قۇمقاناس ئوتلىقى

قۇمقاناس يايلىقى

قۇمقاناس ئوتلىقى بۇرچىن ناھىيەسى قاناس دەرياسى بىلەن قۇمقاناس دەرياسى كېسىشكەن رايونغا جايلاشقان. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1124 ~ 2300 مېتىر.

ئۇغۇرچە نامى قۇمقاناس ئوتلىقى
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
بېلەت باھاسى ھەقسىز
ساياھەت مەزگىلى 6 ~ 9 ئايغىچە
خەنزۇچە نامى 禾木草原
ئېچىۋىتىلىدىغان ۋاقىت پۈتۈن كۈن
تەۋە شەھەر شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قۇمقاناس يايلىقىقۇمقاناس ئوتلىقى بۇرچىن ناھىيەسى قاناس دەرياسى بىلەن قۇمقاناس دەرياسى كېسىشكەن رايونغا جايلاشقان. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1124 ~ 2300 مېتىر. ئويمانلىقنىڭ ئەتراپىدىكى تاغ گەۋدىسى كەڭ، ئۈستى يۇمىلاق شەكىللىك، دەريا ۋە جىلغىلار كۆپ كېسىشكەن، يەر شەكلى مۇرەككەپ، قۇمقاناس دەرياسى شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا كېسىپ ئۆتىدۇ، ئوتلاق ئىككى پارچىگە ئايرىلغان بولۇپ، تاغ ۋە ئورمانلىق بىلەن قاپلانغان، كۈنگەي، باراقسان ۋە ياپيېشىل. بۇغا، مارال، سۇغۇ، قار توخۇسى ياشايدۇ؛ يېشىل ئوت-چۆپلەر تەسكەي باغرىدا ئۆسىدۇ، كىمخابتەك رەڭگارەڭ گۈللەرنىڭ خۇش پۇرىقى تۆت ئەتراپقا تارايدۇ، بىپايان ئوتلاق مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. 

قۇمقاناس يايلىقىقۇمقاناس يېزىسى قۇمقاناس يايلىقىنىڭ ئەڭ ئالىي مەمۇرىي ئاپپاراتى، جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىنىڭ ئەڭ شىمالىغا جايلاشقان. مىللىي ئەنئەنىۋىلىكى ئەڭ مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان تۇۋالار بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن، قۇمقاناس كەنتى داڭلىق تۇۋالار كەنتنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئەڭ يىراق ۋە ئەڭ چوڭ كەنتلەرنىڭ بىرى، ئومۇمىي كۆلىمى 3040 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يېزا بويىچە 1800 دىن ئارتۇق ئادەم بار.

قۇمقاناس يايلىقىقۇمقاناس ئوتلىقىنىڭ سۇ ئىسسىقلىق شارائىتى ياخشى، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 600mm، ئۆسۈملۈك يېپىنچىلىرى باشاقلىقلار ئائىلىسى بىلەن ياۋا ئوت-چۆپلەرنى ئاساس قىلىدۇ، ئاساسلىق تۈرلىرىدىن باشاقلىق ئوت-چۆپلەر بولۇپ، ئۆسۈش مەزگىلى 9 ~ 5 ئايغىچە، ئوت-چۆپنىڭ ئېگىزلىكى 20 ~ 50 سانتىمېتىر، قاپلاش دەرىجىسى %90 تىن يۇقىرى بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ئاساسلىق يازلىق يايلىقى ۋە قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانى ھېساپلىنىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#