ئۇيغۇرچە نامى داشىگۇ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 252.7 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى تىپىك تەتۈر مۆتىدىل بەلۋاغ رايون كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 大西沟乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسى
نوپۇسى 10520 ئادەم
ماشىنا كودى يېڭى F

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

داشىگۇ يېزىسىداشىگۇ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى قورغاس ناھىيەسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. كۆلىمى 252.7 كۋادرات كىلومېتىر، تىپىك تەتۈر مۆتىدىل بەلۋاغ رايونىغا تەۋە، ياۋا گىلاس تارقىلىش كۆلىمى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، بۇ جايغا دۆلەت تەرىپىدىن «جۇڭگو ياۋا گىلاس ماكانى» دېگەن نام بېرىلگەن.

داشىگۇ يېزىسىنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 40 كىلومېتىر. پۈتۈ يېزا كۆلىمى 252.7 كۋادرات كىلومېتىر، يېزا ئىگىلىك رايونى كۆلىمى 40 مىڭ 500 مو، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى  23 مىڭ 400 مو، قارىمىقىدا توققۇز كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى، 16 كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى بار.

1950-يىلى، 5-رايون بولغان.

1954-يىلى، ئۆزگەرتىلىپ 4-رايون بولغان.

1958-يىلى، ئاقسۇ گۇڭشېسى قۇرۇلغان.

1984-يىلى، گۇڭشېنى ئۆزگەرتىپ، داشىگۇ يېزىسى تەسىس قىلىنغان.

داشىگۇ يېزىسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 1010520 ئادەم. ئاساسلىق خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق 13 مىللەتتىن تەركىب تاپقان، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %70 نى ئىگەللىگەن، خۇيزۇلار 3828 ئادەم، خەنزۇلار 3208 ئادەم، ئۇيغۇرلار 1698 ئادەم، قازاقلار 4612 ئادەم، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر 244 ئادەم.

داشىگۇ يېزىسى قارمىقىدا: ئاستى كەنتى، ئۈستى كەنتى، مۇسۈيتەيزە كەنتى، چەتئاقسۇ كەنتى، مازىگۇ كەنتى، يېڭى كەنتى، چارۋىچىلىق كەنتى قاتارلىقلار بار.

داشىگۇ يېزىسى تەۋەلىكىدە: داشىگۇ يېزىلىق ئۈچىنچى مەكتەپ، ئۈستۈنكى داشىگۇ باشلانغۇچ مەكتەپ، يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ، يېڭى كەنت باشلانغۇچ مەكتەپ، بېدىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ، ئاخقازى باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىقلار بار.

داشىگۇ يېزىسى تەتۈر تېمپېراتۇر كىلىمات رايونىغا تەۋە، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 813 مېتىردىن 1500 مېتىرغىچە، ھۆل-يېغىن مىقدارى 266.9 مىللىمېتىر، پارلىنىش مىقدارى 155.6 مىللىمېتىر،  ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃7.8، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇراسى ℃38.7، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇراسى ℃35.3-، ℃20- قاتتىق سوغۇق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 11 كۈن ئەتراپىدا، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 1-ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ℃7.8-، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 7-ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ℃22.2.

داشىگۇ يېزىسىيېزا تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتكەن سادىقسۇ دەرياسى، داشىگۇ دەرياسى، شياۋشىگۇ دەرياسى قاتارلىق ئۈچ دەريا بار.

تەبىئىي ئوتلاق كۆلىمى 240 مىڭ مو، ئاساسلىقى تاغلىق ۋە ئېدىرلىق بەلباغ، ئوت-چۆپ تۈرلىرى كۆپ، سۈپىتى ئەلا، 2004-يىلى، يېزا بويىچە يىل ئاخىرى قوتاندىكى چارۋا-مال سانى 54 مىڭ تۇياق بولغان.

داشىگۇ يېزىسىداشىگۇ يېزىسىدا تەڭرىتاغنىڭ تەتۈر مۆتىدىل بەلۋىغىغا جايلاشقان تەبىئىي ياۋا مېۋىلىك ئورمىنىدا دۇنيا بويىچە ئاز ئۇچرايدىغان، ئاسىيادىكى بىردىنبىر ياۋا گىلاس بار، 394 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىلگەن، ئازغان ئۇرۇقدىشىغا تەۋە، مېۋىسى يۇمىلاق شارسىمان بولۇپ، قىزىل، سېرىق، قارا، سۆسۈن تۆت خىل رەڭگى بار، تەمى چۈچۈمەل تاتلىق، يېيىشكە بولىدۇ، ياسالغان ئىچىملىك ۋە مېۋە مۇرابباسىنىڭ قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش، ئىشتىھانى ئېچىش قاتارلىق ساقلىق ساقلاش رولى بار.

داشىگۇ يېزىسىداشىگۇ ۋە شياۋشىگۇدا تۆمۈر رۇدىسى، ماگنىتلىق تۆمۈر رۇدا ئاساس قىلىنغان، ئالتۇن تۆمۈر مىقدارى كان گەۋدىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا %43.2، ئوتتۇرا قىسىمىدا %62.44، ئوتتۇرىچە مىقدارى %45، رۇدا سۈپىتى بىر قەدەر يۇقىرى. 2004-يىلى 4 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ كىرگۈزۈپ، قۇيمىچىلىق زاۋۇتى قۇرغان، 2005-يىلى يەنە رۇدا تاللاش زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇشى تاماملانغان.

تاغلىق رايوندا مول ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك بايلىقى بار، ئۆسۈملۈك دورىلىرىدىن: سوغىگۈل، قىزىلگۈل، چۈچۈكبۇيا، قار لەيلىسى، ئەتتىرگۈل، قىزىلمارال قاتارلىقلار، ياۋايى ھايۋانلاردىن: بۇغا، مارال، موڭغۇل جەرىنى، تۈلكە، بۆرە، سۇغۇ، چاشقانخور بۇلغۇن، ياۋاتوشقان، قىرغاۋۇل قاتارلىقلار بار.

داڭلىق ساياھەت ئورنى فۇشۇشەن بۇتخانىسى بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#