ياپونىيە قۇيرۇقى يوق مۈشۈك
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ياپونىيە قۇيرۇقى يوق مۈشۈكى پەقەت ياپونىيەگىلا تارقالغان، ئامېرىكىدا ئەتىۋارلىنىپ بازار تاپقان مىجەزى مۇلايىم، ئادەمگە ئامراق، ئەقىللىق بولغان داڭلىق ئەرمەك مۈشۈك. ياپونىيە قۇيرۇقى يوق مۈشۈكى تۇنجى قېتىم ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيەگە كەلگەن مۈشۈكخۇمار بىر گېنېرال تەرىپىدىن بايقالغان بولۇپ، گېنېرال توشقانغا ئوخشاش قۇيرۇقى يوق مۈشۈكنى كۆرۈپ قۇيرۇقى كېسىۋېتىلگەن مۈشۈك ئوخشايدۇ دەپ قالغان ۋە كېيىن ياپونىيەدە بۇنداق قۇيرۇقى يوق مۈشۈكنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، قۇيرۇقى ئۇزۇن مۈشۈكلەرنىڭ ياۋا مۈشۈك دەپ قارىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ قىزىقىپ قالغان. ياپونىيە قۇيرۇقى يوق مۈشۈكىمۇ ئاخبارات خەۋەرلىرى بىلەن تەڭلا تېزلىكتە ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا تارقالغان. ياپونىيە قۇيرۇقى يوق مۈشۈكى ھازىر ياپونىيە تەرىپىدىن قايتىدىن ئېتىبارغا ئېرىشىپ دۆلەت ھايۋىنى سۈپىتىدە ئەتىۋارلىنىپ كەلمەكتە.
تېرىسى
يۇمشاق، پارقىراق، ئۇزۇنلىقى نورمال، قارا، قىزىل ۋە ئاق رەڭلىك. تۈكلۈك تۈرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ : كارتېتا رەڭ، ئاق رەڭلىك مۈشۈك، قارا مۈشۈك، ئاق مۈشۈك، قىزىل مۈشۈك، قارا ئىبىس ، ئاق مۈشۈك، قىزىل، ئاق رەڭلىك مۈشۈك. سىئام مۈشۈكى بىلەن ھەبەش مۈشۈكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ساپ نەسىللىك مۈشۈك باشقا رەڭلىك مۈشۈككە قارىغاندا كارتېتا رەڭ، ئاق رەڭلىك تاغىل مۈشۈك ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن.
مىجەزى مۇلايىم، ئادەمگە ئامراق، ئەقىللىق بولغان داڭلىق ئەرمەك مۈشۈكى.
ياپون مۈشۈكىنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى قۇيرۇقىنىڭ زىيادە قىسقا ئىكەنلىكىدە بولۇپ بەدىنى ئادەتتىكى مۈشۈكلەردىن سېمىزراق، بۇرنى ئۇزۇنراق، كۆزى يۇمىلاق ۋە يوغان، قۇلىقى ئۈچ بۇرجەك شەكىلدە كېلىدۇ. ياپون مۈشۈكى باشقا ئاسىيا مۈشۈكلىرىگە ئوخشاشلا چاشقان تۇتۇش ماھىرى ئەمما، دەرەخكە يامىشىش ئىقتىدارى ياخشى ئەمەس. ئارىلاش ئوزۇقلىنىدۇ. كۆپىيىشى ئادەتتىكى مۈشۈكلەرگە ئوخشاش يىلدا بىر قېتىم، 2 دىن ئالتىگىچە بولىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئوكيان قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.