گىراسې كېللي
گراسې كېللې 1929-يىلى 11-ئاينڭ 12-كۈنى فىلادېلفىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئامېرىكىلىق كىنو ئارتىسى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گىراسې كېللې ئامېرىكا فىلادىلفىيە شەھىرىدە بىر باي ئائىلىدە تۇغۇلغان، دادىسى بۇرۇن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قولۋاق ھەيدەش مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، ئانىسى پىنسىلوۋانىيە شىتاتلىق ئونىۋېرسىتېتنىڭ تەنتەربىيە تېرنىرى بولغان، تاغىسى جورج كېللي (George Kelly) بولسا سىنارىست، ئۇ بۇرۇن «رىگبىي خانىم» (Rigby) دېگەن ئەسەرنى يېزىپ پۇلىتزېر مۇكاپاتى (Pulitzer Prize) غا ئېرىشكەن. گىراسې كېللي تاغىسىنىڭ تەسىرىدە، 13 ياشقا كىرگەندە تاماشا سەھنىسىگە قەدەم قويغان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، نيۇيورك قا كېلىپ ئامېرىكا سەنئەت مەكتىپىگە ئىمتىھان بەرگەن.
1950-يىلى گىراسې كېللي تۇنجى قېتىم «14 سائەت» فىلىمىدا كىچىك بىر رولغا چىققان. كېيىن بۇ سەۋەبلىك رېژىسور فىرېد جىننىمان (Fred Jin Niman) نىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، كېيىن 1952-يىلى «قاق چۈش» فىلىمىنىڭ ئايال باش رولچىلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان. شۇندىن كېيىن، گىراسې كېللي MGM Studios كىنو سىتودىيىسى بىلەن يەتتە يىللىق توختام تۈزۈشكەن ۋە رېژىسور ئالفىرېد خىتچوك (Alfred Hitchcock) نىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، بۇ رېژىسورنىڭ 1953-يىلىدىكى «تېلېفون قەستلەش دىلوسى»، 1953-يىلىدىكى «ئارقا دەرىزە»، 1955-يىلىدىكى «ئوغرى تۇتۇش خاتىرىسى» قاتارلىق فىلىمىدە ئۇدا ئۈچ يىل ئايال باش رول ئالغان.
گىراسې كېللي 1955-يىلى «سەھرالىق قىز» فىلىمىدە رول ئېلىپ ئوسكار ئەڭ نادىر ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 1956-يىلى موناكو خانىشى بولۇشنى پىلانلىغان. گىراسې كېللي 1956-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى موناكو پادىشاھى راينېر ئۈچىنچى (Rainier III) بىلەن موناكودا توي قىلغان. 1957-يىلى ئۇلارنىڭ چوڭ قىزى كەرولىن (Caroline) تۇغۇلغان، ئىككىنچى يىلى ئۇلارنىڭ ئىككىنچى بالىسى ئالبېرت (Albert) تۇغۇلغان، 1965-يىلى ئۈچىنچى بالىسى سىتېفانې (Stephanie) تۇغۇلغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.