خېربارت

يوھان فرىدىرىخ خېربارت  (1776-1841) گېرمانىيىلىك داڭلىق پېداگوگ، ئەنئەنىۋى مائارىپ نەزەرىيەسىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، باسقۇچلۇق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلىش بىلەن دۇنياغا داڭق چىقارغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى يوھان فرىدىرىخ خېربارت
دۆلەت تەۋەلىكى گېرمانىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1776-يىل 5-ئاينىڭ 4-كۈنى
چەتئەلچە نامى Johann Friedrich Herbart
خەنزۇچە ئىسمى 约翰·弗里德里希·赫尔巴特
يۇرتى ئولدېنبۇرگ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1841-يىل 8-ئاينىڭ 14-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خېربارت ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىن باشلاپ قاتتىق ئائىلە تەربىيەسىدە بولغان، تۈرلۈك يېڭى ئىدىيەلەر بىلەنمۇ كەڭ ئۇچراشقان. 14 يېشىدا فېئوداللىققا قارشى تۇرۇش ئىدىيىسىگە تولغان «ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكى» ناملىق ئىلمىي ماقالىنى يازغان. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئەينى چاغدىكى نۇرغۇن زىيالىيغا ئوخشاش ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. ئۇ بالىلارنى ئوقۇتۇش داۋامىدا بارا-بارا مائارىپقا ئىشتىياق باغلاپ قالغان، ئۇ يەنە ئوقۇغۇچىلىرىنى باشلاپ ئەينى چاغدا يىراق-يېقىنغا نامى تارقالغان شۋېتسارىيە پېداگوگى پېستالوززىنى زىيارەت قىلغان. 1806-يىلى «ئادەتتىكى پېداگوگىكا» دېگەن كىتابنى يازغان ھەمدە كيونىگسبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا دۇنيا بويىچە تۇنجى مائارىپ تەتقىقات ئورنىنى قۇرغان.

خېربارت ئۇزاق مۇددەتلىك نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا، پسىخىكا ئىلمى ئاساس قىلىنغان بىر خىل يېڭى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغان. ئۇ دەرسخانىدىكى ئوقۇتۇش جەريانى مۇكەممەل بىر قۇرۇلما بولۇشى كېرەك، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى بالىلارنىڭ پسىخىكىلىق تەرەققىيات باسقۇچىغا ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ تاللاش كېرەك، دەپ قارىغان ھەمدە تۆۋەندىكىدەك «تۆت باسقۇچلۇق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى» نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان:

كېيىن، خېربارتنىڭ ئوقۇغۇچىسى شىللى قاتارلىق كىشىلەر بۇ خىل باسقۇچلۇق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «تەييارلىنىش، ئېسىگە ئېلىش، باغلانما تەسەۋۋۇر قىلىش، يەكۈنلەش، قوللىنىش» تىن ئىبارەت بەش قەدەملىك ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ خىل ئۇسۇل ئىزچىل تۈردە ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشنىڭ ئۆلچەملىك ئەندىزىسى دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭدا ئوقۇتقۇچى، دەرسلىك ۋە دەرسخانىدىن ئىبارەت «ئۈچ مەركەز» نىڭ رولى تەكىتلەنگەن.

خېربارتنىڭ ئوقۇتۇشنى پسىخىكىلاشتۇرۇش جەھەتتە قوشقان تۆھپىسى يېقىنقى زاماندىكى ئوقۇتۇش خىزمىتى تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ مائارىپ ئىدىيەسى زامانغا تازا ئۇيغۇنلىشىپ كېتەلمىدى.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1843918.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#