ۋېلىسپىت بىلەن يول يۈرگەن ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۈرۈش يولىدا ۋېلىسپىت بىلەن يۈرگەن ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغان ئادەم ھىندىستان لىق نافانبو (22 ياش) بولۇپ، 1964-يىلى ئېفىئوپىيە نىڭ پايتەختى ئەددىس-ئەبېبەدە 168 سائەتلىك رىكورد ياراتقان.

ئامېرىكىنىڭ كالفورنىيە شىتاتىدىكى كونىس(25 ياش) 1973-يىلى 4-مارتتا نيۇيورك شەھەرلىك ھۆكۈمىتىدىن يولغا چىقىپ، شۇ ئاينىڭ 17-كۈنى يەنە شۇ يەرگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ 13 كۈن بەش سائەت 20 مىنۇت ئىچىدە ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 362 كىلومېتىر يول باسقان.

ۋېلىسپىت بىلەن دۇنيانى ئەڭ ئاۋۋال ئايلىنىپ چىققان كىشى مەمىلىكىتىمىزنىڭ ياش ساياھەتچىسى پەن دېمىڭ (1909-1976) بولدى. ئۇ تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپ تەنتەربىيەگە قىزىقاتتى. 21 يېشىدا (1930-يىلى) «شەرقىي ئاسىيا كېسەل كۆرپىسى» دېگەن نۇمۇسنى ئاقلاشقا بەل باغلاپ، «جۇڭگو ياشلىرى ئاسىيا پىيادە يۈرۈش ئۆمىكى» (سەككىز كىشىلىك) كە قاتىنىشىپ، يەرشارىنى پىيادە ۋە ۋېلسپىت بىلەن ئايلىنىش سەپىرىنى باشلىدى. بۇ ئۆمەك شاڭخەيدىن يولغا چىقىپ بىرىنمى مەملىكەت-ۋېيتنامغا كەلگەندە پەن دېمىڭ ئۆزى يالغۇز قالغان بولسىمۇ، ئۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ھىندىستان ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقى، ئوتتۇرا شەرق، يېقىن شەرق، ئافرىقىلارنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتتى، ئاندىن ياۋروپادىكى بالقان يېرىم ئارىلىغا يېتىپ بېرىپ، مەركىزى ياۋروپا، ئىسكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىغا يېتىپ باردى. ئاندىن ئەنگلىيە دىن چىقىپ ئاتلانتىك ئوكيان نى توغرىسىغا كېسىپ، شىمالىي ئامېرىكا، ئوتتۇرا ئامېرىكىغا باردى. ئاخىردا غەربتە تىنىچ ئوكياندىن ئۆتۈپ، ئوكيانىيە ئارقىلىق ئاسىياغا قايتتى. 1937-يىلى ئىيۇندا بېرما ئارقىلىق مەملىكتىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىگە يېتىپ كەلدى. ئۇ يەتتە يىل يۈرۈپ، 40 نەچچە دۆلەتنى كېسىپ ئۆتتى، ئون مىڭلاپ كىلومېتىر يول باستى. 

پەن دېمىڭ پىيادە ۋە ۋېلىسپىت بىلەن دۇنيانى ئايلىنىپ چىقىش جەريانىدا تاغ-دەريالارنى كەزدى. ئىنسان قەدىمى يەتمىگەن ئىپتىدائىي ئورمانلارنى، چۆل-جەزىرە ۋە سازلىقلارنى بېسىپ ئۆتتى. يولۋاس، بۆرە قاتارلىق يىرتقۇچ ھايۋانلارغا نۇرغۇن قېتىم ئۇچرىغان بولسىمۇ، تەسەۋۋۇر قىلىپ بولمايدىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئاخىر بۇ ئۇلۇغۋار ئىشنى ئورۇنلىدى. ئۇ قەيەرگىلا بارسا، شۇ يەردىكى ھۆكۈمەت، مەشھۇر زاتلارنىڭ ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئەنگىلىيىنىڭ باش ۋەزىرى ماكدونالد، تۈركىيە زۇڭتۇڭى مۇستاپا كامىل قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ئۇنى قوبۇل قىلدى. ئامېرىكا رۇزۋىلېت ئۇنىڭغا خاتىرە ئۈچۈن تىللا سوۋغات قىلدى. ھىندىستان نىڭ مۇقەددەس قەھرىمانى گەندى ئۇنىڭغا خاتىرە ئۈچۈن ھىندىستان نىڭ دۆلەت بايرىقىنى تەقدىم قىلدى. 20 نەچچە دۆلەتنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىلىرى ھەمدە 1200 دىن ئارتۇق ئورۇن ۋە شەخسىلەر «مەشھۇر كىشىلەر خاتىرىلىرى توپلىمى» غا خاتىرە ئۈچۈن بېغىشلىما يېزىپ ياكى ئىمزا قويۇپ بەردى.

ئەنگلىيە لىك لىس (41 ياش) بىلەن ياپونىيە لىك ۋېنيەنلەر 1971-ۋە 1974-يىللىرى ۋە ۋېلىسپىت بىلەن دۇنيانى ئايرىم-ئايرىم ئايلىنىپ چىقتى. (بى دۇڭخەي، گۈي يۇڭدىڭ) 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#