پەسىلسىز كۆكتاتلار

پەسىلسىز كۆكتات

قىشتا تېرىلىپ ئۆستۈرۈلگەن پەمىدۇر بىلەن تەرخەمەكنى  پەسىلسىز كۆكتات دەپ ئاتايمىز .

قىشتا تېرىلىپ ئۆستۈرۈلگەن پەمىدۇر بىلەن تەرخەمەكنى بىز پەسىلسىز كۆكتات دەپ ئاتايمىز .
قىشتا تېرىلىپ ئۆستۈرۈلگەن پەمىدۇر بىلەن تەرخەمەكنى بىز پەسىلسىز كۆكتات دەپ ئاتايمىز .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىشتا تېرىلىپ ئۆستۈرۈلگەن پەمىدۇر بىلەن تەرخەمەكنى پەسىلسىز كۆكتات دەپ ئاتايمىز . كۆكتاتلارنىڭ تۈرى كۆپ ، ئۇزۇن مەزگىل سىرتقى مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلىشكە ماسلىشىش جەريانىدا ئىسسىقىنى ياخشى كۆرىدىغان ، سوغۇقتىن قورقىدىغان ياكى سوغۇقنى ياخشى كۆرىدىغان ئىسسىقتىن قورقىدىغان ئالاھىدىلىك شەكىللىنىدۇ. شۇڭا كۆپ ساندىكى كۆكتاتلاردېگۈدەك قىش پەسلىدىكى قاتتىق سوغۇققا ۋە ياز پەسلىدىكى ئىسسىق تېمپېراتۇرىغا چىدىمايدۇ . كۆكتاتلارنىڭ مۇشۇ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ، تەبىئىي شارائىتتا كۆكتات ئۆستۈرۈلىدۇ . يەنە پەسلىگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ تېرىلىش ۋاقتى ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ . بۇ كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پەسىلچانلىقىنى بەلگىلىگەن . پەن - تېخنىكا تەرەققىي قىلمىغان مەزگىلدە ، كىشىلەر تەبىئىي قانۇنىيەت بويىچە كۆكتات تېرىپ كەلگەن . بۈگۈنكى كۈندە بولسا كىشىلەر ئىلغار بولغان ئەسلىھە ۋە تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ ، كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن قىش پەسلىدە يازلىق كۆكتاتلارنى تېرىيالايدۇ .

بارلىق ئۆسۈملۈكلەر بەلگىلىك تېمپېراتۇرا ، يورۇقلۇق ، ئوزۇقلۇق ۋە سۇغا تايىنىپ ئۆسىدۇ ، كۆكتاتلارمۇ ئوخشاش . قىش كۈنلىرى تەبىئىي شارائىت كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسىز . قانداق قىلىپ كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كېلىدىغان مۇھىت ياراتقىلى بولىدۇ ؟ ھازىر كىشىلەر يۇقىرى يېڭى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، پارنىك، كىمىر ئۆي ياساپ كۆكتاتلارنىڭ ياخشى ئۆسۈشى ئۈچۈن سۈنئىي ئۇسۇلدا ياكى كومپىيوتىر ئارقىلىق پارنىك تېمپېراتۇرىسىنى، يورۇقلۇق، سۇ ۋە ئوغۇتنى كونتىرول قىلىپ ، پارنىك ئىچىگە كۆكتات تېرىماقتا . بۇنىڭ بىلەن قىشتىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا، يورۇقلۇقنىڭ يېتەرسىز بولۇشى قاتارلىق مەسلىلەر ھەل قىلىنىپ ، پەسىلسىز كۆكتاتلارنى تېرىپ ئۆستۈرمەكتە . 

سۈنئىي كونتىرول قىلىنىدىغان ئىلغار ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، پەسىلسىز كۆكتات ئىشلەچىقىرىپلا قالماي ، يەنە پۈتۈن يىل بازارنى كۆكتات بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ . مەسلەن ، تەرخەمەك . تەرخەمەك ئىسسىقنى ياخشى كۆرىدىغان بىر خىل تىپىك كۆكتات . مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالى ۋە غەربىدىكى سوغۇق رايۇنلاردا بىر يىلدا پەقەت بىر پەسىل تېرىلىدۇ . ئەتىيازدا گۈل ئېچىلغاندا تېرىلسا 5 - 10 ئايلارغىچە ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ . 11-ئايدىن ئىككىنچى يىلى 4 - ئايغىچە تەمىنلەش ئۈزۈلۈپ قالىدۇ . ھازىر دېھقانلار ئىلغار ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، يىل بويى تەمىنلەش مەسلىسىنى ھەل قىلدى . باش باھاردا كۈن نۇرىلىق پارنىكقا تېرىلىپ 2 - 6 - ئايغىچە بازارنى تەمىنلەيدۇ . يازدا سايە چۈشۈرگىلى بولىدىغان كىمىرغا تېرىلىپ 7- 9 - ئايلارغىچە بازارنى تەمىنلەيدۇ . باش كۈزدە سولياۋ كىمىرغا تېرىلىپ 9 - 11 - ئايلارغىچە بازارنى تەمىنلەيدۇ . كۈزنىڭ ئاخىرىدا قۇياش نۇرىلىق پارنىكقا تېرىلىپ 11 - 12 - ئايلارغىچە بازارنى تەمىنلەيدۇ . قىشتا پارنىكقا تېرىلىپ 1 -2 - ئايغىچە بازارنى تەمىنلەيدۇ . بۇنىڭ بىلەن بىر يىل تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە تەرخەمەك بىلەن بازارنى تەمىنلىگىلى بولىدۇ .[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#