سېن-سمون (1760-1825-يىللار) فرانسىيەلىك مۇتەپەككۇر، دۇنياغا داڭلىق ئۈچ چوڭ خىيالىي سوتسىيالىزمچىنىڭ بىرى. ئۇ ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، گرافلىققا ۋارىسلىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن فېئوداللىق تۈزۈمگە قارشى چىققۇچى بولۇپ يېتىشىپ چىققان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى سېن-سمون
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1825-يىل
كەسپى مۇتەپەككۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1760-يىل
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى مەزگىلىدە، گرافلىقتىن ۋە باشقا نام-ئۇنۋانلاردىن ۋاز كېچىپ، ئىنقىلابىي ھەرىكەتكە قىزغىنلىق بىلەن ئاتلانغان. ئىنقىلابتىن كېيىن، ئەمگەكچى خەلقنىڭ يەنىلا جاپا چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كاپىتالىزمغا نىسبەتەن ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسىنى تۇتقان. ئۇ كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ ھەق-ناھەق ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەن دۇنيا ئىكەنلىكىنى كەسكىن پاش قىلىپ، بىر خىل يېڭى ئىجتىمائىي تۈزۈمنى «لايىھىلەپ» چىقىشقا بەل باغلىغان. ئەينى چاغدا ئۇ 40 ياشقا كىرىپ قالاي دېگەن بولسىمۇ، يەنىلا سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتتا داۋاملىق ھەر خىل بىلىملەرنى ئۆگەنگەن، يەنە ئەنگلىيە، شۋېتسارىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىمەن دەپ، بارا-بارا بارلىق مال-بىساتىنى سەرپ قىلىۋېتىپ، ئاقىۋەتتە ناھايىتى غۇربەت تۇرمۇش كەچۈرگەن، كېسەلدىن قۇتۇلالمىغان، ئايالىمۇ ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالغان. ئۇ بىر مەزگىل ھەتتا ئىلگىرىكى خىزمەتكارىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ ناھايىتى تەستە جان باققان. خىزمەتكارى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، تۇرمۇشى تېخىمۇ قىيىنلاشقان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بىر دىن مۇخلىسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، شۇندىلا غۇربەتچىلىكتىن قۇتۇلغان. ئۇ گەرچە ئەنە شۇنداق قىيىن شارائىتتا ياشىسىمۇ، لېكىن يەنىلا ھاردىم-تالدىم دېمەي، قەيسەرلىك بىلەن غايىۋى جەمئىيەت تەتقىقاتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان.

ئۇ ئۆمرىدە نۇرغۇن ئەسەر يازغان، ئەمما 1825-يىلى 4-ئايدا ئېلان قىلغان «يېڭى خرىستىئان دىنى» ناملىق ئەڭ ئاخىرقى ئەسىرىلا ئۇنىڭ خىيالىي سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىشىنىڭ تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن. ماركس مۇنداق دېگەن: «سېن-سمون «يېڭى خرىستىئان دىنى» ناملىق ئەڭ ئاخىرقى ئەسىرىدىلا بىۋاسىتە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ جارچىسى سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان ھەمدە بارلىق تىرىشچانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتىنىڭ ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان» .

ئۇ كەلگۈسىدىكى يېڭى جەمئىيەتتە، ھەممە ئادەم ئەمگەك قىلىدۇ، لاغايلاپ يۈرىدىغان، ئىشلىمەي چىشلەيدىغان ئادەم بولمايدۇ، دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان، ھەممەيلەن بۇ خىل غايىنى قوبۇل قىلسىلا، يېڭى جەمئىيەت قۇرۇش نىشانى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، دەپ ئىشەنچ قىلغان.

سېن-سموننىڭ تەسەۋۋۇرى ناھايىتى گۈزەل بولۇپ، سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ تەركىبلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئەمما ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىرمۇنچە يەرلىرىمۇ بولغاچقا، ئۇ خىيالىي سوتسىيالىزمچى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئىدىيىسى دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ كاپىتالىزمغا بولغان قارشىلىقى ۋە خىيالىي جەمئىيەتكە بولغان ئىنتىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، ئۇ ئىنسانلار مەدەنىيىتىدىكى قىممەتلىك مىراستۇر. ئۇنىڭ خىيالىي سوتسىيالىزم تەلىماتى فۇريې، ئوۋېننىڭ خىيالىي سوتسىيالىزم تەلىماتى بىلەن بىرلىكتە ماركسىزمنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#