لەھەڭ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
لەھەڭنىڭ تۇرقى ئالاھىدە بولۇپ، ئېغىزى باش قىسىمىنىڭ قورساق تەرىپىدە بولسا، لەھەڭنىڭ ئېغىزىنىڭ بېشىنىڭ ئالدىدىكى ئۇچىدا بولىدۇ، ئۇنىڭ ساقىلىمۇ باشقا بېلىقلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ساقاق يايىدا مۈڭگۈز ماددىسىدىن تۈزۈلگەن ساقاق تىرنىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان ئاق ياكى سېرىق داغلار بولىدۇ. گەۋدىسىنىڭ يان تەرىپىدە بېشىنىڭ ئارقىسىدىن تارتىپ قۇيرۇقىنىڭ ئۇچىغىچە ئاق ياكى سېرىق 30 تال توغرا سىزىق بولىدۇ. ھەربىر يېنىدا ئىككى تال كۆرۈنەرلىك تېرە قىرلىرى بولىدۇ. ئۇ غەلىتە كۆرۈنىدۇ. ئوكيان لەھەڭ دائىم توپلىشىپ، تىزىلىپ سۇ يۈزىدە ئۈزىدۇ. بەزىدە يېقىن دېڭىزلارغا كېلىپ قالىدۇ.
لەھەڭ ئەڭ چوڭ بېلىق بولۇپ، گەۋدىسىنىڭ چوڭلۇقى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھايۋان-كىتتىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. لەھەڭنىڭ ئۇزۇنلۇقى كىچىكى 18 سانتىمېتىردىن ، چوڭى 18 مېتىردىن ئاشىدۇ.
لەھەڭ كۆمۈرچەكلىك بېلىقلار سىنىپى لەھەڭ تۈركۈمى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوكيانلارنى ماكانلىشىش ئورنى قىلغان. دېڭىز - ئوكياندىكى سۈت ئەمگۈچىلەر ، بېلىق قاتارلىقلارنى يېمەكلىك قىلىدۇ.
لەھەڭنىڭ تېنى ئۇرچۇقسىمان بولۇپ ، مۇسكۇللىرى تەرەققىي قىلغان ، چىشى ئۆتكۈر ، ھەرە چىشسىمان بولىدۇ. ئوۋنى چىشلەپ تۇتالاپلا قالماستىن ، يەنە ئۇلارنى ھەرىدەپ ئېزىۋىتىدۇ . ئۇ دېڭىز - ئوكياندىكى قورقۇنۇچلۇق سوغۇققان قاتىل. باشقا بېلىقلار تۈرى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ، لەھەڭنىڭ پۈۋەكچىسى بولمايدۇ ، ئەگەر ئۈزۈشتىن توختىسا چۆكۈپ كىتىدۇ . [1][0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.