چەكمەن

چەكمەن يەرلىك ئۇسۇلدا توقۇلىدىغان بىر خىل رەخت، چەكمەن ئاساسلىقى تۆگە يۇڭىنى خام ئەشيا قىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى چەكمەن
خەنزۇچە ئاتىلىشى 毛布

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چەكمەن يەرلىك ئۇسۇلدا توقۇلىدىغان بىر خىل رەخت، چەكمەن ئاساسلىقى تۆگە يۇڭىنى خام ئەشيا قىلىدۇ. 

چەكمەن توقىلىدىغان يۇڭ پاكىز تازىلىنىپ، ئىنچىكە ئىگىرىلىپ چىقىرىلىدۇ. يىپ تەخلىنىپ بولغاندىن كېيىن چەكمەن توقۇيدىغان ئۇستىلار ياز كۈنلىرى سالقىن جاينى تاللاپ يىگىرمە مېتىر كەلگىدەك يەرگە ئىككى قوزۇق قېقىپ، يىپنى ئۇنىڭغا يۆگەيدۇ، ئاندىن قىرىق سانتىمېتىر كەڭلىكتە تاختاينى موكا ئورنىدا ئىشلىتىپ، قىلىچ شەكىللىك يەنە بىر تاختاي بىلەن چىڭداپ چىقىدۇ.

تۆگە يۇڭىدا توقۇلغان چەكمەن ناھايىتى چىداملىق بولۇپ، خېلى ئۇزاق يېڭى پېتى كەيگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، سوغۇقى ئېشىپ كېتىشتىن بولغان رىماتىزم كېسىلىنى پەسەيتىش، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش ۋە نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    33.3%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    66.7%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#