گوركىي

«يەنىمۇ قاتتىقراق گۈرۈلدىسۈن بوران!» گوركىي (1868-1936- يىللار) نەسرىي شېئىرى «بورانقۇش قوشىقى» دا پرولېتارىياتنى بوران-چاپقۇن بىلەن ئېلىشىۋاتقان بورانقۇشقا ئوخشىتىپ، كونا جەمئىيەتنى ئاغدۇرىدىغان ئىنقىلابقا ئۈنلۈك چاقىرىق قىلىدۇ. ئاپتورنىڭ ئۆزى باتۇر، ئۈمىدۋار «بورانقۇش» نىڭ ئۆزى شۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى گوركىي
باشقا نامى 玛克西姆·高尔基
تۇغۇلغان ۋاقتى 1868-يىلى
كەسپى يازغۇچى، شائىر
خەنزۇچە ئىسمى 玛克西姆·高尔基
دۆلەت تەۋەلىكى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1936-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گوركىي«يەنىمۇ قاتتىقراق گۈرۈلدىسۈن بوران!» گوركىي (1868-1936- يىللار) نەسرىي شېئىرى «بورانقۇش قوشىقى» دا پرولېتارىياتنى بوران-چاپقۇن بىلەن ئېلىشىۋاتقان بورانقۇشقا ئوخشىتىپ، كونا جەمئىيەتنى ئاغدۇرىدىغان ئىنقىلابقا ئۈنلۈك چاقىرىق قىلىدۇ. ئاپتورنىڭ ئۆزى باتۇر، ئۈمىدۋار «بورانقۇش» نىڭ ئۆزى شۇ. ئۇ پرولېتارىياتنىڭ ئىنقىلابىي كۈرەشلىرىگە ئاكتىپ ئاتلىنىپ، ئاممىۋى نامايىشلارغا قاتنىشىپلا قالماستىن، ئىنقىلابىي تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنى يېزىپ، خەلقنى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىرغان، يەنە ئېسىل ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق روسىيە پرولېتارىياتى ۋە ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ كونا دۇنيانى گۇمران قىلىپ، يېڭى ھاكىمىيەت قۇرۇش يولىدىكى كۈرەشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، پرولېتارىيات ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى ئېراسىنى ئاچقان. 

گوركىي بىر ياغاچچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئاتا-ئانىسى بالدۇرلا ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن، بالىلىق ۋاقتىدا بوۋىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرغان. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئاران ئىككى يىللا ئوقۇغان، موزدۇز، بولكىچى، پورت ئىشچىسى بولغان، لېكىن كىتاب ئوقۇشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى، تىرىشىپ ئۆگىنەتتى. كېيىن، ئۇ ئىلغار زىيالىيلار بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلارنىڭ يىغىلىشلىرىغا قاتناشقان، ئىنقىلابىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغان، بۇلار گوركىي ئۈچۈن ھەقىقىي «ئالىي مەكتەپ» بولغان.

«بالىلىق دەۋر»گوركىي دەسلەپكى ئىجادىيەتلىرىدە ئاساسەن، جەمئىيەتتىكى رەزىللىكلەرنى پاش قىلىپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ چىرىكلىكى، چۈشكۈنلۈكى ۋە ئۇششاق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ شەخسىيەتچىلىكى، مۇتەئەسسىپلىكىگە زەربە بېرىپ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى، شۇنىڭدەك ئېزىلىشكە، ئېكسپىلاتاتسىيەگە قارشى تۇرۇش ۋە ئەركىنلىك، ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئىنقىلابىي تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. بولۇپمۇ «ئىزېرگىل موماي»، «بۈركۈت ناخشىسى» دا دانكو بىلەن بۈركۈتتىن ئىبارەت ئىككى قەھرىماننىڭ ئوبرازىدا رۇسىيە ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئۆز ھاياتى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان ئىنقىلابىي روھى ۋە قەھرىمانلىق جاسارىتى گەۋدىلىك يىغىنچاقلىنىپ، ئاپتورنىڭ ئالىيجاناب ئىجتىمائىي غايىسى ئىپادىلەنگەن. 1890-يىللاردا گوركىينىڭ ئىجادىيەت ئىدىيەسى پىشىپ يېتىلدى. تۇنجى رومانى «فۇما گوردىيېف» تا باش پېرسوناژ بۇرژۇئاز يىگىت فۇمانىڭ خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئۆز سىنىپىدىن يۈز ئۆرۈشى ئارقىلىق بۇرژۇئازىيىنىڭ ئىچكى جەھەتتە پارچىلىنىشقا باشلىغانلىقى، ھالاكىتىنىڭ مۇقەررەرلىكى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، گوركىي لېنىن باشچىلىقىدىكى بولشېۋىكلار تەرەپتە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىنقىلاب بوران-چاپقۇنلىرى ئىچىگە ئۆزىنى ئاتتى، ئۇ ئۆزى ئاممىۋى نامايىشلارغىلا قاتنىشىپ قالماستىن، تۇرالغۇسىمۇ ئىنقىلابنىڭ ئىستىھكامىغا ئايلاندى، چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى ئۇنى قولغا ئېلىپ، سۈرگۈن قىلدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ نەسرىي شېئىر «بورانقۇش قوشىقى»، سەھنە ئەسىرى «كىچىك شەھەر ئاھالىسى»، «تۆۋەن قەۋەت»، «رەقىب»، رومان «ئانا» ۋە باشقا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، ئىنقىلابىي كۈرەشكە كۈچلۈك ماسلاشتى. 1906-يىلىنىڭ باشلىرىدا گوركىي پارتىيىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئامېرىكىغا بېرىپ ئىنقىلابنى تەشۋىق قىلدى، كېيىن ئىتالىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ قالدى. بۇ چاغدا، ئۇ «ياز»، «ئوكرۇف بازىرى»، «ماتۋى كوزىۋىننىڭ ھاياتى»، «ئىتالىيە چۆچەكلىرى»، «رۇس چۆچەكلىرى»، «بالىلىق دەۋر»، «كىشىلەر ئىشىكىدە» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى، ئۇلاردا ياكى يېزىلاردىكى ئىنقىلابىي كۈرەشلەر ئەكس ئەتتۈرۈلدى، ياكى ئۇششاق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىنقىلابقا قارشى چىقىپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى پاش قىلىندى، ياكى پرولېتارىياتنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان سوتسىيالىستىك ئېڭى ۋە ئىنتېرناتسىئونالىزملىق روھىي مەدھىيىلەندى. بۇنىڭ ئىچىدە «بالىلىق دەۋر»، «كىشىلەر ئىشىكىدە» دېگەنلەر ئۇنىڭ ئاپتوبىئوگرافىك ئۇسلۇبتىكى ترىلوگىيىسىنىڭ ئالدىنقى ئىككى قىسمى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئۇ رۇسىيە فېدېراتسىيەسى مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. ئۇ «ئارتامۇنوفلارنىڭ ئىشى»، «كىلىم سامگىننىڭ ھاياتى» نى يازدى ھەم ئاپتو بىئوگرافىك ترولوگىيەسىنىڭ 3-قىسمى «مېنىڭ دارىلفۇنۇنلىرىم» نى پۈتكۈزدى. 

«ئانا»«ئانا» رومانى گوركىينىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. روماندا ئىشچىلار سىنىپىنىڭ پومېشچىك، بۇرژۇئازىيە سىنىپلىرىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان ئىنقىلابىي كۈرەشلىرى جانلىق، توغرا تەسۋىرلىنىپ، پرولېتارىياتنىڭ ئېگىلمەس-سۇنماس ئىنقىلابىي روھى ۋە قەھرىمانلىق جاسارىتى مەدھىيىلەنگەن، دۇنيا ئەدەبىياتى تارىخىدىكى تۇنجى تۈركۈم ئاڭلىق پرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان، پاۋېلنىڭ بىر ئاددىي ئىشچىلىقتىن، ماركسىزمنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تېزدىن ئويغىنىپ، پرولېتارىياتنىڭ قەيسەر جەڭچىسىگە ئايلانغان شانلىق يولى نامايان قىلىنغان. ئانا نىلوۋنا رۇس ئاياللىرىنىڭ شانلىق ۋەكىلى. ئۇنىڭ سەرگۈزەشتلىرى بارلىق ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئىنقىلابىي ئىرادىسىنىڭ ئويغىنىش جەريانىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، ئۇ غايەت زور تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#