قۇمۇل ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتى

كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكومى، قۇمۇل ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسىنى قۇمۇل ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتىغا رەسمىي ئۆزگەرتتى. 

ئۇيغۇرچە نامى قۇمۇل ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1950-يىلنىڭ بېشىدا قۇمۇل ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە قارمىقىدا مەدەنىي مائارپ بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بىر نەپەر بۆلۈم باشلىقى، بىر قانچە نەپەر خىزمەتچى خادىمى بار ئىدى. 1950-يىلى مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى كۆپەيتىلگەن. 1957-يىلى 5-ئايدا مەمۇرىي مەھكىمە مەدەنىي مائارىپ بۆلۈمى ۋە سەھىيە بۆلۈمى بىرلەشتۈرۈلۈپ، مەدەنىي مائارىپ سەھىيە بۆلۈمى بولۇپ قۇرۇلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي مەدەنىي مائارىپ بۆلۈمى، پىلان سەھىيە بۆلۈمى يەنە ئايرىۋېتىلدى. مەدەنىيەت ئىنقىلابىي مەزگىلىدە بۇ ئورگان پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، مەدەنىي مائارىپ خىزمىتىگە ھەربىي قوماندانلىق كومىتېتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىشخانىسى مەسئۇل بولغان. 1969-يىلى 3-ئايدا قۇمۇل ۋىلايىتىدە ئىنقىلابىي كومىتېتى قۇرۇلدى. كومىتېتىنىڭ قارمىقىدا مەدەنىي مائارىپ سەھىيە كومىتېتى تەسىس قىلىنىپ، ۋىلايەت ئىچىدىكى مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە ئىشلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇدى. 1974-يىلى 11-ئايدا ۋىلايەتلىك مەدەنىي مائارىپ ئىدارىسى قۇرۇلدى. قارمىقىدا بىر قانچە ئىشخانا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ مەدەنىي مائارىپ مەمۇرىي ئىشلىرىنى ھەم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەدەنىي مائارىپ ئىدارىسى پارتكومى قۇرۇلدى. 1979-يىلى 7-ئايدا مەدەنىي مائارىپ ئىدارىسى پارتكومى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، پارتگۇرۇپپىسى قۇرۇلدى. 1984-يىلى 7-ئايدا پارتگۇرۇپپىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ مەدەنىي مائارىپ ئىدارىسى مائارىپ باشقارمىسىغا ئۆزگەرتىلدى ھەمدە پارتىيە باش ياچىيكىسى تەسىس قىلىندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكومى قومۇل ۋىلايەتلىك مەدەنىي مائارىپ باشقارمىسىنى مەدەنىيەت ۋە مائارىپتىن ئىبارەت ئىككى باشقارمىغا بۆلۈپ تەسىس قىلىشنى رەسمىي قارار قىلدى. مائارىپ باشقارمىسىغا بىر نەپەر باشقارما باشلىقى، ئىككى نەپەر مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى قويۇلدى. باش ياچىيكا مەدەنىي مائارىپ سىستېمىسى پارتكومىغا ئۆزگەرتىلدى. مائارىپ باشقارمىسى ئىچىدە ئىشىانا، ئادەتتىكى مائارىپ ئىشخانىسى، مالىيە ئىشخانسى، ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى، چوڭلار ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى بىلەن ئالىي مائارىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى ئىشخانىسى، ئادەتتىكى مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ قۇرۇش ئىشخانىسى، ئوقۇتۇش سايمانلىرى باش پونكىتى قاتارلىق ئاپپاراتلار تەسىس قىلىنغان. خىزمەتچى خادىملارنىڭ سانى 50 نەپەرگە يەتتى. 1997-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكومى، قۇمۇل ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسىنى قۇمۇل ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتىغا رەسمىي ئۆزگەرتىشنى قارار قىلىپ، قۇمۇل ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە بولدى. قارمىقىدكى ئاپپاراتلار ئىچىدە چوڭلار ئالىي-ئوتتۇرا تېخنىكومىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ۋە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھان ئىشخانىسى، ئادەتتىكى مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى قاتارلىقلار بىرلەشتۈرۈلۈپ، 1998-يىلى قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان مەركىزى بولۇپ قۇرۇلدى. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#