سوۋىت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك كومتىتى

KGB بولسا سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك كومىتېتى نىڭ قىسقارتىلغان نامى . رۇسچە Комитет Государственной Безопасности، ئېنگىلىزچە The Committee of State Security دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، 1954-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 1991-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە مەۋجۇت بولغان ئاخبارات (جاسۇسلۇق) ئورگانلىرىدىن بىرى . بۇ ئورگان ئەمەلى كۈچى ئارقىلىق دۇنياغا تۇنۇلغان ئىلگىرى KGB سېتىمىسدا ئىشلىگەنلەرنىڭ سانى 500 مىڭدىن ئېشىپ يەتكەن .

ئۇيغۇرچە نامى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك كومىتېتى
قىسقارتىلما نامى KGB
ئىنگىلىزچە نامى The Committee of State Security
خەنزۇچە نامى 克格勃
رۇسچە نامى Комитет Государственной Безопасности

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

KGB  سوۋىت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك كومتىتى . رۇسچە Комитет Государственной Безопасности، ئېنگىلىزچە The Committee of State Security دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، 1954-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 1991-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە مەۋجۇت بولغان ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بىرى . KGB نىڭ ھوقۇق دائىرىسى ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) ۋە فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ ھوقۇق دائىرسىگە تەڭ كېلىدۇ . بۇ ئورگان ئەمەلى كۈچى ئارقىلىق دۇنياغا تۇنۇلغان ھەمدە بەزى جەھەتلەردىن ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئىلگىرى KGB سېتىمىسدا ئىشلىگەنلەرنىڭ سانى 500 مىڭدىن ئېشىپ يەتكەن . ئۇنىڭ ئىچىدە مەركىزى ئورۇندا 10 مىڭ ، جاسۇسلۇق، جاسۇسلۇۇققا قارىشى ،تېخنىكا يىتەكلچىلىك ئورۇنلىرىدا 200 مىڭ، چىگرا مۇداپىيە ئەسكەرلىرى ئىچىدە 300 مىڭ كىشى ئىشلەيتتى . ئۇنىڭدىن باشقا پۈتۈن مەملىكەتتە 1 مليون 500 مىڭ يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدىغان كىشى بار ئېدى . دۆلەت سىرتىدا بولسا 250 مىڭ جاسۇس بار ئېدى . پۈتۈن سېستىمىنىڭ يىللىق خامچوت ئومۇمى سوممىسى 100 مليارد دوللارغا يىتەتتى .

KGB, CIA,ئىسرائىلىيەنىڭ Mossad ۋە ئەنگىلىيەنىڭ ھەربى ئاخبارات6-باشقارمىسى قوشۇلۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيادىكى تۆت چوڭ ئاخبارات ئورگانلىرى سانىلاتتى .

[0]

KGB-ئوخشىمىغان تارىخىي شارائىت ئاستىدا،ئوخشىمىغان ئىسىملار بىلەن ئاتالدى.1951-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە سوۋىت ئىتتىپاقى بىخەتەرلىك كومىتىتى (قىسقارتىلىپ KGB)دەپ ئاتالدى.KGB بولسا سوۋىت ھاكىمىيتىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولۇپ، سوۋىت ئىتتىپاقى دۆۋلەت مۇداپىيە ئارمىيسىدىنمۇ يۇقۇرى ئىمتىيازغا ئىگە بولغان. KGB نىڭ تارىخىنى ،سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تارىخى دەپ قارشقا بولىدۇ.سىتالىن دەۋرىدىكى چوڭ تازلاش ھەركىتىدە،KGB بىر دانە قىزىل«گۆش قىيما قىلىش ماشىنىس»غا ئۆخشاپ قالغان بولۇپ،نەچچە مىلىيۇن ئادەمنى« قىيما-چىيما» قىلىۋەتكەن.

KGBيىڭى قۇرۇلغان مەزگىلدە،لېنىن ئۆزى تاللاپ چىققان 13 كىشىدىن تەركىپ تاپقانKGB رەھبەرلىك گورۇپىسىدىكى خادىملار ئىچىدە،جىرىنىسكى ۋە مىرىنىسكى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن ،ئۇنۇڭدىن باشقىلىرى، سىتالىن دەۋرىدە ئۆلتۈرۈلگەن .ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى رەزىل كىشىلەر سۈپتىدە، تارىخ بىتىدىن ئۆرۇن ئالغان.سىتالىن دەۋرىدە ئۆلتۈرۈلگەن KGBنىڭ رەھبەرلىك گورۇپىسىدىكى 11نەپەر ئادەم بولسا:ياگدا،كىرلوف،كىدلوف،پىدىس،ئاۋارسوف،كىشروفىنتوف،مىنسوف،مېدىدىۋ،لاچىس،چىمىن، مىچىنىگ .

1917-يىلى10-ئاينىڭ 20-كۈنى جىرىنىسكى«سوۋىت ھاكىمىيتىگە قارشى ئەكسىل ئىنقىلاپچىلارنى تازىلاش» گورۇپۇسى قۇرۇش ۋە رەھبەرلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.شۇ يىلى 12-ئايدا مەزكۇر ئورگان رەسمى قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرۈشتۈرۈلدى ۋە «چىكا» دەپ ئاتالدى.چىكا دەل كىيىنكى KGBدەپ ئاتالغان ،دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك جاسۇسلۇق ئاپراتىنىڭ يىلتىزى ئىدى.

جىرىنىسكى چىكاغا رەھبەرلىك قىلالايدىغان ئەڭ مۇۋاپىق نامزات بولۇپ،ئۇ ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ 7 قىتىم قولغا ئىلىنغان،11يىللىق تۈرمە ھاياتىنى بىشىدىن ئۆتكۈزگەن.چار پادىشاھنىڭ دىكتۇرا ھاكىمىيتىنىڭ جاسۇسلۇق ئاپراتلىرى بىلەن كۆپ يىل ئىلىشقان ۋە چار پادىشاھ جاسۇسۇلۇق ئاپراتلىرىدىكى يوچۇقنى ئۇ ھەممىدىن ياخشى بىلەتتى.

جىرىنىسكى ئاق سۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنيا كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ بىر جۆپ سوغۇق نۇر چاقناپ تۇرىدىغان كۆزى،يارشىملىق ئۆچكە ساقىلى، ئۇنىڭ يۇقۇرى تەبىقىگە مەنسۇپ ئاق سۆڭەك سالاھىتىنى ئىپادىلەپ تۇرسىمۇ، بىراق جىرىنىسكى راھەت -پاراغەتلىك تۇرمۇشتىن ۋاز كىچىپ، ئۆزى تاللىغان كومۇنىزىم ئەقىسىگە ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە سادىق بولغان.ئۆزى بىر قوللۇق قۇرۇپ چىققان KGB دىن ئىبارەت «ئالۋستى قولى»نى يىڭى قۇرۇلغان روسىيە بولشىۋىك ھاكىمىيتى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرغان.جىرىنىسكىنىڭ كۆزىدىن چاقناۋاتقان ئەشۇ سوغۇق نۇر ،KGBجىسمىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ، تا ھازىرغىچە روسىيە سىياسى سەھنىسىدە، مەركىزى ھاكىمىيەتكە تەۋە بولغان لىكىن مەركىزى ھاكىمىيەت كونتۇرۇل قىلالمايدىغان،قورقۇنۇچلۇق سىياسى كۈچ سۈپۈتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.KGB غا رەھبەرلىك قىلغانلار ئىچدە، پەقەت جىرىنىسكىنىڭ ھەيكىلى قاتۇرۇلغان بولۇپ ،ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن «ئالۋاستى قولى»روسىيەگىلا ئەمەس پۈتكۈل دۇنياغا زور تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.

جىرىنىسكى پارتىيەگە سادىق بولشىۋىك.لېنىن قاتارلىق بىر تۈركۈم رەھبەرلەر چەتئەللەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىدىمۇ، ئىقتىزاتتىن قىيلىنىپ قالمىغان.ئىشچى- دىھقان ئائىلىسىدىن كىلىپ چىققان بىر تۈركۈم پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋى غەلبە قىلغاندىن كىيىن، راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇشقا بىرىلىپ كەتكەن.بىراق جىرىنىسكى پەقەت ئۈچ نەرسىى(بولكا،سۇ،خىزمەت) نى قوغلاشقان.ئۇنىڭ ئائىلىسى يوق بولۇپ پەقەت بىر ئىشخانىسىلا بولغان.ئۇ كىنو -تىيارتىر،ياكى تانسا كىچىلىكىگىمۇ قاتناشمىغان.ئۇنىڭ خىزمىتى ئىنتايىن مەخپى  بولغاچ، ئەينى دەۋرىدىكى ئىنتايىن سىرلىق ئادەمگە ئايلانغان.ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋى غەلبە قىلغاندىن كىيىن ،پارتىيە ئىچىدىكى سىياسى كۆرەش ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ،بولشىۋىكلار بىلەن بىر قىسىم سىياسى پارتىيەلەر ئوتتۇرسىدا ھوقوق تالىشىش باشلىنىپ كەتكەچكە روسىيە سوۋىت ھاكىمىيتى، جىرىنىسكىدەك قاتتىق قول ئادەمگە مۇھتاج بولغان.ئۆكتىچى پارتىيسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ،لېنىنىڭ گىرمانىيە بىلەن تۈزگەن«بىرىست شەرتنامىسى»قاتىق نارازى بولۇپ،لېنىنى گىرمانىيە جاسۇسى،گىرمانىيەنىڭ غالچىسى دەپ بۆھتان چاپلاپ، بولۋىشىكلاردىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋىلىش غەرزىدە بولغان ۋە «چىكا»غا كىرگۈزۈلگەن خادىملىرى ئارقىلىق گىرمانىيەنىڭ، روسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قەسلەپ ئۆلتۈرۈۋىتىش ئارقىلىق، بىر مەيدان سىياسى كىرىزىس پەيدا قىلىپ، لېنىننى ھاكىمىيەت بىشىدىن يىراقالشتۇرماقچى بولغان.

1918-يىلى8-ئاينىڭ29-كۈنى «چىكا»نىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ۋورىسكى، ئۆكتىچى پارتىيە تەرپىدىن پىتىر بورىگ دا قەسلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.ئەتىسى لىېنىن موسكىۋادىكى بىر زاۋۇتتا ئىشچىلارغا نوتۇق سۆزلەۋاتقاندا،بىر ئايال قاتىل تەرپىدىن قەستكە ئۇچۇرغان.ئايال قاتىل لېنىنغا قارىتىپ تۆت پاي ئوق ئاتقان بولۇپ، لېنىنغا ئۈچ تال ئوق تەگكەن.ئوق ئاۋازىدىن نوتۇق ئاڭلاۋاتقانلار تەرەپ-تەرەپكە قىچىپ كەتكەن بولسىمۇ لىكىن ئايال قاتىل تاپانجىنى تۇتقان ھالدا ئورنىدىن مىردىرلىماي جىم تۇرغان.

جىرىنىسكى قۇرۇپ چىققان «ئالۋاستى قولى»دەرھال ئىشقا كىرىشكەن.لېنىن قەستكە ئۇچۇرغان شۇ كىچىسى،پىتىر بورىگ دا ئۆكتىچى پارتىيەدىكى 5000دىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئىلىنغان ۋە ھىچ قانداق قانۇن تەرتىپىدىن ئۆتكۈزمەيلا يىرىمى ئىتىپ تاشلانغان،يىرىمى گۆرۆگە ئىلىنغان.ئايال قاتىلغا ئۈچ كۈندىن كىيىن ئوچۇق سوت ئىچىلىغان ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ  دەرھال ئىجرا قىلىنغان.جەسىتى ماي تۇڭىغا سىلىپ ئۈستىگە بىنزىن چىچىپ كۆيدۈرۈلۈپ كىشىلەرگە ئىبرەت قىلىنغان.ئەتىسى ئورگان گېزىتىدە، گۆرۆگە ئىلىنغان 2500 نەپەر ئۆكتىچى پارتىيەدىكى ئادەملەرنىڭ ئىسىملىكى ئىلان قىلىغان«ئاق تېرورلۇققا جاۋاپ»سەرلەۋىلىك ماقالە ئىلان قىلىنغان ھەمدە ماقالىنىڭ ئاخىرىغا مۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلگەن:«ئەگەر رەھبەرلىرىمىزنىڭ بىر تال چىچى كەم بولۇپ قالسا ،بىز تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئەكسىل ئىنقىلاپچىلارنىڭ بىرىنى قويماي ئىتىپ تاشلايمىز».ئۆكتىچى پارتىيەدىكى ئاساسلىق رەھبەرلىرى، بولشىۋىكلارنىڭ قولىدا بولغاچقا ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى روسىيەدىكى داڭلىق بايلار ۋە سىياسى تەسىرى كۈچلۈك سىياسىيۇنلار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋىپكە ئۇچۇرشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆكتىچى پارتىيەدىكىلەر بولشىۋىكلارغا قارشى تۇرۇشقا پىتىنالمىغان.

بولشىۋىكلارنىڭ «ئالۋاستى قولى» دەسلەپكى قەدەمدىكى سىياسى كۆرەشتە رەقىپلىرنى يىڭىپ ،بولشىۋىك ھاكىمىيتىنىڭ روسىيەدە پۇت تىرەپ تۇرۇشىدا زور رول ئوينىغان.«چىكا»نىڭ ، قورال كۈچىگە تاينىپ، سىياسى رەقىپلەرنى يوقۇتۇشتىن باشقا ۋەزىپىسى يوق. جىرىنىسكى قالدۇرۇپ كەتكەن  يۇقارقى سۆز، دىكتاتۇرا ھاكىمىيەتنىڭ دۆۋلەت باشقۇرۇش ئەندىزىسىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، كىيىن قۇرۇلغان كومۇنىزىم تۈزۈمىدىكى دۆۋلەتلەر دەل شۇ بويۇنچە ھاكىمىيەت باشقۇرغان.شەرقى ياۋروپا،شەرقى ئاسىيا،شەرقى جەنبىي ئاىسيا،كارىب دىڭىزى رايۇنىدىمۇ جىرىنىسكىنىڭ ئەۋاھى بىر مەزگىل ئۇچۇپ يۈرگەن.گەرچە روسىيە دۆۋلەت تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ ، جىرىنىسكى قۇرۇپ چىققان «ئالۋاستى قولى»تا ھازىرغىچە روسىيەدە ئۆز رولىنى بۇرۇنقىدەكلا ياخشى جارى قىلدۇرىۋاتىدۇ.روسىيەنىڭ ھازىرقى پىرىزىنتى ۋىلادىمىر پۇتىنمۇ دەل شۇ «ئالۋاستى قولى»يىتىشتۈرگەن سىياسىيۇن.

«چىكا »قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە،بارلىق ئالاھىدە خادىملارغا بىردىن قارا خىروم پەلتۇ تارقىتىلغان،شۇنىڭدىن ئىىتبارەن قارا خىروم پەلتۇ «چىكا»نىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان.كىشىلەر قارا خىروم پەلتۇ كەيگەن ئادەملارنى كۆرسە، قورۇققىنىدىن ئۆزىنى قويۇدىغان يەر تاپالماي قىلىشقان.

جىىرىنىسكى ئۆزى بىر قوللۇق قۇرۇپ چىققان «چىكا»نى، باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىنتايىن قاتتىق، ھىچقانداق ئەدىليە تارماقلىرنىڭ تەشكۈرشىنى قوبۇل قىلمايدىغان ،پارتىيەنىڭ كۆرەش ئاپىراتىغا ئايلاندۇرغان.«چىكا» نىڭ تەشكىللىنىشى ئىنتايىن سىرلىق بولۇپ،ۋاستىسى قەبىھ ۋە قورقۇنۇچلۇق بولغان.«چىكا»ئەكسىل ئىنقىلابچىلارنى تازلاشتىن تارتىپ، ئوغرى- يانچۇقچىلارنى تۇتۇشقىچە  بارلىق ئىشلارغا ئارلاشقان.ئەينى دەۋىردە روسىيەدىكى زىيالىلار قاتلىمىنىڭ ھاكىمىيەتكە بولغان نارازلىقى كۈچلۈك بولۇپ،ھاكىمىيەت بىشىدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە ،زىيالىلار ئىشەنچىسىز دەپ قارالغاچقا،جىرىنىسكى دەرھال «چىكا»تەركىۋىدە زىيالىلار باشقارمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، بارلىق زىيالىلارنىڭ ئارخۋى قايتىدىن تۇرغۇزۇلغان،زىيالىلار كۈچلۈك تەقىپ ئاستىغا ئىلىنغان.

1921-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى جىرىنىسكى «چىكا»دىكى مەخپى خادىملارغا:«قولغا ئىلىنغان ئوغرى-يانچۇقچىلارنى تۈرمىگە ئاپارماستىن كان -كارىخانىلاردا ئىغىر ئەمگەككە سىلىش،سىياسى جىنايەتچىلارنى ئەدىلىيە تەرتىبىدىن ئۆتكۈزمەي دەرھال ئىتىپ تاشلاش،قۇرال-ياراق ساقلىغان كىشىلەر بايقالسا،شۇ كىشى تۇرۇشلۇق يىزا،ناھىيە،ۋىلايەت نىڭ بىرىنجى قول رەھبىرىنى ئالدى بىلەن ئىتىپ تاشلاش،باندىتلارنى ساقلىغان ۋە ياردەم قىلغان  ئادەمنى نەق مەيداندا ئىتىپ تاشلاپ بارلىق مال مۈلۈكىنى مۇسادىرە قىلىش...»مەخپى بۇرۇقى چۈشۈرگەن.

1922-يىلى ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن «چىكا»خادىملىرىنىڭ يىرىمى قىسقارتىلغان ۋە شۇلارنى مەخپى خادىم قىلغان ئاساستا «دۆۋلەت سىياسى ئامانلىق ساقلاش ئىدرىسى»قۇرۇپ چىقىلغان .1924-يىلىدىن كىيىن جىرىنىسكىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىقتىزادى ساھەگە قارتىلغان، سىياسى كۆرەش ۋە ئەكسىل ئىنقىلاپچىلارنى باشتۇرۇش قوشۇمچە بولغان.شۇنىڭدىن ئىتىبارەن «چىكا»ئالاھىدە خادىملىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئەۋەرتىلىپ،سىياسى، ئىقتىزادى،ھەربى ،ساھەلەر بويۇنچە ئاخبارات توپلاشقا ئەۋەرتىلگەن.

جىرىنىسكى ھاياتىنىڭ كىيىنكى مەزگىلىگىنى زىددىيەت ئىچىدە ئۆتكۈزگەن.چۈنكى ئۇنىڭ ئەڭ يىقىن سەبدارلىرى سىتالىن ئوتتۇرغا قويغان كولىخوز سىياسىتىنى قوللىمىغانلىقى ئۈچۈن، سىتالىننىڭ نەزىرىدىكى ئەشەددى رەقىبىگە ئايلانغان ۋە جىرىنىسكىغا، ئۇلارنى يوقۇتۇش پەرمانى چۈشۈرگەن.بۇيرۇقنى ئىجرا قىلمىسا ئۆزىنىڭمۇ ھايات قالمايدىغانلىقىنى بىلگەن جىرىنىسكى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغان.

1926-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى جىرىنىسكى 49يىشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.1937-يىلى جىرىنىسكىنىڭ بارلىق ئۇرۇق تۇققانلىرى «پولشا جاسۇسى»دەپ قارالغانلارنىڭ قاتارىدا قولغا ئىلىندى.«پولشا جاسۇسى»دەپ قولغا ئىلىنغانلارنىڭ ئارىسدا جىرىنىسكىنىڭ ئۇرۇق- تۇققانلىرىدىن سىرىت يەنە 18مىڭ ئادەم قولغا ئىلىنىپ ئىتىپ تاشلاندى.

جىرىنىسكى KGB تارىخىدىكى ئەڭ ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە رەھبەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ،لېلىننىڭ،سىتالىنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئىرىشتى.تاكى بىرىژنىۋ دەۋرى يىتىپ كەلگىچە KGB دا مۇنداق بىر ئەنىئەنە ساقلىنىپ كەلگەن ئىدى.يەنى يىڭىدىن KGB غا رەھبەر بولغۇچى، چوقۇم ئالدنقى نۆۋەتلىك رەھبەرنى قولغا ئىلىپ ئۇجۇقتۇرۋىتەتتى.جىرىنىسكى KGB تارىخىدىكى قولغا ئىلىنمىغان ياكى ئىتىپ تاشلانمىغان ،ئاز بىر قىسىم رەھبەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھىچقانداق سىياسى بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرماي ئۇ دۇنياغا كىتىۋالغان ئىدى.

1991-يىلى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن قالغان جىرىنىسكىنىڭ ھەيكىلى بۇزۇۋىتىلدى،چۈنكى جىرىنىسكى سۆۋىت-ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى تىرورلۇقنىڭ سىمىۋولى دەپ قارالغان ئىدى.سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى جىرىنىسكىنىڭ ھەيكىلىنىڭ ئۆرۈلىشىگە ئەگىشىپ گۇمران بولدى.[2]

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئاجايىپ شانلىق چاقنىغان KGB ئاجايىپ جاسۇسلۇق قۇراللىرىنى ئىشلەتكەن . ياۋروپادىكى باشقا ئاخبارات ئورگانلىرىغا سېلىشتۇرغاندا KGB نىڭ رولى تېخىمۇ كۆرىنەرلىك بولغان .ئۇ قۇراللارنىڭ لاھىيەلىنىشىنىڭ ئېسىللىقى ، لاھىيەلەش تەسەۋۋۇرنىڭ ئالاھېدىكىنى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان ئېدى .

2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى دۆلەتنى قوغداش ئۇرۇشى دەۋىرىدە KGB ئاجايىپ لاھىيەلەش تەپەككۇررىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ جاسۇسلۇق قۇراللىرى ناھايىتى ئاددى ، پۇختا، ئەمما ئىشلىتىشچانلىقى ناھايىتى يۇقرى ئىدى. بۇنداق بولغاندا قۇراللارنى زور كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىشقا بولاتتى .

لەۋسۇرۇخسىمان تاپانچا ‹ئۆلۈم سۆيگۈسى›

لەۋ سۇرۇق تاپانجاKGB نىڭ جاسۇسلىرى بولۇپمۇ ئايال جاسۇسلىرى يېنىدا دائىم لەۋسۇرۇخسىمان تاپانچا ئېلىپ يۈرەتتى.بۇ خىل قۇرالنىڭ ئۇزۇنلىقى ئارانلا 4.55 سانتىمىېتىر كىلىدىغان بولۇپ، پەقەت بىر پايلا ئوق پاتاتتى. بۇ خىل قۇرالنىڭ يەنە بىر ئىسمى ‹ئۆلۈم سۆيگۈسى› بولۇپ، ئەڭ بۇرۇن غەرىبى سىبىرىيە رايونىدا بايقالغان ، بۇنداق قۇرالنى يوشۇرۇش ئاسان بولغانلىقى ئۈچۈن، جاسۇسلارنىڭ باشقىلارنى قەسىتلەپ ئۆلتۈرۈشتىكى دائىملىق قۇرالى بولۇپ قالغان .

جاسۇسلۇق ئايىقى

جاسۇسۇلۇق ئايىغىخالىغان دائىردىكى سۆزلىشىشنى خاتىرلىيەلەيدۇ.

KGB ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى بۇ خىل جاسۇسلۇق قۇرالىنى ئىشلىتىشنى باشلىغان بولۇپ، ئاياغنىڭ چەمىگە مىكرو تىپتىكى سېگىنال ئۆزگەرىتكۈچ، مىكروفۇن ۋە باتارىيە سەپلەنگەن. بۇ خىل ئاياقنڭ ئادەتتىكى ئاياقتىن ھېچقانداق پەرقى يوق بولۇپ، بۇنى قوزغىتىش ئۈچۈن ئاياقنىڭ كەينىدىكى بىر تال يىڭنىدەك نەرسىنى تارتىۋەتسىلا بولىدۇ. ئاياق قوزغالغاندىن كىيىن ئاشۇ رايوندىكى بارلىق سۆزلىشىش تەپسىلاتىنى يېقىن ئەتراپتىكى كۆزىتىش ئۆيلىرىگە يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ .

تۈگىمىسىمان ئاپارات

ئاپىراتبۇ خىل قۇرالنى KGB ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىىرى ئىشلىتىلگەن . مېكرو تىپتىكى ئاپارات يالغان تۈگمە شەكىللىك بىر قۇرۇلمىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدىغان بولۇپ، بۇ تۈگمە يىڭنە ئارقىلىق كىيىمنىڭ سىرتىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئاندىن بۇ ئاپاراتنى تىزگىنەك ئارقىلىق كونتىرول قىلىدۇ . 1978-يىلى ئەنگىلىيەدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن بۇلغارىيەلىك مارىف KGB تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ . ئەسلى ئىش مۇنداق بولغان . ماركىف كوچا ئاپتۇۋۇزىدا مەلۇم بىر كىشىنىڭ كۈنلۈك كۆتۈرۋالغانلىقىنى، ئۇ كىشىنىڭ كۈنلىكى ماركىفنىڭ پارچىقىغا ‹تىگىپ كىتىپ› ئازراق ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلغان . ئەمما بۇ ئىشنى ئۇنچە كۆپ ئويلاپ كەتمىگەن. ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ماركىف قىزىتمىسى ئۆرلەپ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلغان . جەسەت تەكشۈرۈش دوكىلاتىغا قارىغاندا ماركىف رىتسىندىن زەھەرلىنىپ ھاياتىن ئايرىلغان . (رىتسىن 蓖麻毒 خەلىقئارادا قەسىتلەپ ئۆلتۈرۈشكە كۆپ ئىشلىتىدىغان زەھەر) [1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#