يارغۇنچاق

يارغۇنچاق

يارغۇنچاق بۇغداي، قوناق قاتارلىق دانلىق ئاشلىقلاردىن يارما يارىدىغان تاش سايمان.

نامى يارغۇنچاق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 手推磨

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يارغۇنچاق بۇغداي، قوناق قاتارلىق دانلىق ئاشلىقلاردىن يارما يارىدىغان تاش سايمان. ئۇنىڭ يەرلىك تۈگمەنگە ئوخشاش ئاستى-ئۈستى ئىككى تېشى بولۇپ، يارما يارغاندا قول بىلەن چۆرۈپ ھەرىكەتلەندۈرۈلىدۇ.


يارغۇنچاق ئاددىيراق ئۇسۇلدا ياسىلىدىغان بولۇپ، قولدا ھەرىكەتلەندۈرىلىدۇ. يارغۇنچاق تەخمىنەن ئۈچ-تۆت سانتىمېتىر قېلىنلىق، 20 سانتىمېتىر كەڭلىكتىكى جۈپلەشتۈرۈش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. ئۈستى پاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن تۆشۈك ئېچىلىدۇ،ئاستى پايغا ئۈستى تۆشۈكىگە توغرىلاپ تۆشۈك ئويۇلۇپ، ئۇنىڭغا چىڭ ياغاچتا ئوق بېكىتىلىدۇ. ئوق ئۈستى پاي تۆشۈكىدىن ئازراق چىقىپ تۇرغىدەك ئۇزۇنلىقتا بولۇپ، ئۈستى پاي شۇ ئوققا مىندۈرىلىدۇ.

ئۈستى پاينىڭ گىرۋىكىگە يېقىن بىر جايدىن تۆشۈك ئويۇلۇپ، ئۇنىڭغا ياغاچتىن تۇتقۇچ بېكىتىلىدۇ. تۇتقۇچ بىلەن ئۈستى پاي چۆگىلىتىلىدۇ، تۆشۈكتىن ئۇدۇللۇق دان چۈشۈپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دان يانجىلىپ يۇمشاپ بىر چەتتىن ئاستا ئۇن بولۇپ چۈشىدۇ. يارغۇنچاق ئۇنى ئادەتتە يىرىكرەك كېلىدۇ، ئۈستى پاي قانچە قېلىن بولسا، ئۇنمۇ شۇنچە يۇمشاق چىقىدۇ. ياغۇنچاقنىڭ ئۇن چىقىرىش مىقدارىمۇ چەكلىكلا بولىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    33.3%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    66.7%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#