سېۋېل ئاۋېرىي

سېۋېل ئاۋېرىي 1874- يىلى ئامېرىكىنىڭ مىچىگان شتاتىدىكى ساگىناۋ دېگەن يەردە تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سېۋېل ئاۋېرىي
يۇرتى مىچىگان شتاتىدىكى ساگىناۋ
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سېۋېل ئاۋېرىينىڭ دادىسى ياغاچ ماتېرىياللىرى سودىگىرى ئىدى. ئۇنى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇتۇق قازانغۇچى، دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ.

سېۋېل ئاۋېرىي 1894- يىلى مىچىگان شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇنچىلىق ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، دادىسىنىڭ ئىلگىرىكى بىر كىچىك گەج زاۋۇتىدا ئىشلىگەن، 22 يېشىدا بۇ زاۋۇتنىڭ دىرېكتورى بولغان. 1901- يىلى بۇ گەج زاۋۇتىنى ئامېرىكا گەج شىركىتى قوشۇۋالغان، تۆت يىلدىن كېيىن سېۋېل ئاۋېرىي ئامېرىكا گەج شىركىتىنىڭ باش دىرىكتورى بولغان. «دەۋر» ژورنىلى ئۇنى «خۇشخۇي، قالتىس، دەرىجىدىن تاشقىرى سېتىش سودىگىرى» دەپ تەسۋىرلىدى. سېۋېل ئاۋېرىي ئامېرىكا گەج شىركىتىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەش سودىگىرى قىلىپ چىققانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، سېۋېل ئاۋېرىينىڭ كىشىلىك ھاياتىدا زور بۇرۇلۇش بولغان. ئىقتىسادتا ئېغىر كاساتچىلىق يۈز بەرگەن 1932- يىلى «ۋورلد» شىركىتى مۇدىرىيەت ھەيئەتلىرى ۋە ھەقدارلىرىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن سېۋېل ئاۋېرىي قىزىل رەقىمى 8 مىليون 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن شىركەتنى قۇتقۇزۇشقا كىرىشتى. شۇ چاغدا ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: بىز ئەمدى سەھرالىقلارغا تايانمايمىز، ئاسما ئىشتان، رېزىنكە ئاياغنىلا ساتمايمىز. سېۋېل ئاۋېرىي شىركەتنى قايتىدىن مودا تاۋار بازىرىغا ئېلىپ كىردى ھەمدە تاۋارلارنىڭ كاتولوگىنى ئۆزگەرتىپ، زىيان تارتقان 70 ماگىزىننى تاقىدى. تىرىشىش ئارقىلىق سېۋېل ئاۋېرىي ئاخىر مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. 12 يىلدىن كېيىن، يەنى 1943- يىلى شىركەتنىڭ پايدىسى 20 مىليون 438 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. سېۋېل ئاۋېرىي «زالىم پادىشاھ» سۈپىتىدە مۈلكى 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يىتىدىغان شىركەتكە باشباشتاقلىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى. شىركەتتە دېمۇكراتىك قارار چىقىرىش ۋە تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزىمى بولمىغانلىقتىن، بارلىق قارار ۋە تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسىنى سېۋېل ئاۋېرىي چىقىراتتى. شۇنداق بولغاچقا، قارار ۋە تەدبىرلەرنىڭ كوللېكتىۋىزىملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايتتى. 

   دەل موشۇ ۋاقىتتا سېۋېل ئاۋېرىي ئەجەللىك ئىككى خاتالىق ئۆتكۈزدى: تىجارەت كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى رەت قىلدى. «ۋورلد» شىركىتى ماگىزىنلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يېزا- بازارلاردا ئىدى. بۇنداق بولغاندا، يېزىلاردىكى ئىستېمالچىلارغا ئىگە بولغىلى بولاتتى، بۇ ئۇلارنىڭ 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى بازار ئېڭى ئىدى. ھالبۇكى، 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، نوپۇسنىڭ ئېشىشى چوڭ شەھەرلەرگە مەركەزلەشتى. بولۇپمۇ شەھەر ئەتراپىدىكى بازارلار يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇكتەك تېز كۆپەيدى ھەمدە شەھەر مەركىزى ۋە كىچىك تىپتىكى سودا رايونلىرىدىكى سودا سارايلارنىڭ نۇرغۇن سودىلىرىنى تارتىۋالدى. ھالبۇكى، ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىش ئۇسۇلىدا زور ئۆزگىرىش بولغان موشۇنداق مەزگىلدە «ۋورلد» شىركىتى تىجارەت كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى رەت قىلىپ، بازارنى «سېئارس» شىركىتى، «پېننېي» شىركىتى ۋە باشقا رىقابەتچىلىرىگە ئىككى قوللاپ ئۆتكۈزۈپ بەردى. : ئىستراتېگىيىلىك مۆلچەردە خاتالىق ئۆتكۈزدى. «ۋورلد» شىركىتىنىڭ تىجارەت كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە قۇربى يېتەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەبلەغمۇ يېتەرلىك، ئىختىساسلىقلارمۇ كۆپ ئىدى. ئەمما، سېۋېل ئاۋېرىي بۇنىڭغا بەك قىزىقىپ كەتمىدى. ئەمەلىيەتتە «ۋورلد» شىركىتىنىڭ نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق زاپاس مەبلىغىمۇ يېتەرلىك ئىدى. 

   «ۋورلد» شىركىتىنىڭ بىر مۇئاۋىن باش دىرېكتورى مەبلەغنىڭ يېتەرلىكلىكى ھەققىدە مۇنداق بىر سۆزنى قىلغانىدى: ئامېرىكىدا «ۋورلد» شىركىتىنىڭ ماگىزىنلىرى ئەڭ كۆپ ھېسابلىنىدىغان «بانكا» ئىدى. ھالبۇكى سېۋېل ئاۋېرىي، 1- دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئىقتىساد كاساتلاشتى، شۇنداق بولغاچقا، 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىقتىساد يەنە كاساتلىشىدۇ، دېگەن قاراشتا چىڭ تۇردى. سېۋېل ئاۋېرىي سانائەت ھەربىي سانائەت ئىشلەپچىقىرىشتىن ئاۋام ئىشلەپچىقىرىشىغا يۈزلىنىدۇ، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن نەچچە مىليون كىشى خىزمەت تېپىشقا مۇھتاج بولىدۇ، شۇنداق بولغاچقا، دۆلەت ئىقتىسادنى تىنچلىق دەۋرىگە تەڭشىگەندە ناھايىتى زور قېيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ، دەپ پەرەز قىلىپ، «ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىشى بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىنمۇ بەتتەر بولىدۇ» دەپ قارىدى. ئۇ بىز ۋورلد شىركىتى بۇنىڭغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمايمىز، بىز ھەر ۋاقىت ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك، دېدى. ئەگەر ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى سېۋېل ئاۋېرىينىڭ دېگىنىدەك بولغان بولسا، يەنى 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلىشىپ ئۈچ- تۆت يىل ئىچىدە ئىقتىساد ھەقىقەتەن كاساتلاشقان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ بىر ئالدىن كۆرەر قەھرىمانغا ئايلانغان بولاتتى. خۇددى «سودا» ھەپتىلىك ژورنىلى قىياس قىلغاندەك «ئامېرىكىدىكى ئەڭ زېرەك سودىگەر» دېگەن شەرەپكە نائىل بولغان بولاتتى.[0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#