بۇككىنخام ئوردىسى
بۇككىنخام (Buckingham)ئوردىسى خۇددى ئېلىسى سارىيى فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىمىۋولى بولغاندەك، ئەنگىلىيە پادىشاھىنىڭ سىمىۋولى شۇنداقلا ئەنگىلىيەنىڭ 1837-يىلى ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيە تەختتە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئەنگىلىيە ئوردىسى بولۇپ كېلىۋاتقان داڭلىق قۇرۇلۇش بولۇپ 1703-يىلى كېنەز بۇككىنخام تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇككىنخام (Buckingham)ئوردىسى خۇددى ئېلىسى سارىيى فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىمىۋولى بولغاندەك، ئەنگىلىيە پادىشاھىنىڭ سىمىۋولى شۇنداقلا ئەنگىلىيەنىڭ 1837-يىلى ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيە تەختتە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئەنگىلىيە ئوردىسى بولۇپ كېلىۋاتقان داڭلىق قۇرۇلۇش بولۇپ 1703-يىلى كېنەز بۇككىنخام تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان.
1761-يىلى گېئورگىIII ساراينى قايتىدىن كېڭەيتىپ سالغاندىن كېيىن ھەشەمەتلىك بۇ تۆت قەۋەت كۈلرەڭ بىنا بارا-بارا ئەنگىلىيەنىڭ قۇرۇلۇش بىناكارلىق ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ مۇزىيىغا ئايلانغان ۋە كېيىنكى پادىشاھلارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغاپ ئاخىرى پادىشاھ ئوردىسى ۋە باش ۋەزىرنىڭ پادىشاھقا خىزمەت دوكلاتى بېرىدىغان مۇھىم سورۇنىغا ئايلانغان.
ساراي ئوتتۇرىسىدكى مەيداندا قەد كۆتىرىپ تۇرغان نەچچە ئون ئىسىل ھەيكەللەر، بولۇپمۇ ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيەنىڭ ھەيكىلى ئۈستىدىكى ئالتۇنھەللىك پەرىشتە -ئەنگىلىيە خان ئوردىسىنىڭ ۋىكتورىيە دەۋرىدىكى شان-شۆھرىتىگە بولغان پەخىرلىنىشى ۋە سېغىنىشنى ئىپادىلەيدىغان بەلگىلەرنىڭ بىرى.
ۋىكتورىيە دەۋرىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قائىدە بويىچە بۇككىنخام ئوردىسىنىڭ ئۆگزىسىدە پادىشاھ بايرىقى بولسا پادىشاھنىڭ ئوردىدا ئىكەنلىكىنى ، بايراق بولمىسا پادىشاھنىڭ ئوردىدا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئوردا ئىچىدىكى مۇراسىم زالى، مۇزىكا زالى، كۆڭۈل ئېچىش زالى، رەسىم كۆرگەزمىخانىسى قاتارلىق 600 نەچچە ئېغىز ھەشەمەتلىك ئۆيدىن باشقا پادىشاھ باغچىسى، گۈل تىزىش مەيدانى ۋە ئوردا مەيدانى ئوتتۇرىسىدىكى ئايال غەلىبە ئىلاھىنىڭ ئالتۇن ھەيكىلى ئوردىنىڭ ھەشەمەتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغان تەڭداشسىز گۈزەل مەنزىرە پەيدا قىلغان بولۇپ ھەر يىلى 4-ئايدىن 9-ئايغىچە ھەر كۈنى بىر قېتىم، باشقا ۋاقىتلاردا ئىككى كۈندە بىر قېتىم گىرنىۋىچ ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن 11 يېرىمدىن 12 گىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئوردا قاراۋۇللىرىنىڭ پوست ئالمىشىش مۇراسىمى تاماشا كۆرگىلى كەلگەن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرگە پادىشاھ ئوردىسىنىڭ سەلتەنەتىنى نامايەن قىلىدىغان ۋە خان جەمەتى بەيگە مەيدانى بىلەن ئايال پادىشاھ گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىخانىسىغا ھەقسىز كىرەلەيدىغان بىر ۋاقىت.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.