زورۇنبات

زورۇنبات

زورۇنبات ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، بەدەننى سەمرىتىش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋان قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى زورۇنبات
ئەرەبچە نامى ئۇرۇقول كافۇر، زورىنبات ، سەتراق
ئىنگلىزچە Wenchow Turmeric Root Tuber
شەكلى ئىككى تەرىپى ئۇچلۇق، ئوتتۇرىسى دومباق، رەڭگى قوڭۇرغا مايىل سېرىق رەڭدە
ۋاقتى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرلىرىدا
خەنزۇچە ئاتىلىشى 郁金 you jin
پارسچە نامى زۇرەنباد
ئوردۇچە نامى زۇرەنباد، كەچۇر
تەمى تەمى ئاچچىق، پۇرىقى ئۆتكۈر بولىدۇ
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇق ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۆسۈملۈك زەرچىۋە، زورەنبات ياكى بوزۇغىنىڭ تۈگۈنەك يىلتىزى.

تۈگۈنەك يىلتىز

ئۈنۈملۈك تەركىبى

تەركىبىدە %1.6 ئۇچۇچان ماي، %0.3 زەرچىۋە سېرىق ماددىسى (Curcumin)قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا %30~40 گىچە كراخمال، %3 ياغلىق ماي قاتارلىقلار بار.

ئېلىمىزنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىن، ھىندىستان، پاكىستان، نىپال قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

 يۈرەك، مېڭە، ئاشقازان، باھ ۋە پەينى قۇۋۋەتلەش، توسالغۇلارنى ئېچىش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، ئىشتىھانى ئېچىش، يەل تارقىتىش، ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، بەدەننى سەمرىتىش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋان قىلىش.

يۈرەك سېلىش، بەلغەم مەنبەلىك يۆتەل، روھىي كېسەللىكلەر، بالىياتقۇ ياللۇغى، بالىلاردىكى تولغاق، ئىچى سۈرۈش، قورساق ئېسىلىش، ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. ماي ماددىسىنىڭ ئالمىشىشقا بولغان تەسىرى: زورۇنبات قاينىتىلمىسىدىن 10مىللىلىتىر ئەتراپىدا توشقانغا ئىچكۈزۈلسە، 100 كۈندىن كېيىن قان زەردابى خولېستېرىنى يۇقىرىلايدۇ.

2. باشقا تەسىرى:زورۇنباتنىڭ سۇدىكى چىلانمىسى تەجرىبە تەنچىسىدە كۆپ خىل كېسەل پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيىلەرنى زەمبۇرۇغلارنى تىزگىنلەيدۇ.  زورۇنبات ئۇچۇچان مېيىنىڭ ئىمولىسيىلىك ياسالمىسى بىلەن ئىنسانلار ئۆت خالتىسىنى سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرگەندە، ئۆت خالتىسىنى قىسقارتىش تەسىرى بولمايدۇ.

خاس تەسىرى

يۈرەك مۇسكۇلىنى قۇۋۋەتلەش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش.

ئورۇنباسارى 

بوزىدان، دۇرۇنەج ئەقرەبى.

ئەكىس تەسىرى 

ئىسسىقجان كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ، يۈرەككە زىيان قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

بىنەپشە

1. زورۇنباتتىن 1 دانە ئېلىپ شۈمۈپ بەرسە، تىل ئېغىرلىقى ۋە چىش مىلىكى بوشاپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. زورۇنبات، لاچىندانە، قاقىلە، تۇرۇنجى پوستى، بەدىيان، پىننە قاتارلىق دورىلاردىن 5 گرامدىن ئېلىپ چايلىق تەييارلاپ ئىچسە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، ھەزىمگە ياردەم بېرىدۇ.

12-ئاينىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرلىرىدا، نوتا ۋە يوپۇرماقلىرى تەدرىجى قۇرۇغاندا،ھاۋا ئوچۇق قۇرغاق ۋاقىتنى تاللاپ، يەرنىڭ ئۈستىدىكى يوپۇرماقلىرىنى ئېلىۋېتىپ، يەرنىڭ ئاستىدىكى قىسمىنى چىقىرىپ، لاي توپىلىرىنى قېقىۋەتكەندىن كېيىن، يىلتىز قىسمىنى كېسىۋېلىپ يىغۋىلىنىدۇ.

ساقلاش

ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار 

كۆپ مىداردا ياكى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىتىلسە يۈرەككە زىيان قىلىدۇ، باش ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ.[0]


تۈگۈنەك يىلتىز

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=300

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#