كۈن تۇتۇلۇش

كۈن تۇتۇلۇش بولسا ئاي شارىنىڭ ئايلىنىپ قۇياش بىلەن يەرشارىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ ،ئەگەر ئۈچى بىرتۈز سىزىق ئۈستىگە كېلىپ قالغاندا ،ئاي شارى قۇياشنىڭ يەر شارىغا چۈشكەن نۇرىنى توسىۋالىدۇ ،ئاي شارىنىڭ كەينىدىكى قارا سايە يەر شارىغا چۈشىدۇ ،بۇ ۋاقىتتا دەل كۈن تۇتۇلۇش يۈز بېرىدۇ .

كۈن تۇتۇلۇش پەقەت قەمەرىيە كالېندارى بويىچە ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ، ئاي شارى بىلەن قۇياش ئۆز-ئارا ئۇدۇل كەلگەندە يۈز بېرىدۇ ،كۈن تۇتۇلۇش قۇياشنىڭ قىسمەن تۇتۇلىشى ،كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلىشى ،كۈننىڭ ھالقىسىمان تۇتۇلىشى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ .كۈننىڭ تۇتۇلىشىنى كۆرگەندە بىۋاستە قۇياشقا قارىماسلىق كېرەك ،بولمىسا كور بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

ئۇيغۇرچە نامى كۈن تۇتۇلۇش
تەبىي ھادىسىسى ئاي قۇياش يەر شارى بىرتۈزسىزىقتا ئاي ئوتتۇرىسىدا
خەنزۇچە نامى 日食
سەۋەبى نۇرنىڭ تۈز سىزىق بويىچە تارقىلىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

      

ئاي شارى قۇياش ئەتراپىدا ئايلانغاندا ، ئەگەر ئايلىنىپ دەل قۇياش بىلەن يەرشارىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ قالغاندا  يەنى ئۈچى بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئاي شارى قۇىياشنىڭ يەر شارىغا چۈىشىدىغان يورۇقلۇقىنى توسۇۋالىدۇ شۇنىڭ بىلەن يەر شارىدا قارا سايە پەيدا بولىدۇ بۇ خىل ئەھۋال ئاستىرنومىيە ئىلىمىدە كۈننىڭ تۇتۇلىشى دەپ ئاتىلىدۇ .

    كۈن تۇتۇلۇشى  كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلىشى ، كۈننىڭ قىسمەن تۇتۇلىشى،كۈننىڭ ھالقىسىمان تۇتۇلىشى  قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ .

كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلىشى

 قۇياش ئاي شارى كەڭلىكىنىڭ 400 ھەسسىسىگە ، يەرشارى بىلەن بولغان ئارلىقىمۇ 400 ھەسسە يېراقلىقتا ،سىمىترىكلىك سەۋەبىدىن ، ئاي شارىنىڭ سايىسى ،يەنى يەرشارى يۈزىگە چۈشكەندىن كېيىنىكى سايىسى ، كەڭلىكى دەل پۈتۈن قۇياشنى توسىۋالغاندا ،قۇياش نۇرى ئاي شارى تەرىپىدىن توسىلىدۇ ،ئەسلىدىكى نۇرلۇق قۇياش قارا ئايشارنىڭ سايىسىدە توسىلىدۇ ،يەنى  يەرشارى ئاي شارىنىڭ كۆلەڭگىسى ئارقىلىق توسۇلىدۇ، كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇشى ئايشارىغا يېقىن بولغان جايدا يۈز بېرىدۇ ،قۇياشنىڭ ئەمەلىي ھەجىمى ئايشارىنىڭ نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كەلگەچكە ،قۇياشنىڭ تولۇق تۇتۇلۇشى پەقەت يەرشارىنىڭ كىچىككىنە بىر دائىرىسىدە كۆرگىلى بولىدۇ ،چۈنكى ئايشارىنىڭ تولۇق سايىسى قۇياشقا نىسبەتەن كىچىككىنە بىر نۇقتا .

كۈننىڭ قىسمەن تۇتۇلىشى

  

     كۈننىڭ قىسمەن تۇتۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپ بولسا كۆزەتكۈچى ئاي شارىنىڭ يېرىم سايە رايونىدا تۇرۇپ ،بىر  بۆلەك  قۇياش نۇرىنىڭ ئايشارىنىڭ سايىسى تەرىپىدىن توسۇلۋېلىنغانلىقىنى كۆرگەن ،لېكىن يەنە بىر بۆلەك قۇياش نۇرى بولسا داۋاملىق نۇر چېچىپ تۇرغان ،قۇياش بىلەن ئاي شارىنىڭ قىسمەن بۆلىكى ئۇدۇل كەلگەن مانا بۇ قۇياشنىڭ قىسمەن تۇتۇلىشى .

كۈننىڭ ھالقىسىمان تۇتۇلىشى

    

ئاي شارى يېراق نۇقتىدا تۇرغاندا،ئايشارىنىڭ تولۇق سايە ئۇچى يەرشارىغا يېتىپ بارالمايدۇ ،يېتىپ بارالايدىغىنى بولسا تولۇق سايە ئۇچىنىڭ ئۇزىرىغان ساختا تولۇق سايىسى ،بۇ ۋاقىتتا ئاي شارىنىڭ كۆرۈش دېئامېتىرى قۇياشتىن سەل كىچىكرەك بولىدۇ .شۇ سەۋەپتىن ، قۇياشنىڭ چەتتىكى نۇرلىرىنى يەنىلا كۆرگىلى

بولىدۇ ،ئايشارىنىڭ سايىسى ئەتراپىدا ھالقىسىمان نۇرالار شەكىللىنىدۇ .

يېقىنىقى  ۋاقىتتىكى قۇياشنىڭ تۇتۇلۇش ئەھۋاللىرى ۋە ۋاقتى :.ئالدىنقى قېتىملىق قۇياشنىڭ تولۇق تۇتلۇشى 2015 –يىلى 3- ئاينىڭ 20 –كۈنى يۈز بەرگەن؛ئالدىنقى قېتىملىق قۇياشنىڭ قىسمەن تۇتۇلىشى 2014 –يىلى10 –ئاينىڭ 23- كۈنى يۈز بەرگەن؛ئالدىنقى قېتىلىق قۇياشنىڭ ھالقىسىمان تۇتۇلىشى 2013- يىلى 5 –ئاينىڭ 10 –كۈنى يۈز بەرگەن .[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#