چۈمۈلە بىر خىل قۇرۇت –قوڭغۇز بولۇپ ، ھاشارەتلەر سىنىپىغا ، پەردە قاناتلىقلار تۈركۈمىگە ، چۈمۈلە ئائىلىسىگە تەۋە ،چۈمۈلىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ،دۇنيادا ھازىرغىچە 11700 دىن كۆپرەك تۈرى بايقالغان، 21 كەنجى ئائىلىسى، 283 ئۇرۇقداشلىرى بار ،جوڭگۇنىڭ ئىچىدە ئېنىق بولغان چۈمۈلە تۈرى 600  خىلدىن كۆپ .يېقىندا يەنە جىنىسسىز كۆپىيىدىغان چۈمۈلىنى يېڭى بىر تۈرى بايقالدى ،چۈمۈلىنىڭ ئۆمرى ئىنتايىن ئۇزۇن ، ئىشچى چۈمىلىلەر نەچچە ھەپتىدىن 3 يىلغىچە ھەتتا 10 يىلغىچە ياشىيالايدۇ ،بىر چۈمۈل ئۇۋىسى بىر جايدا بىريىلدىن ئون يىلغىچە تۇرالايدۇ .

ئۇيغۇرچە ئىسمى چۈمۈلە
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
تۈركۈمى پەردە قاناتلىقلار تۈركۈمى
جوڭگۇدىكى تۈرى 600 خىلدىن ئارتۇق
دۇنياسىكى تۈرى 15 مىڭ خىلغا يېقىن
خەنزۇچە ئىسمى 蚂蚁
سىنىپى ھاشارەتلەر سىنىپى
ئائىلىسى چۈمۈلە ئائىلىسى
رەڭگى قارا ياكى قوڭۇر رەڭدە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چۈمۈلە توپى تىپىك بولغان ئىجتىمائىيلىققا ئىگە كوللىكتىپ ، ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولۇشنىڭ ئۈچ چوڭ ئامىلى : ئوخشاش  بىر خىل يەككىلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ  باللىرىدىن خەۋەر ئالالايدىغان بولىشى؛ ئېنىق بولغان ئەمگەك ئىش تەقسىماتى بولىشى ؛ چۈمۈلە توپىنىڭ ئىچىدە ئاز بولغاندىمۇ ئىككى ئەۋلاد بولۇپ ،كېيىنكى ئەۋلاد بىر مەزگىل ئالدىنقى بىر ئەۋلادنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ ،     

   چۈمۈلە بىر قۇرۇلۇش ئۇستىسى، چۈمۈلىنىڭ ئۆيى يەنى چۈمۈلە تۆشىكى نۇرغۇنلىغان كىچىك ئۆيلەرگە ئايرىلغان ،بۇ كىچىك ئۆيلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئىشلىتىلىشى بار، ئىچىدە چۈمۈلە خانىشنىڭ ئۆيى ھەممدىن چوڭ ،قۇملۇقا بىر توپ چۈمىلىلەر بولسا، چۈمۈلىنىڭ ئۇۋىسى يېراقتىن قارىماققا بىر قەلئە ، قەسىردەك كۆرىنىدۇ، 4-5 مېتىر ئېگىزلىكتە ،ئاشۇ ئۇۋىلار تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن ، باشقا ھايۋانلار ئېلىپ كېتىپ ئۇۋا قىلىۋالىدۇ ، چۈمۈلە ئۇۋىسىنىڭ ئاستىنقى قىسىمىدا چۈمۈلە خانىش ئولتۇرىدۇ ،چۈمۈلە خانىشنىڭ ۋەزىپىسى بولسا نەرسە يېيىش ،جۈپلىشىش ،تۇغۇش قاتارلىقلار ،چۈمۈلىنىڭ ئۇۋىسى ئىنتايىن چىداملىق ،بىخەتەر ،راھەت ،يوللىرى ھەممە تەرەپكە تۇتىشىدۇ ،چۈمۈلە ئۇۋىسىنىڭ سىرتىدا يەنە بىر دۈگىلەك توپا بار يەنە ئوزۇقلۇق ساقلايدىغان جايى بار، ئىچىدىن ھاۋا ئۆتىشىدۇ ،سالقىن ،قىشتا ئىسسىق يازدا سالقىن ،ئوزۇقلۇق ئاسانلىقچە بۇزۇلۇپ قالمايدۇ، چۈمۈلە يەنە ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى داڭلىق بىناكارلىق ئۇستىسى ،ئۇلار تاڭلىيىغا تاينىپ يەر يۈزىدىن كىچىك تۆشۈكچىلەرنى ئويىدۇ ،بىرتالدىن بىرتالدىن توپا قۇملارنى توشۇپ ئۇۋا شەكىللەندۈرىدۇ ،ئۇۋىنىڭ ئايرىمخانىللىرى قۇرۇلۇشنىڭ دەسلەپكى ھالىتىنى ئىزچىل ساقلايدۇ .

چۈمۈلە خانىش

   چۈمۈلە خانىش؛ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە ،توپ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ چۈمۈلە بولۇپ  ئانا چۈمۈلە ياكى چۈمۈلە پادىشاھى دەپ ئاتىلىدۇ ، بولۇپمۇ قورساق قىسىمى ئالاھىدە چوڭ ،كۆپىيىش سېستىمىس تەرەققى قىلغان ، سەزگۈ بۇرۇتى قىسقا ، كۆكرىكى كىچىك بولىدۇ ،ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا تۇخۇم چىقىرىش، ئەۋلاد قالدۇرۇش چۈمۈلە توپىىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىنى باشقۇرۇش .

چىشى چۈمۈلە   

   چىشى چۈمۈلە ؛  جۈپلەشكەندىن كېيىن كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ ،جۈپلىشىپ بولغاندىن كېيىن قانات تاشلاپ  يېڭى خانىشقا ئايلىنىدۇ ،ئادەتتە «مەلىكە» دەپ ئاتىلىدۇ .

ئەركەك چۈمۈلە

   ئەركەك چۈمۈلە : ئاتا چۈمۈلە دەپمۇ ئاتىلىدۇ، قانىتى بار، بېشى كىچىك ،ئۇستۈنكى تاڭلىيى تەرەققى قىلمىغان، سەزگۈ بۇرۇتلىرى ئىنچىكە ئۇزۇن، تەرەققى قىلغان كۆپىيىش سېستىمىسى ۋە سىرتقى جىنسى ئەزاسى بار، ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا چۈمۈلە خانىش بىلەن جۈپلىشىش ، جۈپلىشىپ ئۇزاققا بارماي ئۆلۈپ كېتىدۇ 

 ئىشچى چۈمۈلە 

   ئىشچى چۈمۈلە  ؛قاناتسىز، تەرەققى قىلمىغان ئانىلىقى بار، ئادەتتە كوللىكتىپ ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك يەككە تەن، لېكىن سانى ئىنتايىن كۆپ ،مۇرەككەپ كۆزى كىچىك ،ئاددىي كۆزى ئىنتايىن كىچىك ياكى يوق ،ئۈستۈنكى تاڭلىيى ۋە سەزگۈ بۇرۇتلىرى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان ھەركەت قىلىشقا ماھىر ،كۆپىيىش ئىقتىدارى يوق ،ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا ئۇۋىنى ياساش ۋە چوڭايتىش ،ئوزۇقلۇق يىغىش ،چۈمۈل خانىشنى كۈتۈش قاتارلىقلار . قىشلىق ئۆچەكتە، چۈمۈلىلەر كۈز ۋاقتىدا كۆپ مىقداردا ئوزۇقلۇق يەپ بەدىنىدىكى ماي مىقدارىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك ،ھەمدە بىر پۈتۈن قىش ئوزۇقلۇق يېمەيدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىشچى چۈمۈلىلەر ھەركۈنى دېگۈدەك ئوزۇقلۇق ئىزدەپ ،چۈمۈلە توپىدىكى ھەممە ئەزالارنىڭ قىشتىن ئۆتىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ،

ئەسكەر چۈمۈلە

   ئەسكەر چۈمۈلە ؛ چۈمۈلىلەرنىڭ ئىچىدىكى چوڭ ئىشچى چۈمۈلىلەرنىڭ ئاتىلىشى، كۆپىيىش ئىقتىدارى بولمىغان چىشى چۈمۈلە، بېشى چوڭ ،ئۈستۈنكى تاڭلىيى تەرەققي قىلغان،قاتتىق يېمەكلىكلەرنى پارچىلىيالايدۇ ،چۈمۈلە توپىنى قوغدايدۇ .

چۈمۈلە يەرشارىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ھاشارەت، ھەم سانى ئەڭ كۆپ بىر تۈر، ئىجتىمائىيلىققا ئىگە توپ، چۈمۈلىلەرنىڭ ھەرقانداق جايدا ياشاش شارائىتى بار ،يەر شارىدىكى تەبى ئاپەتلەرگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئەڭ كۈچلۈك جانلىق ،دۇنيدا ھازىرغا قەدەر مەلۇم بولغان چۈمۈلىلەرنىڭ تۈرى 11700 خىل، تېخمۇ چوڭ دائىرىدىكى چۈمۈلىلەر رايونى سېستىمىسى تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىلىشىنى ساقلاۋاتىدۇ ،جوڭگۇدا مەلۇم بولغىنى 600 خىل ،چۈمۈلە ھاشارەتلەر سىنىپى ،پەردە قاناتلىقلار تۈركۈمى، چۈمۈلە ئائىلىسىگە تەۋە .

    چۈمۈلىلەر ئادەتتە يەر ئاستىغا ئۇۋا سېلىپ ياشايدۇ ،يەر ئاستىدىكى ئۇۋىسىنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ، ياخشى بولغان سۇ چىقىرىش ۋە ھاۋا ئۆتكۈزۈش تەدبىرلىرى بار،ئادەتتە ئىشچى چۈمۈلىلەر ئۇۋا ياساشقا مەسئۇل . ئۇلار ئادەتتە قۇرغاق يەلەردە ياشايدۇ ،

    چۈمۈلىلەرنىڭ ئۆمرى ئىنتايىن ئۇزۇن بولىدۇ، ئىشچى چۈمۈلىلەر نەچچە ھەپتىدىن تارتىپ 3 يىلغىچە ھەتتا 10 يىلغىچە ياشىيالايدۇ ،خانىش چۈمۈلە ئون نەچچە يىل ياكى نەچچە ئون يىل ياشىيالايدۇ ،بىر چۈمۈلە ئۇۋىسى 1 يىلدىن 10 يىلغىچە تۇرالايدۇ . [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    50%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#