بەشئېرىق يېزىسى

بەشئېرىق يېزىسى

بەشئېرىق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىگە قاراشلىق يېزا. 1984-يىلى 8-ئايدا يېزىلىق ھۆكۈمەت تەسىس قىلىنغان. 

ئۇيغۇرچە نامى بەشئېرىق يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 450 كۋادرات كىلومېتىر
تېلېفون رايون نومۇرى 0998
خەنزۇچە ئاتىلىشى 伯西热克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى
نوپۇسى 22 مىڭ ئادەم
پوچتا رايون نومۇرى 844000

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەشئېرىق يېزىسىبەشئېرىق يېزىسى قاغىلىق ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا. ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىدىن ناھىيە بازىرىغا يەتتە كىلومېتر. كۆلىمى 450 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 22 مىڭ ئادەم، ئۇيغۇرلار %97.75 نى ئىگىلەيدۇ. 315-دۆلەت تاشيولى كىسىپ ئۆتىدۇ. كەنت ئاھالىلىرى 6276 ئائىلە، 33 مىڭ ئادەم، ئەمگەك كۈچى 6588 ئادەم. بۇلار ئىچىدە ئۇيغۇرلار 33104 ئادەم، خەنزۇ مىللىتى 257 ئادەم.

ئورنى قاغىلىق ناھىيەسى شەرقى، 315-، 219-دۆلەت يولى كېسىشكەن جايغا جايلاشقان.

جۇڭخۇا مىنگو دەۋرى بەشئېرىق 1950-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ 7-رايونغا تەۋە بۇلۇپ، 1953-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ 9-رايون ۋە 1-رايونغا تەۋە بولغان. 1958-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ بىرىنچى رايون گۇڭشېسىغا تەۋە بولغان. 1970-يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ بەشئېرىق يېزا گۇڭشېسىغا تەۋە بولغان. 1984-يىلى 7-ئايدا بەشئېرىق يېزىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 

ئورنى 

بەشئېرىق يېزىسى شەرقىي لوق يېزىسى، غەربىي ناھىيەلىك ئورمانچىلىق مەيدانى، چاسا كېمىچى يېزىسى، تىيېنەن يېزىسى بىلەن، جەنۇبىي زۇڭلاڭ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي بىلەن جاڭگىلئەسكى يېزىسى، تۆگىچى يېزىسى، ئاقتاش بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 43.5 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 20 كىلومېتىر كېلىدۇ. 

تەبىئىي مۇھىتى

يېزىنىڭ شىمالىي قىسمى تىنما تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1300-1500 مېتىر، جەنۇبىي تاغ ئېتىكى شېغىللىق، ئوتتۇرا قىسمى توپا، ئۈنۈمسىز تېرىلغۇ يەر، پەقەت 315-دۆلەت يولىنىڭ شىمالىدىكى توپا قاتلىمى بىرقەدەر چوڭقۇر. دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى يەرلەر ئۈنۈمسىز، ھۆلچىلىك، سۇغىرىلىدىغان يېزا ئىگىلىكى تۆۋەن مەھسۇلاتلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. %88.9 يەرنىڭ تۇپرىقى سۇغىرىلما–تىنما تۇپراق، %10.7 قوڭۇر چۆل تۇپراق، يەنە ئاز مىقداردا چىملىق توپا، يەرنىڭ ئوغۇت كۈچى ناھايىتى تۆۋەن. تەركىبىدە ئازوت مىقدارى %0.032، ئورگانىك ماددا مىقدارى %0.51، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان فوسفور مىقدارى 3.26PPM، ئىشقاردا ھىدرولىزلىنىدىغان ئازوت مىقدارى 22.57PPM، تېز ئۈنۈملۈك كالىي مىقدارى بىرقەدەر كۆپ 214.15PPM.

بەشئېرىق يېزىسىبەشئېرىق يېزىسىغا قاراشلىق 18 مەمۇرىي كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: يەنى بۇقىسوڭبويى كەنتى (1-كەنت)، تارامباغ كەنتى (2-كەنت)، كەنتيىچى كەنتى (3-كەنت)، ياربويى كەنتى (4-كەنت)، سىيەك كەنتى (5-كەنت)، باش ئوراڭ كەنتى (6-كەنت)، سوپۇر كەنتى (7-كەنت)، باش قاراباغ كەنتى (8-كەنت)، قاراباغ كەنتى (يەنە بىر نامى «باش ئوراڭ كەنتى»، 9-كەنت)، ئوراڭ كەنتى (10-كەنت)، باغئېرىق كەنتى (11-كەنت)، سېغىزلىقبويى كەنتى (12-كەنت)، تامباغ كەنتى (13-كەنت)، بوياقچاقىرى كەنتى (14-كەنت)، تۆۋەن ئوراڭ كەنتى (15-كەنت)، باش يېيىق كەنتى (16-كەنت)، يېيىق كەنتى (17-كەنت)، ئاياغ يېيىق كەنتى (18-كەنت). مىللىيچە، خەنزۇچە ئىككى خىل باغۋەنچىلىك مەيدانى ۋە جەمئىي 73 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بار.

بەشئېرىق يېزىسى 2000-يىلى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات يېزا قىلىپ بېكىتىلگەن. 2000-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە نۇقتىلىق نامرات 14 كەنت ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلە 320، نوپۇسى 1267 ئادەم، تۆۋەن كىرىملىك نامرات نوپۇس 3333 ئائىلە، 15148 ئادەم، قۇتقۇزۇش بېرىلىدىغان ئائىلىلەر 85 ئائىلە، 102 ئادەم، نامرات نوپۇس ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %77 نى ئىگىلەيدۇ. 

يېزا ئىگىلىكى

بەشئېرىق يېزىسىئاساسلىق يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ، زىرائەتلەردىن بۇغداي، كېۋەز، قوناق، ئانار، ئۈزۈم قاتارلىقلار بار، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 57000 مو. پۈتۈن يېزا ئانارنى ئاساس قىلغان باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىشنى شەكىللەنگەن. 2005-يىلى يېزا ئىقتىسادىنى ئومۇمىي كىرىمى 75 مىليون 24 مىڭ يۈەن، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 1937 يۈەن، كىرىمى 220 يۈەن، %12 ئاشۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە تېرىقچىلىق كەسپىنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 37 مىليون 746 مىڭ يۈەن، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 637 يۈەن، كىرىمى 35 يۈەن ئاشۇرۇلغان؛ 2-، 3-كەسىپ ۋە ئەمگەك-مۇلازىمەت چىقىرىش ئومۇمىي كىرىمى 5 مىليون 787 مىڭ يۈەن، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 254 يۈەن، كىرىمى 47 يۈەن ئاشۇرۇلغان. بۇغداينىڭ 8977 توننا ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات بىرلىك مەھسۇلاتىنى 390 كىلوگىرامغا يەتكۈزگەن؛ كۆممىقوناق ھوسۇلى 7256.7 توننا؛ 

چارۋىچىلىقى 

چارۋىچىلىق ئومۇمىي كىرىمى 15 مىليون 373 مىڭ يۈەن، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 455 يۈەن، كىرىمى 73 يۈەن ئاشۇرۇلغان؛ باغۋەنچىلىك ئومۇمىي كىرىمى 16 مىليون 118 مىڭ يۈەن، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى  590 يۈەن، كىرىمى 65 يۈەن ئاشۇرۇلغان؛ 

قولدا قالغان چارۋا 58 مىڭ تۇياققا يەتكەن، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %3 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ چارۋا 7650 تۇياق، كالا 3764 تۇياق، نەسىللىك كالا 2404 تۇياق، ئومۇمىي سانىنىڭ %64 نى ئىگىلەيدۇ. كالا، قوي 47677 تۇياق، ئۆي قۇشلىرى بېقىلىش سانى 366 مىڭ 300 گە يەتكەن.

بەشئېرىق يېزىسىبىر يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ، 10باشلانغۇچ مەكتەپ، توققۇز ئوقۇتۇش نۇقتىسى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 7507 نەپەر، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 274 نەپەر، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99، باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى 99.98% ۋە 100%، ئوقۇش پۈتتۈرۈش نىسبىتى ئايرىم -ئايرىم ھالدا %97.6 ۋە 97%. 

يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان ئادەم سانى 18000 ئادەم، پۈتۈن يېزا ئاھالىسىنىڭ %80 تىن يۇقىرى بولۇپ، جەمئىي ھەمكارلىق داۋالىنىش خىراجىتىنى 325000 يۈەن؛ پۈتۈن يېزا 0-7 ياشلىق بالىلار 5060 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتى %90 تىن ئاشقان، ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش نىسبىتى %100 كە يەتكەن. پۈتۈن يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ‰13.79، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰8.4، ئېقىپ يۈرگەن ئاھالىلەرگە بولغان باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، پىلان سىرتىدىكى تۇغۇت چەكلەنگەن. تۇغۇت چەكلەش نىسپىتى %66.99، ئۇنىۋېرسال تۇغۇت چەكلەش نىسپىتى %74.35، ھەر خىل پىلانلىق تۇغۇت كۆرسەتكۈچى ھەممىسى ئىشلىرى بىر قەدەر ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن. تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىش نىسبىتى %80 دىن ئاشقان. يېزىنىڭ مەدەنىيەت تەنتەربىيە پائالىيەت كەيپىياتى قويۇق، ۋاسكېتبول قاتارلىق تۈرلەر بەلگىلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#