ھۈسەنجان ھەسەن

ھۈسەنجان ھەسەن

ئۇستا چالغۇچى ھۈسەنجان ھەسەن: ھۈسەنجان ھەسەن ئىلىدىكى تەسىرى بار دۇتار، ئىسكرىپكا چېلىشتا ئۆزىگە خاس ماھارەتكە ئىگە چالغۇچىلاردىن بىرى. ئۇ 1930–يىلى غۇلجا شەھىرى نىڭ سۇ دەرۋازا مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ھۈسەنجان ھەسەن
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شىنجاڭ غۇلجا شەھىرىنىڭ سۇ دەرۋازا مەھەللىسى
كەسپى سەنئەتكار
خەنزۇچە ئىسمى 玉山江·艾山
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1930–يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇستا چالغۇچى ھۈسەنجان ھەسەن: ھۈسەنجان ھەسەن ئىلىدىكى تەسىرى بار چالغۇچىلاردىن بىرى. ئۇ 1930–يىلى غۇلجا شەھىرى نىڭ سۇ دەرۋازا مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. ھۈسەنجاندا مۇزىكىغا بولغان دەسلەپكى تەلپۈنۈشنى ئۇنىڭ چوڭ ئاكىسى ئويغاتقانىدى. ئاتا–ئانسىدىن كىچىكىدىنلا يېتىم قالغان ھۈسەنجان ئاكىسىنىڭ يېنىدا مۇڭلۇنۇپ ئولتۇرۇپ، ئۇ چالغان دۇتارنى بېرىلىپ تىڭشايتتى. كىيىن ھۈسەنجان 19–باشلانغۇچ مەكتەپ («مۇرات مەكتەپ»، «خانىقا مەكتەپ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. غۇلجىدىكى نامى بار كونا مەكتەپلەرنىڭ بىرى.) گە ئوقۇشقا كىردۇ.

ئەينى يىللاردا بۇ مەكتەپ ئابدۇسالام ئەپەندى، ئەلقەم ئەختەم قاتارلىق ئىلغار زىيالىيلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، دەرستىن سىرتقى مەدەنىي پائالىيەتلىرى ناھايىتى جانلانغان بىر ئورۇن ئىدى. بۇ مەكتەپتىكى سەنئەت كۇرژۇكىغا داڭلىق سازەندىمىز روزى تەمبۇر ئۆزى يېتەكچىلىك قىلاتتى. ھۈسەنجان ھەسەن مەكتەپ سەنئەت كۇرژۇكىغا كىرىپ، ھەرخىل ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرىگە قىزغىن قاتناشتى. بۇ يەردە ئۇ تەمبۇر چېلىشنى ئۆگەندى. ئۇنىڭ مۇزىكا جەھەتتىكى تالانتى بۇ مەكتەپتە كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى. مەكتەپتىن چىقىپ، ئازادلىقنىڭ دەسلىپىگىچە بولغان يىللاردا ئۇ ھەرخىل مەشرەپ–سورۇنلاردا غوپۇر يۈسۈپ، ئابدۇنەبى ماناپۇپ، مەتتايىر ھەسەن، ئىسكرىپكىچى سەيدۇللام، زوردۇن نۇسرەت قاتارلىق ماھىر چالغۇچىلاردىن ساز ئۆگەندى. ئۇنىڭ دۇتار، تەمبۇر قاتارلىق مۇزىكىلارنى قائىدىلىك چېلىشىدا زور ئىلگىرىلەشلەر بولدى.

ئازادلىقنىڭ دەسلپىدە ھۈسەنجان ھەسەن غۇلجا شەھەر رايونلۇق سەنئەت ئۆمىكى ۋە جۇڭگو–سوۋىت دوستلۇق جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئەدەبىيات–سەنئەت، تەشۋىقات ئىشلىرىغا قاتناشتى. 1950–يىلنىڭ ئاخىرىدا ئىلى تىياتىرىغا قوبۇل قىلىندى. تىياتىردا ئۇ ئاساسلىقى ئىسكرىپكا چالدى. قوشۇمچە ئۆزبېك راۋابى، چاڭ ئۆگەندى. 1955–يىلى ئۇ غىياسىدىن بارات قاتارلىق ئۈمىدلىك ياش چالغۇچىلار قاتارىدا ئۈرۈمچىگە بېرىپ نوتا ۋە مۇزىكا نەزەرىيىسى جەھەتتە تەربىيلەندى. ئۇ ئىلى تىياتىر ساھەسىدە 40 يىل مۇزىكانتلىق ۋەزىپىسىنى ئارتتۇرۇپ، 1990– يىلى ئىلى ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدىن دەم ئېلىشقا چىقتى.

 ھۈسەنجان ھەسەن دۇتار، ئىسكرىپكا چېلىشتا ئۆزىگە خاس ماھارەتكە ئىگە چالغۇچى. ئىلى خەلق ئاھاڭلىرىنى ھېسسياتلىق ۋە نەپىس ئورۇنداش بىلەن تىڭشىغۇچىلارنى مەھلىيا قىلالايدۇ. مۇزىكىدىكى ئاھاڭ ساداسىدا يەرلىك ئىلى پۇرىقى كۈچلۈك. مۇشۇ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۇ سەيدۇللام توختى، داۋۇتجان ناسىر، ساتتار داۋۇت، روزى ئابدۇۋەلى، ۋەلى قاتارلىق ياش سازەندىلەرگە ئۆز تەسىرىنى ئۆتكۈزگەن.

ھۈسەنجان ھەسەن ئون ئىككى مۇقام ئاھاڭلىرىغىمۇ ناھايتتى پىششىق. ئۇ ئەينى يىللاردا تالانتلىق چالغۇچىمىز روزى تەمبۇر يېتەكچىلىك قىلغان مۇقام ئۆگىنىش كۇرسىغا قاتناشقان. مۇقام ئاھاڭلىرىنى قائىدىلىك، ئۆز رېتى بىلەن ئورۇنداشتا زىكرى ئەلپەتتانىڭ تەلىمىنى ئالغان. كېيىنكى يىللاردا مەركەز، ئاپتونوم رايون ۋە ئىلى خەلق رادىئو ئىستانسىسىلىرى غۇلجىدا ئون ئىككى مۇقام ۋە ئىلى خەلق ناخشلىرىنى لېنىتغا ئېلىشنى ئۇيۇشتۇرغاندا، ھۈسەنجان ھەسەن كۆپ قېتىم قاتنىشىپ ئۆز تۆھپىسىنى قوشتى. ئۇنىڭ يەككە ئورۇندىغان مۇزىكىلىرىمۇ ئايرىم لېنتىغا ئېلىنىپ، ھەرقايسى ئىستانسىلار تەرىپىدىن ئاڭلىتىلدى. ھۈسەنجان ھەسەن ئىلى خەلق كلاسسىك ناخشىلىرىنىڭ ئاھاڭلىرىنى ئەينەن ساقلاپ كېلىۋاتقان ھايات پېشقەدەملىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى. 

ھۈسەنجان ھەسەننىڭ ئازادلىقتىن كېيىنكى ئىلى تىياتىر ئىشلىرىغا مۇزىكچىلار قاتارىدا قوشقان تۆھپىسى زور. ئۇ يەنە درامىلاردا روللارغا چىقتى، «غۇنچەم»، «تاڭدىكى چېچەك» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرىگە مۇزىكا ئىشلىدى. «گۈل ئىلىغا خۇشتارمەن» قاتارلىق ناخشا–مۇزىكا ۋە بىر قىسىم لەپەر ئاھاڭلىرىنى ئىجاد قىلدى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئەلپىدا ئۇچۇر تورى  

http://www.uchur.com/?act=view&id=8402

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#