شاخ دارچىن

شاخ دارچىن

شاخ دارچىن ھۆل سوغۇق كەيپىياتنى، غەيرى تەبىئىي بەلغەم خىلتنى تەڭشەش، سۈيدۈك ھەيدەش، قاننى جانلاندۇرۇش، تەرلىتىش، پەي مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىشنى بوشۇتۇش قاتارلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.


ئۇيغۇرچە نامى شاخ دارچىن
ئىنگلىزچە Cassiabarktree Twiig
ۋاقتى 9-، 10– ئايلاردا
ئائىلىسى كامفورا ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 桂枝 gui zhi
جىسمى يۇمران
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شاخ دارچىنكامفورا ئائىلىسىدىكى دارچىن دەرىخىنىڭ قۇرۇتۇلغان يۇمران شېخىدىن ئىبارەت.

چىقىش ئورنى 

مەملىكىتىمىزنىڭ فۇجيەن، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ، يۈننەن قاتارلىقلاردىن، ھىندىستان، سىرلانكا قاتارلىقلاردىن چىقىدۇ.

كېسەللىك مىسالى

سوغۇقتىن بولغان زۇكام، رىماتىزىملىق بوغۇم ياللۇغى، دوۋساققا سۇ يىغىلىش، كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ھۆل سوغۇق كەيپىياتنى، غەيرى تەبىئىي بەلغەم خىلتنى تەڭشەش، سۈيدۈك ھەيدەش، قاننى جانلاندۇرۇش، تەرلىتىش، پەي مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىشنى بوشۇتۇش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

دارچىن چېيى

خاس تەسىرى

خىلىتسىز ھۆل سوغۇق كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورىلار.

ئورۇنباسارى

دارچىن دەرىخى يوپۇرمىقى.

ئەكىس تەسىرى

ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەرگە، ھامىلىدارلارغا، ھېيىز كەلگەنلەرگە ئىشلەتمەسلىك لازىم.

تۈزەتكۈچىسى

ئەينالو، بىنسەپشە.

1. دارچىن شېغى، قار كۆز بەدىيان، چاكاندا قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە تەرلىتىپ سوغۇقتىن بولغان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. دارچىن شېخى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، تاۋۇز ئۇرۇقى قاتارلىقلاردىن 10 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ بەرسە سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ.

3. دارچىن شېخى، سۆرۈنجان، ئىگىلمىلىك قاتارلىقلاردىن 10 گرامدىن ئېلىپ سانادىن 7 گرام ئېلىپ قائىدە بويىچە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە بوغۇم ئاغرىقىنى يوق قىلىدۇ.

يىغىش 

9-، 10– ئايلاردا يىغىلدۇ.

ساقلاش 

قۇرۇتۇپ ساقلندۇ.[0]

ئەينالو، بىنسەپشە. قۇرۇتۇپ ساقلندۇ
ئەينالو، بىنسەپشە.
قۇرۇتۇپ ساقلندۇ

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=33

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#