ماچىياۋېللى

ماچىياۋېللى

ماچىياۋېللى (1469-1527-يىللار) ئىتالىيە يېرىم ئارىلىدىكى فلورېنسيىەدە تۇغۇلغان، ئاتا-بوۋىلىرى ئاقسۆڭەك بولۇپ، جەمەتىدىكى خېلى كۆپ ئادەم ھۆكۈمەتتە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، ئەمما ئۇنىڭ جەمەتى كېيىنچە خارابلىشىپ كەتكەن. نامراتلىق تۈپەيلى كىچىكىدە ئانچە كۆپ مۇنتىزىم تەربىيە ئالالمىغان

ئۇيغۇرچە ئىسمى ماچىياۋېللى
باشقا نامى Niccolò Machiavelli
يۇرتى ئىتالىيە يېرىم ئارىلىدىكى فلورېنسيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1527-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 尼可罗·马基亚维利
دۆلەت تەۋەلىكى ئىتالىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1469-يىلى
كەسپى سىياسىي مۇتەپەككۇر ، تارىخشۇناس ، دراماتورگ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماچىياۋېللىئىتالىيە ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش مەزگىلىدىكى سىياسىي مۇتەپەككۇر، تارىخشۇناس ماچىياۋېللىنىڭ ئۆچمەس نام قالدۇرغان ۋە باشقا مۇتەپەككۇرلارغا ئوخشىمايدىغان مۇنداق بىر تەرىپى بار، ئۇ بولسىمۇ، ئۇ ھەم ئېنگېلس تەرىپىدىن ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش مەزگىلىدىكى «گىگانت ئادەم» دەپ تەرىپلەنگەن، ھەم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇزاق مۇددەت خاتا چۈشىنىلىپ، يامان ئاتاققا قالغان، ھەتتا بەزىلەر ئۇنى «رەزىللىكنىڭ ئۇستازى» دەپ ئاتىغان. 

ماچىياۋېللى (1469−1527-يىللار) ئىتالىيە يېرىم ئارىلىدىكى فلورېنسيەدە تۇغۇلغان، ئاتا-بوۋىلىرى ئاقسۆڭەك بولۇپ، جەمەتىدىكى خېلى كۆپ ئادەم ھۆكۈمەتتە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، ئەمما ئۇنىڭ جەمەتى كېيىنچە خارابلىشىپ كەتكەن. نامراتلىق تۈپەيلى كىچىكىدە ئانچە كۆپ مۇنتىزىم تەربىيە ئالالمىغان، ئەمما ئۆزلۈكىدىن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، لاتىن تىلىنى ئۆگەنگەن، ئىتالىيەنىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرى ۋە تارىخ ئەسەرلىرىنى پىششىق ئوقۇپ، مۇستەقىل تەپەككۇر يۈرگۈزىدىغان يۇقىرى ئىقتىدار ھازىرلىغان. 

ماچىياۋېللىماچىياۋېللى فلورېنسىيە جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش مەزگىلىدىن باشلاپ ئۆزىنى سىياسىي ئىشلارغا ئاتىۋەتكەن. 1494-يىلى فرانسىيە ئارمىيەسى ئىتالىە گە بېسىپ كىرگەندە، فلورېنسىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مېدىچ جەمەتى تەسلىم بولغان، بۇنىڭ بىلەن، فلورېنسىيە خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، 13-ئەسىرنىڭ ئاخىرى قۇرۇلغان فلورېنسىيە جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1498-يىلىدىن 1512-يىلىغىچە، ئۇ فلورېنسىيە جۇمھۇرىيىتى ئون كىشىلىك كومىتېتنىڭ كاتىپى بولغان، ھەربىي ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، ئىتالىيىنىڭ ھەرقايسى شتاتلىرىغا ۋە فرانسىيەگە كۆپ قېتىم ئەلچىلىككە بارغان. 1512-يىلى مېدىچ جەمەتى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇنى بارلىق ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلىغان. 1513-يىلى تۈرمىگە قامالغان، شۇ يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يېزىقچىلىققا كىرىشكەن. 

ماچىياۋېللى ئۆمرىدە نۇرغۇن كىتاب يازغان بولۇپ، ئەڭ مەشھۇرى «پادىشاھلىق توغرىسىدا» دېگەن ئەسىرىدۇر. ئۇ بۇ ئەسىرىدە، ئىتالىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، پادىشاھ سىياسىنى تاكتىكا قاتارىدا كۆرۈشى، مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرماسلىقى كېرەك؛ پادىشاھ بولغان ئادەم شىردەك ۋەھشىي، تۈلكىدەك قۇۋ بولۇشى كېرەك، دەپ قارىغان. كېيىنكىلەر بۇ خىل سىياسىي نەزەرىيىنى «ماچىياۋېللىزم »دەپ ئاتىغان. بۇ خىل تەشەببۇس ئەينى چاغدا ئىتالىيەدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇرژۇئازىيىنىڭ تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

ماچياۋېللى ئاخىرقى ئۆمرىنى غەم-قايغۇ ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ، 1527-يىلى 6-ئايدا كېسەل سەۋەبىدىن فلورېنسىيەدە ۋاپات بولغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#