يىڭپەن خارابىسى

يىڭپەن خارابىسى

يىڭپەن خارابىسى شىنجاڭ بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 180 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى يىڭپەن خارابىسى
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
ئورنى لوپنۇر ناھىيەسى
خەنزۇچە نامى 营盘遗址
قاراشلىق رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يىڭپەن خارابىسىيىڭپەن خارابىسى شىنجاڭ بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 180 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. بۇ خارابىلىكتە بىر يۇمىلاق قەدىمىي شەھەر ۋە يۈزدىن ئارتۇق قەدىمكى قەبرىلەر بار، بۈگۈنگە قەدەر لوپنۇر رايوندىكى ئەڭ چوڭ، مەدەنىيىتى ئەڭ كۆپ قەبرىلەر توپىنىڭ بىرى، تارىخ ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن «ئىككىنچى كىروران» دەپ ئاتالغان.

يىڭپەن خارابىسىسىۋېن ھېدىن، لاتمور، سىتەيىن، خۇاڭ ۋېنبى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يىڭپەن خارابىسىغا بارغان. سىتەيىن بۇ يەردە قەدىمكى لۇ سىداۋ يېزىقى ۋە باشقا يېزىقتىكى خەتلەر ماسلاشتۇرۇلغان خەنزۇچە تارىشا پۈتۈك ۋە پۇل قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار دىگەن. 1989-يىلى، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى بايىنغولىن ئوبلاستىدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۇزلۇك تەكشۈرۈش ئەترىتى يىڭپەن خارابىسىنى تېپىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئومۇميۈزلۈك توپلاش، قېزىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، قەبرە ئىچىدە نۇرغۇن ياغاچ، يۇڭ توقۇلما، تېرە بۇيۇملىرى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېغىر بولغىنى يىپەك بۇلۇپ، ئۇنىڭ تۈرلىرى تولۇق، سۈپىتى نەپىس، كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان نەرسىلەردىن يوپكىسىمان نەرسىلەر، چاپان، شىم، پايپاق قاتارلىقلار تېپىلغان. بۇ يىپەك توقۇلما بۇيۇملىرى ياكى لەيلەپ يۈرگەن يىپ ياكى رەڭدار، يەڭگىل، چىرايلىق كەشتىلەر بۇلۇپ، ئەمەلىيەتتە ئېلىمىز يىپەك يولى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئېسىلى. 

يىڭپەن خارابىسىيىڭپەن شەھەرنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 900 مېتىر، يۇمىلاق قەلئە بۇلۇپ، شەھەر سېپىلىنىڭ قالدۇق ئېگىزلىكى 5.6 مېتىر، سوقما سېپىل، بىر قىسىم تام بۆلىكى قوش كېسەك. شەھەر ئىچىدە شەرقىي قوۋۇق بار. شەھەرنىڭ غەربىي تەرىپىدە ئېگىزلىكى 10 مېتىر كېلدىغان شەرقىي قوۋۇق بار. شەھەرنىڭ غەربىي تەرىپىدە ئېگىزلىكى 10 مېتىر كېلىدىغان بىر كېسەك تۇرى تونىل بار. شەھەرنىڭ شىمال تەرىپى قەبرىستانلىق، غەرب تەرىپىدە بىر مەھكىمە خارابىسى بار بۇلۇپ، 10 دىن ئارتۇق كېسەك ئىمارەت ساقلىنىپ قالغان. 

يىڭپەن خارابىسى غەربىي شىمالى بىلەن شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيەسى شەھەر ئىچىنىڭ ئارلىقى 150 كىلومېتىر، شىمال تەرىپى شىڭدى تېغى، جەنۇبىي تەرىپى كۆنچى دەرياسى، قاتناش يولى يوق.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#