كونىراش خارەكتىرلىك تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلدارلىق

كونىراش خارەكتىرلىك تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلدارلىق

تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىق ئۆز ۋاقتىدا داۋالانمىسا، تەكرار قاناشتىن كېيىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ئۆلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىچكى قاناش توختاپ، ئۇيىغان قان تەدرىجى ھالدا قاتتىق كاللەككە ئايلىنىپ كېتىدۇ-دە، قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدا مونەك پەيدا قىلىپ، ئەتراپىدىكى توقۇلمىلار بىلەن چاپلىشىپ قالىدۇ ھەمدە تۇتسا ئاغرىيدۇ، بۇ كونىراش خاراكتېرلىك تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىق دەپ ئاتىلىدۇ.

كىسەللىك نامى كونىراش خارەكتىرلىك تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلدارلىق
تەۋە بۆلۈم تۇغۇت بۆلۈم
كىسەللىك ئالامىتى ھەيز قالايمىقانلىشىش،قورساق ئاغرىش،ھوشىدىن كېتىش،

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

توخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىقنىڭ كىلىنكىلىق ئالامەتلىرى كېسەللىك ئۆزگىرىش ئورنى، بويىدىن ئاجراش ياكى يېرىلىش ۋە ئىچكى قاناش مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلىكى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 1.ھەيز توختاش تارىخى بولىدۇ. ھەيز قىسقا مۇددەت توختىغان تارىخى بولىدۇ. ئارىلىق قىسىمدىكى ھامىلىدارلىقتا ھەيز توختىمىغان ۋاقتى ئۇزۇنراق بولۇشتىن تاشقىرى، كۆپىنچىلىرىدە ئالتە ھەپتە ئەتراپىدا بولىدۇ. بەزىدە توخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىنىڭ تىۋىت توقۇلمىسى ئاجىرتىپ چىقارغان تىۋىتلىق پەردە جىنسىي بەزلەرنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمونى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى قوغداشقا يېتىشمەي، قاناش يۈز بەرسە، خاتا ھالدا ھەيز كەلگەندەك تۇيۇلۇپ قالىدۇ. بەزىدە بالىياتقۇ سىرتىدە ھامىلىدار بولغاندا، سېرىق تەنچىنىڭ خىزمىتى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى ھەيز توختاش دەرىجىسىگە يەتكۈزەلمىگەنلىكتىن، ھەيز توختاش تارىخى بولمايدۇ، بەزىدە بالىياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلىدارلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنسىي يولدىن تەرتىپسىز قان كېلىش بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەيز توختاش تارىخى بولمىغانلىق سەۋەبى بىلەن بالىياتقۇ سىرتىدىكى ھامىلىدارلىقنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. 2. قورساق ئاغرىش بولىدۇ. بۇ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىقنىڭ مۇھىم ئالامىتى بولۇپ، يۈز بېرىش نىسبىتى %90 تىن يۇقىرى بولىدۇ. تۇخۇم توشۇش نەيچىسى يېرىلغاندا ياكى بويىدىن ئاجرىغاندا چىققان قان، قورساق بوشلىقىغا ئېقىش سەۋەبىدىن قورساقنىڭ ئاغرىشى پەيدا بولىدۇ. ئاغرىش خاراكتېرى مۇجۇپ ئاغرىش، پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئاغرىش بولۇپ، كېسەللىك يۈز بەرگەن تەرەپتە بولىدۇ. قان ۋاقتىنچە توختىسا، قورساق ئاغرىشىمۇ يەڭگىللىشىدۇ. قورساق ئاغرىش بىلەن بىللە كۆڭۈل ئېلىشىش، قوسۇشمۇ پەيدا بولىدۇ. ئەگەر قان بالىياتقۇ-تۈز ئۈچەي ئويمىنىغا يىغىلغان بولسا، داس بوشلىقى غىدىقلىنىپ، مەقئەت چىڭقىلىش ۋە تەرەت قىستاش سېزىمى كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر قان كۆپىيىپ قورساق يۇقىرى قىسمىغا قاراپ ئاققاندا، دىئافراگما غىدىقلىنىپ، تاغاق قىسمىنىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېرىلىش ۋە بويىدىن ئاجراشتىن بۇرۇن قورساق تۆۋەنكى قىسمىنىڭ بىر تەرىپىدە يەڭگىل دەرىجىدە ئاغرىش ياكى تۆۋەنگە چىڭقىلىش سېزىمى بولىدۇ. بۇ كۆپىنچە بىمارلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىمايدۇ. 3. جىنسىي يولدىن تەرتىپسىز قان كېلىش بولىدۇ. تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىق توختىتىلغاندىن كېيىن، ئۆزگىرىش بولغان بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدە بەدەندىكى ھورمونلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن جىنسىي يولدىن تەرتىپسىز ھالدا ئاز مىقداردا قارامتۇل قان كېلىدۇ. بەزىدە قان كۆپ كەلسە بويىدىن ئاجراش دەپ خاتا ھېسابلىنىپ قالىدۇ. كېسەللىك ئۇچىقى تۈگىتىلگەندىن كېيىن، قان ئاستا-ئاستا توختايدۇ، ئاز ساندىكى بىمارلاردا ئۈچ بۇرجەك شەكىللىك پەردىسىمان ماددا ئاجرىلىپ چىقىدۇ. بۇ بالىياتقۇنىڭ سۇيۇلغۇچى پەردە سىلىندىرى دەپ ئاتىلىدۇ. 4. ھوشىدىن كېتىش ۋە شوك كېلىپ چىقىدۇ. قورساق بوشلىقىدا قاناش بولۇپ، كۆپ مىقداردا قان يىغىلغانلىقى ۋە قورساق قاتتىق ئاغرىغانلىقتىن ھۇشىدىن كېتىدۇ ياكى شۇك كېلىپ چىقىدۇ، يەنى بىماردا باش قېيىش، كۆزى قاراڭغۇلىشىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، چىرايى تاتىرىش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش، پۇت-قوللىرى مۇزلاش، پۈتۈن بەدىنىدىن سوغۇق تەر چىقىش، تومۇرى ئاستا، ئاجىز سوقۇش قاتارلىق شۇك ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. شۈكنىڭ دەرىجىسى ئىچىدىن كەلگەن قان مىقدارى ۋە كېلىش سۈرئىتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.

1. كېسەللىك تارىخى ۋە پۈتۈن بەدەنلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللاردا كۆپ يىل ھامىلىدار بولماسلىق ياكى داس بوشلىقى ياللۇغى تارىخى بولۇش، ھەيز توختاپ قېلىش، تۇيۇقسىز قورساق ئاغرىش، جىنسىي يولدىن تەرتىپسىز قان كېلىش ياكى ئۈچ بۇرجەك شەكىللىك پەردىسىمان ماددا ئاجرىلىپ چىقىش ھەم قاناش خاراكتېرلىك شۇك قاتارلىق تىپىك كېسەللىك تارىخى بولىدۇ. بەزىلىرىدە شۇك قوشۇلۇپ كېلىپ جىنسىي يولدىن كەلگەن قان مىقدارى بىلەن ماس كەلمەيدۇ. 2. قورساق قىسمىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر-يەڭگىللىكىگە قاراپ ئەھۋال ئوخشاش بولمايدۇ. تۆۋەنكى قورساق قىسمىنى باسقاندا ئاغرىش ياكى بېسىپ قويۇپ بەرگەندە ئاغرىش بولىدۇ. بولۇپمۇ كېسەللەنگەن تەرەپتە روشەن بولىدۇ. ئىچكى قاناش كۆپ بولغاندا، چېكىپ تەكشۈرسە يۆتكىلىشچان بوغۇق تاۋۇش ئاڭلىنىدۇ. كېسەللىك جەريانى ئۇزۇن بولغۇچىلاردا قان ئۇيۇپ ئەتراپىدىكى توقۇلمىلار بىلەن چاپلىشىپ مونەك ھاسىل قىلىپ، تۆۋەنكى قورساق قىسمىدا قولغا ئۇرىنىدۇ، ماددىسى قاتتىقراق بولىدۇ. ئەگەر داۋاملىق قاناپ، تەدرىجى ئويىۋاتقان بولسا، مونەك ئۈزلۈكسىز چوڭىيىدۇ. 3. ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. جىنسىي يول ۋە بالىياتقۇ بوينى ئېغىزىدا قارامتۇل قان بولىدۇ. بالىياتقۇ بوينى كۆكىرىدۇ. كۆتەرگەندە روشەن ئاغرىيدۇ، ئارقا گۈمبەرگە قان تولۇپ، قول تەككەندە ئاغرىيدۇ ۋە مونەك ئۇرىنىدۇ، جىنسىي يول ئارقا گۈمبىزىگە فۇنكىسىيە قىلغاندا، سۈمۈرۈپ چىققان سۇيۇقلۇق قارامتۇل قىزىل رەڭدە بولۇپ، ئۇزۇنغىچە ئۇيىمايدۇ ياكى ناھايىتى كىچىك قان پارچىلىرى ئارىلاشقان كونىرىغان قان شۈمۈرىلىدۇ. بالىياتقۇ سەل چوڭىيىدۇ، يۇمشاق بولىدۇ، بالىياتقۇ قوشۇمچە ئەزالىرىنى باسقاندا ئاغرىش روشەن بولىدۇ. كېسەللەنگەن تەرەپتە ئاغرىش كۈچلۈك بولىدۇ. بەزىدە ئىچىدىن قان چىققانلىقتىن، بالىياتقۇدا لەيلەتمە سېزىم بولىدۇ. 4. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 1) سۈيدۈكتىكى ھامىلىدارلىق تەجرىبىسى: بۇ مۇسبەت «+» بولغاندا، دىئاگنوزلۇق ئەھمىيىتى بولىدۇ. بىراق ئادەتتىكى تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىنى قوللانغاندا، كۆپىنچە مەنفىي «-» بولىدۇ. شۇڭا سۈيدۈكتىكى ھامىلىدارلىق تەجرىبىسىنىڭ مەنفىي «-» بولىشى بىلەن دىئاگنوزنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. سۈيدۈكتىكى قويۇلدۇرۇش تەجرىبىسى ياكى رادىئاتسىيىلىك ئىممونىت ئۆلچەش ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇسپىيلىقنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. 2) B تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇن ئاستىدا تەكشۈرۈش: تەكشۈرگەندە بالىياتقۇنىڭ يېنىدىكى مونەكنى ياكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى تۆرەلمە خالتىسى بىلەن ھامىلە يۈرەك سوقۇشىنى بىلگىلى بولىدۇ. 3) قورساق بوشلىقى ئەينىكىدە تەكشۈرۈش: بۇ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىقتىكى بويىدىن ئاجراش ياكى نەيچە يېرىلىشتىن بۇرۇنقى دىئاگنوز قويۇشتا ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ. كېسەل پەيدا بولغاندا، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ئاساسلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشى ۋە قورساق بوشلىقىغا يىغىلغان ئازراق سۇيۇقلۇقلارنىمۇ كۆرۈشكە بولىدۇ.[0]

تۇخۇم نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىق بويىدىن ئاجراش داس بوشلۇق ئۆتكۈر ياللۇغى سوقۇر ئۈچەي ئۆتكۈر ياللۇغى تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىق سېپى تولغىشىپ قېلىش سېرىق تەن يېرىلىش ھەيز توختاش تارىخى تولىسىدا بار بار يوق يوق تولىسىدا يوق بولۇشىمۇ مۇمكىن ھامىلىدار بولماسلىق تارىخى تولىسىدا بار كۆپلىرىدە يوق بار ياكى يوق يوق قورساق ئاغرىش قورساقنىڭ تۆۋەنكى بىر تەرىپى تۇيۇقسىزدىن يىرتىلغاندەك قاتتىق ئاغرىيدۇ ھەمدە پۈتۈن قورساققا تارقىلىدۇ قورساقنىڭ تۆۋەن ئوتتۇرا قىسمى تۇتقاقلىق پەسكە چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ قورساق ئىككى تەرەپ تۆۋەن قىسمى داۋاملىق ئاغرىيدۇ مەيدىدىن كىندىك ئەتراپىغا، كېيىن قورساق ئوڭ-تۆۋەن قىسمىغا يۆتكىلىپ داۋاملىق ئاغرىيدۇ قورساقنىڭ تۆۋەنكى بىر تەرىپى تۇيۇقسىز مۇجۇپ ئاغرىيدۇ، كۆپىنچە كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ كۆپىنچە ئادەت كېلىشتىن بۇرۇن يۈز بېرىدۇ، قورساقنىڭ تۆۋەنكى بىر تەرىپى تۇيۇقسىز ئاغرىيدۇ جىنسىي يولدىن قان كېلىش ئاز مىقداردا ياكى تامچىپ، قالايمىقان كېلىدۇ، سويۇلغۇچى پەردە سىلىندىرى چىقىدۇ، رەڭگى قارامتۇل قىزىل بولىدۇ تەدرىجىي كۆپىيىدۇ، رەڭگى قىزىل بولىدۇ، قان پارچىلىرى ۋە تىۋىت توقۇلمىلىرى چىقىرىلىدۇ يوق يوق يوق يوق شۇك سىرتقا چىققان قان مىقدارى بىلەن تاناسىپ بولمايدۇ سىرتقا چىققان قان بىلەن تاناسىپ بولىدۇ يوق يوق يوق سىرتقا چىققان قان بىلەن تاناسىپ بولمايدۇ تېمپېراتۇرا تولىسىدا نورمال بولىدۇ نورمال بولىدۇ ئۆرلەيدۇ ئۆرلەيدۇ نورمال ياكى ئازراق يۇقىرى بولىدۇ نورمال بولىدۇ قورساقنى تەكشۈرۈش بىر تەرەپ ياكى پۈتۈن قورساقنى باسسا، بېسىپ قويىۋەتسە ئاغرىيدۇ، يۆتكىلىشچان بوغۇق ئاۋاز بولىدۇ، بەزىدە قولغا مونەك ئۇرۇنىدۇ، مۇسكۇلنىڭ جىددىيلىكى ئېنىق بولمايدۇ باسقاندا ئاغرىش بولمايدۇ، دوۋسۇن سۆڭەك بىرلەشمىسىنىڭ يۇقىرىسىدا بەزىدە بالىياتقۇ تېگى قولغا ئۇرۇنىدۇ قورساقنىڭ تۆۋەن قىسمىنى باسسا، بېسىپ قويۇۋەتسە ئاغرىيدۇ، مۇسكۇللىرى جىددىيلەشكەن بولىدۇ ماكبورنى توچكىسىنى باسسا ۋە بېسىپ قويىۋەتسە ئاغرىيدۇ، قورساق مۇسكۇلى جىددىلەشكەن بولىدۇ. كېسەللەنگەن تەرەپ باسسا ئاغرىيدۇ، قولغا مۇنەك ئۇرىنىدۇ بىر تەرەپ ياكى پۈتۈن قورساق قىسمىدا باسسا، بېسىپ قويىۋەتسە ئاغرىش بولىدۇ، يۆتكىلىشچان بوغۇق ئاۋاز مۇسبەت بولىدۇ، مۇسكۇل جىددىيلىكى ئېنىق بولمايدۇ. ئاياللار بۆلۈمىدىكى تەكشۈرۈش بالىياتقۇ بوينىنى كۆتۈرسە ئاغرىيدۇ، ئارقا گۈمبەز دومبايغان بولىدۇ، تەگسە ئاغرىيدۇ، بالىياتقۇ نورمال ياكى سەل چوڭراق بولىدۇ، بالىياتقۇ يېنىدا مۇنەك بولىدۇ.بىشارەتلىك بويىدىن ئاجراشتا، بالىياتقۇنىڭ چوڭىيىشى ھامىلىدارلىق ھەپتىسى بىلەن ماس كېلىدۇ، بالىياتقۇ بوينىنى كۆتۈرسە ئاغرىيدۇ، بالىياتقۇ يېنىدا مۇنەك بولمايدۇ بالىياتقۇ نورمال چوڭلۇقتا بولۇپ، قوشۇمچە ئەزا قېلىنلايدۇ ياكى مۇنەك بولىدۇ، باسسا ئاغرىشى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ بالىياتقۇ ۋە قوشۇمچە ئەزا نورمال بولىدۇ، باسسا ئاغرىيدىغان ئورۇن يۇقىرىراق بولىدۇ بالىياتقۇنىڭ بىر تەرىپىدە قولغا مۇنەك ئۇرۇنىدۇ، تەگسە كۆرۈنەرلىك ئاغرىيدۇ، بالىياتقۇ نورمال چوڭلۇقتا بولىدۇ بالىياتقۇ بوينىنى كۆتۈرسە ئاغرىيدۇ، گۈمبەزنىڭ بىر تەرىپى كۆپكەن بولۇپ، تەگسە ئاغرىيدۇ، بالىياتقۇ نورمال چوڭلۇقتا بولىدۇ جىنسىي يول ئارقا گۈمبىزىدىن فۇنكسىيە قىلىش ئۇيىمىغان قان چىقىدۇمەنپىي بولىدۇ سىرغىما سۇيۇقلۇق ياكى يىرىڭ چىقىدۇ مەنپىي بولىدۇ مەنپىي بولىدۇ قان چىقىدۇ ھامىلىدارلىق سىنىقى مۇسبەت ياكى مەنپىي بولىدۇ مۇسبەت ياكى مەنپىي بولىدۇ مەنپىي مەنپىي مەنپىي مەنپىي ئاق قان ھۈجەيرىلىرى سانى نورمال ياكى يۇقىرىراق بولىدۇ نورمال بولىدۇ يۇقىرىلايدۇ يۇقىرىلايدۇ ئازراق يۇقىرىلايدۇ نورمال ياكى ئازراق يۇقىرىلايدۇ قان قىزىل ئاقسىلى تۆۋەنلەيدۇ تۆۋەنلەيدۇ نورمال بولىدۇ نورمال نورمال تۆۋەنلەيدۇ

ئۇرۇقلانغان تۇخۇم تۇخۇم توشۇش نەيچىسىگە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى بوشلىقى تارىيىپ، نەيچە دىۋارى نېپىزلىگەنلىكى، سۇيۇلغۇچى پەردە تولۇق بولمىغانلىقى ياكى كەم بولغانلىقى ئۈچۈن، تىۋىت نەيچە دىۋار مۇسكۇل قەۋىتىگە ئورۇنلاشقاندا ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ يېتىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، يېتىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىنىڭ بويىدىن ئاجرىشى، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىقنىڭ يېرىلىپ كېتىشى، قورساق بوشلىقىدىكى ئىككىلەمچى ھامىلىدارلىق قاتارلىقلار كېلىپ چىقىپ، ئۆز ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلمىسا بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.

ھەيز مەزگىلىدىكى تازلىققا دىققەت قىلىش، تۇغۇت، بويىدىن ئاجراش ۋە بالىياتقۇ بوشلۇق ئوپىراتسىيىدىن كېيىن، يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. داس بوشلىقى ياللۇغىنى ئاكتىپ داۋالاشنىڭ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشتا مۇھىم ئەھمىيىتى بار.

تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىقنى داۋالاشتا كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى ۋە سوزۇلما-ئۆتكۈرلىكىگە قاراپ، ئوپىراتسىيە قىلىپ داۋالاش ياكى دورا بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.

1.ئوپىراتسىيە قىلىپ داۋالاش: تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىقنى داۋالاشتا، ئادەتتە ئوپىراتسىيە قىلىپ، داۋالاش ئاساس قىلىنىدۇ. ئەگەر شۇك بولۇپ قالغان بولسا، ئاكتىپلىق بىلەن شۇكقا قارىتا چارە قىلىش بىلەن بىللە جىددى ئوپىراتسىيە قىلىش، ئوپىراتسىيە جەريانىدا ئالدى بىلەن كېسەل تەرەپ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى دەرھال قىسىپ، قان توختىتىپ، ئاندىن ئۇنى كېسىپ ئېلىۋېتىش كېرەك. ئەگەر بويىدىن ئاجرىغان ۋە يېرىلىپ كەتكەن ۋاقتى 24 سائەتتىن ئېشىپ كەتمىگەن ۋە يۇقۇملانمىغان بولسا قورساق بوشلىقىدىكى قان ناھايىتى كۆپ بولسا، ئۆز قېنىنى ئۆزىگە بېرىشكە بولىدۇ. ئوپىراتسىيە جەريانىدا ئەھۋالغا قاراپ، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى بوغۇۋەتسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئارىلىق قىسمىدىكى ھامىلىدارلىق بولسا، بالىياتقۇنى قىسمەن كېسىۋېتىش ئوپىراتسىيىسى قىلىشنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە بولىدۇ. 2. دورا بىلەن داۋالاش: دورا بىلەن داۋالاشتا، كېسەللىك ئەھۋالى يەڭگىل، سۈيدۈكتىكى ھامىلىدارلىق تەجرىبىسى مەنفىي «-» بولغانلارغا قاننى جانلاندۇرغۇچى، ئۇيىغان قاننى تارقاتقۇچى، مونەكنى يوقاتقۇچى، قان توختاتقۇچى دورىلار بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن چۆل يالپۇزى، قىزىل چوغلۇق(ئاق بەھمەن)، شاپتۇل مېغىزى، مەستىكى رومى، مورمەككىلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئىشلىتىلىدۇ. تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ھامىلىدارلىقتا بويىدىن ئاجراش ۋە يېرىلىش بولسا، دورا ئىشلەتمەي دەرھال ئوپىراتسىيە قىلىنىدۇ. ئوپىراتسىيىدىن كېيىن، يۇقۇملىنىشقا قارشى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

1. كېسەل يېتىپ ئارام ئېلىشى، قورساق بېسىمىنى ئاشۇرىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشى كېرەك. 2. شۇك بولۇپ قالغۇچىلارنىڭ بېشىنى تۆۋەن، ئاياغ تەرىپىنى ئىگىز قىلىپ ياتقۇزۇپ، قان ۋە سۇيۇقلۇق تولۇقلىنىدۇ. ئىسسىق ساقلاشقا ۋە ئوپىراتسىيىدىن ئىلگىرىكى تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە دىققەت قىلىش كېرەك. 3. بەلگىلىك ۋاقىتتا قان بېسىمى، تومۇر سوقۇشى، نەپەسنى ئۆلچەپ، شۇك ئالامەتلىرىنىڭ بار-يوقلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1201

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1201

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#