ئېرتىش چوڭ جىلغىسى

ئېرتىش چوڭ جىلغىسى

ئېرتىش چوڭ جىلغىسى شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى نىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسى چېگراسى ئىچىگە جايلاشقان، كۆكتوقاي دۆلەتلىك گېئولوگىيە باغچىسى ئىچىدىكى بىر ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىسى.

ئۇيغۇرچە نامى ئېرتىش چوڭ جىلغىسى
جۇغراپىيەلىك ئورنى ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسى
ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2969 كىلومېتىر
خەنزۇچە نامى 额尔齐斯大峡谷
داڭلىق مەنزىرە نۇقتىسى ئىلى رام، كۆكتوقاي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېرتىش چوڭ جىلغىسىئېرتىش چوڭ جىلغىسى شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى نىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسى چېگراسى ئىچىگە جايلاشقان، كۆكتوقاي دۆلەتلىك گېئولوگىيە باغچىسى ئىچىدىكى بىر ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىسى. بۇ يەردىكى گرانىت تاشلىق تاغ چوققىسىنىڭ يۈزى كۆپ بولۇپ، كۆنەكسىمان، ئويمان، ئازگال، شۇنىڭدەك خۇددى بىر چوڭ شارقىراتمىغا ئوخشاش تىك جىلغا-جىرالار، خۇددى شارقىراتما تاش قاتمىسىغا ئوخشايدۇ. 

ئېرتىش چوڭ جىلغىسىشىنجاڭ نىڭ شىمالى قىسمىدىكى ئالتاي تېغى ھەيۋەتلىك ھەم چوڭ. ئۇ موڭغۇلىيە، رۇسىيە نى كېسىپ ئۆتىدۇ، يەنە جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە، رۇسىيە، قازاقىستان نىڭ تەبىئىي پاسىلى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى 2-چوڭ دەريا-ئېرتىش دەرياسى نىڭ مەنبەسى. ئېرتىش دەرياسى ئېلىمىزدىكى بىردىنبىر شەرقتىن غەربكە قاراپ ئېقىپ شىمالىي مۇز ئوكيانغا قۇيۇلىدىغان دەريا، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2969 كىلومېتىر، دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدىكى ئۇزۇنلۇقى 546 كىلومېتىر، قىرغاقلىرى گۈزەل، مۇنبەت بوستانلىق ۋە چارۋىچىلىق مەيدانى. ئۇ ئېقىپ ئۆتكەن شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى نىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسى تەۋەسىدىكى كۆكتوقاي، بۇ يەردە 100 كىلومېتىرغا يېقىن ئۇزۇنلۇقتىكى چوڭ جىلغىنى ھاسىل قىلغان. 

ئېرتىش چوڭ جىلغىسى1931-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى كۆكتوقاي نىڭ جەنۇبىغا قاراپ سەككىز بال يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن، دەھشەتلىك يەر تەۋرەشتە جەنۇبتا چىڭگىل ناھىيەسى ئارامتى تېغى، شىمالدا كۆكتوقاي دېڭىز ئويمانلىقى قاتارلىق جايلاردا ئۇزۇنلۇقى 176 كىلومېتىر بولغان يەر يۈزىدە يەر تەۋرەش ئۈزۈلمە بەلۋېغى پەيدا بولغان. بۇ قېتىمقى چوڭ يەر تەۋرەش يەر شارىغا تەسىر كۆرسەتكەن، كۈچلۈك تەۋرىنىش سېزىمى 2500 كىلومېتىر دائىرسىگە يەتكەن. يەر تەۋرەشتە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 9 كىلومېتىر، كەڭلىكى تۆت كىلومېتىر كېلىدىغان جاي ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن، تاغ جىنس قاتلىمى چوڭىيىپ، كەڭلىكى ئالتە مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 10 مېتىر بولغان تاغ يېرىلغان، يېرىلىش يۈزىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايونىدىكى ئېگىزلىكى 60 مېتىردىن ئاشىقان، ھازىرغىچە مۇكەممەل ساقلانغان بولسىمۇ، ئەمما يەر چېتىدىكى كۆكتوقاي رايونلىرىدا ئوخشاشلا كىشىنى ھەيران قالدۇرغان ئىزنالار قېپقالغان. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#