گىتلېر

گىتلېر 1889-يىلى ئاۋسترىيە نىڭ بلانوۋ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئۇ بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان رەسسام ئىدى. ئۇ ئىككى قېتىم ۋېناغا بېرىپ گۈزەل-سەنئەت شۆيۈەنىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتەلمەيدۇ. بىراق، ئۇ ياش ۋاقتىدا گېرمانىيىگە سادىق ۋەتەنپەرۋەرگە ئايلانغانىدى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئادولف ھىتلېر
باشقا نامى Adolf Hitler
تۇغۇلغان ۋاقتى 1889-يىلى
كەسپى باش مىنىستىر، گىرمانىيە دۆلەت باشلىقى
خەنزۇچە ئىسمى 阿道夫·希特勒
دۆلەت تەۋەلىكى گېرمانىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1945-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گىتلېرگىتلېر 1889-يىلى ئاۋسترىيە نىڭ بلانوۋ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئۇ بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان رەسسام ئىدى. ئۇ ئىككى قېتىم ۋېناغا بېرىپ گۈزەل-سەنئەت شۆيۈەنىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتەلمەيدۇ. بىراق، ئۇ ياش ۋاقتىدا گېرمانىيىگە سادىق ۋەتەنپەرۋەرگە ئايلانغانىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گىتلېر گېرمانىيە قوشۇنىدا ئەسكەر بولىدۇ، باتۇرانە جەڭ قىلىپ يارىلىنىدۇ، ئىككى قېتىم ئوردېن ئالىدۇ. 

گېرمانىيىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى گىتلېرنىڭ قەلبىگە قاتتىق تەسىر قىلىدۇ، ئۇ ميۇنخېندا كىچىك بىر ئوڭ قانات پارتىيىگە قاتنىشىدۇ، كېيىن بۇ پارتىيە ئىسمىنى گېرمانىيە دۆلەت سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى دەپ ئۆزگەرتىدۇ(قىسقارتىپ ناتسىستلار دېيىلىدۇ) . ئىككى يىل ئىچىدە، گىتلېر بۇ پارتىيىنىڭ ئىچىدە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان داھىي بولۇپ قالىدۇ. گىتلېرنىڭ رەھبەرلىكىدە، ناتسىستلار پارتىيىسى بارغانسېرى قۇدرەت تاپىدۇ. 1923-يىلى، ئۇلار سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. گىتلېر بەش يىللىق تۈرمىگە ئېلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇ تۈرمىدىن توققۇز ئايدىلا يېنىپ چىقىدۇ. 

گىتلېر1928-يىلى، ناتسىستلار پارتىيىسى تېخىمۇ قۇدرەت تاپىدۇ. 1933-يىلى، گىتلېر سۇيقەست بىلەن زۇڭتۇڭ ھىندېنبورگنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋېلىپ، بىرىنچى ئايدا ھاكىميەت تەشكىللەپ مۇتلەق ھاكىميەت يۈرگۈزىدۇ. ئۇ دۆلەت ھاكىمىيەت تەشكىللەپ مۇتلەق ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ. ئۇ دۆلەت ھاكىمىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ھېچقانداق سوت قىلماي تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي رەقىبلىرىنى يوقىتىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىمۇ ئۆلۈمدىن قۇتۇلالمايدۇ. بىراق، ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى دۆلەت ئىگىلىكىنى مەلۇم دەرىجىدە گۈللەندۈرەلىگەنىدى ھەمدە بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەنىدى.

گېرمانىيە ھەربىي قوشۇنىنى كېڭەيتىپ، ئۇرۇش تەييارلىقى كۆرۈشكە باشلايدۇ(ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى) . ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيە دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي كرىزىس بىلەن بولۇپ كېتىپ، گىتلېرنىڭ ۋېرسال تېنچلىق شەرتنامىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان بۇ قىلمىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋاقتى يوق ئىدى. ئۇلار ھەم گىتلېرنىڭ نېمىس قوشۇنلىرىنى تەشكىللەۋاتقىنىنى سەزمىدى ھەم ئۇنىڭ 1936-يىلى رېيىن رايونىنى ئىگىلىۋالىدىغانلىقىدىن بىخەۋەر ئىدى، ئۇنىڭ ئاۋسترىيىنى ئۆز زېمىنىغا قوشۇۋالىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدى. تىنىچلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن، چېخوسلوۋاكىيە گىتلېرنىڭ قارا نىيىتى ئۈچۈن قۇربان قىلىپ بېرىلىدۇ. گىتلېر بۇ ئىشلارنى قىلغاندا، ئەگەر ھەر قانداق دۆلەت قارشىلىق كۆرسەتسە، ئۇ ھەدېسىلا ئۇرۇش بىلەن تەھدىت سالاتتى. 

پولشا گىتلېرنىڭ ئىككىنچى قوشۇۋېلىش نىشانى بولدى، ئەنگىلىيە، فرانسىيىلەر پولشانى قوغداپ قالماقچى بولدى. گىتلېر ئۆزىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، 1939-يىل 8-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرىي ستالىن بىلەن ئۆز ئارا تاجاۋۇز قىلماسلىق شەرتنامىسى تۈزۈشتى. مۇشۇ شەرتنامە تۈزۈلۈپ توققۇز كۈندىن كېيىن، گىتلېر پولشاغا تاجاۋۇز قىلدى؛ گەرچە ئەنگىلىيە، فرانسىيىلەر دەرھال گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان بولسىمۇ، پولشا تېزدىن نېمىس قوشۇنلىرىنىڭ ئاياغ ئاستىدا قالدى. 

گىتلېر1940-يىلى گىتلېرنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئىدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ قوشۇنى 4-ئايدا دانىيە بىلەن نورۋىگىيىنى، 5-ئايدا گوللاندىيە، بېلگىيە ۋە ليۇكسېمبورگنى ئىشغال قىلىۋالغانىدى. 6-ئايدا فرانسىيىنى مەغلۇپ قىلدى؛ بىراق، يىل ئاخىرىدا، ئەنگىلىيە گېرمانىيىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا قاتتىق تاقابىل تۇرغانلىقتىن، گىتلېر غەلبە قىلالماي قالدى. 

1941-يىلى، گىتلېرنىڭ قوشۇنلىرى گرېتسىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆز ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسىنى يىرتىپ تاشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زور بىر تۈركۈم زېمىنىنى ئىگىلىۋالىدۇ. بىراق، قىش پەسلى كېلىشتىن بۇرۇن سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنى يوقىتالمىدى. گىتلېر ئەنگىلىيە، فرانسىيلەر بىلەن ئۇرۇش بازىسى خارىل پىلبورغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىنلا ئامېرىكىغا ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 

1942-يىلى يىل ئوتتۇرىسىغىچە، گېرمانىيە ياۋرۇپانىڭ كۆپ قىسمىنى، شىمالىي ئافرىقىنىڭ زور بىر قىسىم زېمىنىنى كونترول قىلىۋالىدۇ. 1942-يىلى كېيىنكى يېرىم يىلدا، گىتلېر شىمالىي ئافرىقىنىڭ ئالايمان بىلەن ستالىنگرادتا مەغلۇپ بولىدۇ. بۇ ئۇنىڭ مەغلۇبىيەتكە قاراپ مېڭىشىدىكى بۇرۇلۇش بولۇپ قالىدۇ. بۇ مەغلۇبىيەتلەردىن كېيىن، گىتلېرنىڭ تەقدىر قۇشى توزۇشقا باشلايدۇ. گېرمانىيىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى كۆز ئالدىدىكى ئىشلار بولۇپ قالىدۇ. بىراق، گىتلېر تەسلىم بولۇشنى رەت قىلىدۇ. ستالىنگراد ئۇرۇشىدىن كېيىن، گىتلېر يەنە ئىككى يىل تىرمىشىدۇ، ئۇنىڭ پاجىئەلىك خاتىمىسى 1945-يىلى يېتىپ كېلىدۇ. گېرمانىيە تەسلىم بولۇپ يەتتە كۈندىن كېيىن، گىتلېر 4-ئاينىڭ 30-كۈنى بېرلىندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (14 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    64.3%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    14.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    7.1%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    7.1%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    7.1%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#