ئىلى دەرياسى سۇلۇق يېرى

ئىلى دەرياسى سۇلۇق يېرى

ئىلى دەرياسى ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى. غەربىي شىمال ئېتىز - ئېرىق مەشھۇر دەرياسى. قەدىمكى زاماندا ساكلار، توخرىيلار، تۈركلەر بۇ دەريا ۋادىسىدا ياشا كەلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى ئىلى دەرياسى سۇلۇق يېرى
دۆلىتى جۇڭگو
يەر مەيدانى 440,000 گېكتار
خەنزۇچە ئاتىلىشى 伊犁河湿地
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئىلى ۋىلايىتى
دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 560-1400 مېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئورنى 

شىمالىي پاراللېل ′50 °42 ~′10 °44 N ئارلىقىغا توغرا كېلىدۇ، شەرقىي مېرىدىيان ′30 °80 ~′10 °83 E؛ شىنجاڭ غەربىي رايون، ئىلى ۋىلايىتى، غۇلجىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. 

كۆلىمى  

440,000 گېكتار. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 560~1400 مېتىر كېلىدۇ. 

نەم يەر چۈشەندۈرۈشى 

 ئىلى دەرياسى قاش دەرياسى، كۈنەس دەرياسى ، تېكەس دەرياسى قاتارلىق قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان. يىللىق ئېقىم مىقدارى 18 مىليارد كۇب مېتىرغا، شىنجاڭدا 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. دەريا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بالقاش كۆلىگە قۇيۇلىدۇ. دەريا-ئېقىنلار زىچ، ساھىلى كەڭ، تاتلىق سۇ سازلىق 200,000 گېكتار، بۇنىڭ ئىچىدە كۈنەس ناھىيەسىنىڭ بۇ يىل 40 مىڭ گېكتار يەردىن يىللىق بېلىق تۇتۇش مىقدارى تەخمىنەن 300 توننا. 

كىلىمات ئەھۋالى 

 شىنجاڭدىكى ئەڭ نەم بولغان بەزى جىلغىلار، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 300 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃8.4. 

ئاساسلىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى

 قومۇش، تاش ئېگىر، پاقا ئوتى، يېكەن،  ئىـگىر، ئوت-چۆپ، ئوتتۇرا ئاسىيا تۇرغۇلى قاتارلىقلار بار. 

ئامان ساقلاش تەدبىرى 

ئاللىقاچان تۆت پەنجىلىك قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى، قارا ھەرە، كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن، ياۋا ياڭاق، شەمشاد قاتارلىق ئالتە رايونغا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق تارمىقى مەسئۇل بولىدۇ. 

يەردىن پايدىلىنىش 

 سازلىق، چارۋىچىلىق فېرمىسى، بېلىق تۇتۇش، يېزا ئىگىلىك ۋە باغلارنى بەرپا قىلىش. 

ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى

مۇھىم يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق مەيدانى، ئورمان ئىشلەپچىقىرىش بازىسى. 

قۇشلار 

ئىلى دەرياسى سۇلۇق يېرىسۇ قۇشلىرىنىڭ كۆپىيىدىغان جايى، ئاساسلىق پۆپۈك، كۆك قوتان، چوڭ ئاق تۇرنا، كەندىر، قارا لەيلەك، كۆك غاز، چوڭ ئاققۇ، ھاڭگىرت، يېشىل قانات ئۆردەك، قىزىل قانات ئۆردەك، قىزىل تۇمشۇق چۆمگەك ئۆردەك، چېقىركۆز چۆككەك ئۆردەك، ئـادەتتـىكى ئـۇچلـۇق تـۇمشـۇق ئۆردەك، لەيلەك تۇرنا، شادىپاچاق جۇغۇر، ئالتۇن چاناق، قىزىل پاچاق قىليورغا، ئاق قىليورغا، يەلپۈگۈچ قۇيرۇقلۇق لايخورەك، شادىپاچاق قىليورغا، ئەگرى تۇمشۇق لايخورەك، ئادەتتىكى قارلىغاچسىمان چايكا قاتارلىقلار بار. 

باشقا ھايۋانلار 

تۆت پەنجىلىك قۇرۇقلۇق تاشپاقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ماكانى ھېسابلىنىدۇ. 

ئالاھىدە ئۆسۈملۈك قىممىتى 

كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن، ياۋا ياڭاق قاتارلىق تۆتىنچى دەرىجىلىك مۇز قېپقالغان دەرەخ، يۇقىرى پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىگە ئىگە. 

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، ئورمانچىلىق پەن تەتقىقات ئاكادېمىيىسى، بىئولوگىيە-تۇپراق تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئورۇنلار كۆپ قېتىم بۇ ھالدا ھايۋانات-ئۆسۈملۈكلەرنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#