شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات ئورنى

شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى

شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى 1979-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات پائالىيتى ئېلىپ بارىدىغان ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئىلمىي تەشكىلات.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1979-يىلى 12-ئاي
خەنزۇچە نامى 新疆教育学会
قاراشلىق ئورنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى 1979-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات پائالىيتى ئېلىپ بارىدىغان ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئىلمىي تەشكىلات. مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىزچىل تۈردە ئاپتونوم راينلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ قارمىقىدا بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتكومىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگو مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكى ئاستىدا بولغان، مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائي پەنلەر بىرلەشمىسىنىڭ كوللېكتىپ ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا: ئاممىۋى خاراكتېرلىك مائارىپ ئىلمىي تەتقىقاتىنى تەشكىللەش، ئىلمىي نەتىجىلەرنى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، مائارىپ ئىسلاھات تەجرىبىلىرى ۋە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىش، مائارىپ ئىلمىي بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش خادىملىرىنى تەربىيىلەشنى ھەمدە مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش قاتارلىقلار.

ماركىسىزم - لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇش، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى  ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئىلمىي تەرەققىيات بىلەن نەزەرىيىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپى ۋە «ئېچىلىش - سايراش» فاڭجېنى ئاساسى قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇن-نىزام ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەت، جەمئىيەت ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى، دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە تەشكىللەپ، شىنجاڭدىكى مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەر مىللەت مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىرادە باغلاپ، مائارىپ نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش.

ئاممىۋى خاراكتېرلىك مائارىپ ئىلمىي تەتقىقاتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي مائارىپ قانۇنىيىتى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرشىغا ئەھمىيەت بېرىش، مائارىپ تارماقلىرىنىڭ  ھەمكارلىشىپ تىرىشىپ يولغا قويۇپ، مائارىپ پەن تەتقىقات يىرىك پىلانىنى ئاپتونوم رايونىمىز ھەمكارلىشىپ ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەسپىي پەنلەر تەتقىقات مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات پائالىيىتى، نۇقتىلىق تېمىلار بويىچە ھەمكارلىق تەتقىقات قاتنىشىش؛ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، مۇھاكىمە مائارىپ نەزەرىيەسى، مائارىپ ئىسلاھاتى تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، پەن تەتقىقاتى نەتىجىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، مائارىپ، ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تەشكىللەش ۋە قانات يايدۇرۇش، مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش؛ تەشكىلىي تەربىيە، پەن تەتقىقات باھالاش پائالىيىتى قاتارلىقلار.

 شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ئاساسلىقى رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات خادىملىرى ۋە بىر قىسىم مائارىپ مەمۇرىي كادىرلىرى بولۇپ، كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولغان شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ ھېسابلىنىدۇ. ئىلمىي جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، بەش نۆۋەتلىك مۇدىرىيەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 50 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار. 10 نەچچە ۋىلايەت ئوبلاستتا تارماق جەمئىيىتى ۋە 36 ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتى(كەسپىي جەمئىيەت) بار. شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى 5-نۆۋەتلىك مۇدىرىيىتى 1998-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرقى جەمئىيەت باشلىقى سادىر قادىر، دائىملىق مۇئاۋىن مۇدىر رىن باڭكۈن، باش كاتىپ روڭ شىڭچى، مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى ئىشخانىسى مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىچىدە تەسىس قىلىنغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#