بولمىغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشلىرىنى بېجىرىش تەرتىپى توغرىسىدا ئالاھىدە بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

71-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى»نىڭ 12-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قوبۇل قىلغان ئامانەت بېرىش، تىزىملاش، ساقلاش قاتارلىق ئىشلارنى مەخسۇس بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىدۇ؛ مەخسۇس بەلگىلىمە بولمىسا، مۇشۇ قائىدىدىكى بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ بېجىرىدۇ.

72-ماددا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھچىلىرى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىش جەريانىدا، «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى»نىڭ 41-ۋە 42-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ۋە مۇشۇ قائىدىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشى بولسا، ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى»، «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىقىنى باشقۇرۇش چارىسى»، «ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىنىڭ كەسىپكارلىقىنى باشقۇرۇش چارىسى» بويىچە مۇناسىپ جازا بېرىدۇ؛ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى كەسىپ ئۆلچىمىگە خىلاپ قىلمىشقا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتى مۇناسىپ كەسىپ جازاسى بېرىدۇ.

73-ماددا بۇ قائىدىنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى چۈشەندۈرىدۇ.

74-ماددا بۇ قائىدە 2006-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 2002-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېلان قىلغان «ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى تەرتىپ قائىدىسى» (ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 72-نومۇرلۇق پەرمانى) بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/255920.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#