جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەنتەربىيە قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەنتەربىيە قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەنتەربىيە قانۇنى» 1995-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەنتەربىيە قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
قوللىنىلغان ۋاقتى 1995-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国体育法
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó tǐ yù fǎ
ماقۇللانغان ۋاقتى 1995-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەنتەربىيە قانۇنى» تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلقنىڭ تەن ساپاسىنى ئاشۇرۇش، تەنتەربىيە ھەرىكىتى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، «ئاساسىي قانۇن»غا ئاساسەن تۈزۈلگەن.

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلقنىڭ تەن ساپاسىنى ئاشۇرۇش، تەنتەربىيە ھەرىكىتى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

2-ماددا دۆلەت تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ تەن ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ. تەنتەربىيە خىزمىتىدە ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئاساس قىلىنىدۇ، ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن ئۆستۈرۈش بىرلەشتۈرۈلىدۇ، ھەر خىل تەنتەربىيە ماس راۋاجلاندۇرۇلىدۇ.

3-ماددا دۆلەت تەنتەربىيىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ. تەنتەربىيە ئىشلىرى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈلۈشى كېرەك. دۆلەت تەنتەربىيە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دۆلەت كارخانا، كەسپىي تەشكىلات، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالارنى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى يولغا قويۇش ۋە قوللاشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

4-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تەنتەربىيە مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەنتەربىيە خىزمىتىنى خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە باشقۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەنتەربىيە مەمۇرىي تارمىقى ياكى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

5-ماددا دۆلەت ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارنىڭ تەنتەربىيە پائالىيىتىنى ئالاھىدە كاپالەتلەندۈرىدۇ، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ.

6-ماددا دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يار-يۆلەك بولىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىق تەنتەربىيە خادىملىرىنى يېتىشتۈرىدۇ.

7-ماددا دۆلەت تەنتەربىيە مائارىپى ۋە تەنتەربىيە، پەن تەتقىقاتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ئىلغار، ئەمەلىي تەنتەربىيە پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىدۇ، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ راۋاجلاندۇرىدۇ.

8-ماددا دۆلەت تەنتەربىيە ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

9-ماددا دۆلەت تاشقى تەنتەربىيە ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ. تاشقى تەنتەربىيە ئالاقىسىدا مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتى قوغدىلىدۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ۋە قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىگە ئەمەل قىلىنىدۇ.

2-باب ئىجتىمائىي تەنتەربىيە

10-ماددا دۆلەت پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي تەنتەربىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىجتىمائىي تەنتەربىيە پائالىيىتىدە ئىشتىن سىرت بولۇش، ئىختىيارىي، كىچىك ھەم كۆپ خىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ، شارائىتىغا يارىشا ئىش كۆرۈش ۋە ئىلمىي، مەدەنىي بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىدۇ.

11-ماددا دۆلەت ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق پىلانىنى ۋە تەنتەربىيە چېنىقىش ئۆلچىمىنى يولغا قويىدۇ، تەن ساپاسىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. دۆلەت ئىجتىمائىي تەنتەربىيە يېتەكچىلىرىنىڭ تېخنىكا دەرىجىسى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ئىجتىمائىي تەنتەربىيە يېتەكچىلىرى ئىجتىمائىي تەنتەربىيىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

12-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي تەنتەربىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىشى ئۈچۈن زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىشى، ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتىگە مەدەت ۋە ياردەم بېرىشى لازىم. شەھەردە ئاھالىلەر كومىتېتى قاتلىق مەھەللىۋى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئاھالىنى تەنتەربىيە پائالىيىتىگە تەشكىللەش لازىم. يېزىدا كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت-تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، يېزىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە مۇۋاپىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش لازىم.

13-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار كۆپ خىل شەكىلدىكى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشى، ئاممىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈشى لازىم.

14-ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تەشكىللىشى لازىم.

15-ماددا دۆلەت مىللىي، ئەل ئىچى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىنى قېزىش، رەتلەش ۋە يۈكسەلدۈرۈشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

16-ماددا پۈتكۈل جەمئىيەت ياشانغانلار ۋە مېيىپلارنىڭ تەنتەربىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، مەدەت بېرىشى لازىم. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ياشانغانلار ۋە مېيىپلارنىڭ تەنتەربىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشى لازىم.

3-باب مەكتەپ تەنتەربىيىسى

17-ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر تەنتەربىيىنى مەكتەپ تەلىم-تەربىيىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى قىلىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈشى لازىم.

18-ماددا مەكتەپلەر تەنتەربىيە دەرسى تەسىس قىلىشى ھەمدە تەنتەربىيە دەرسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنى تەكشۈرىدىغان پەنلەر قاتارىغا كىرگۈزۈشى شەرت. مەكتەپلەر شارائىت يارىتىپ كېسەل، مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئالاھىدىلىكىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە تەشكىللىشى لازىم.

19-ماددا مەكتەپلەر دۆلەتلىك تەنتەربىيە چېنىقىش ئۆلچىمىنى يولغا قويۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ھەر كۈنلۈك تەنتەربىيە پائالىيىتىگە ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىشى شەرت.

20-ماددا مەكتەپلەر كۆپ خىل شەكىلدىكى دەرستىن سىرتقى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىشى، دەرستىن سىرتقى مەشىق ۋە تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنى قانات يايدۇرۇشى ھەمدە شارائىتىغا قاراپ مەكتەپ بويىچە ھەر ئوقۇش يىلى بىر قېتىم تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشى لازىم.

21-ماددا مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە لاياقەتلىك تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنى قويۇشى، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنى خىزمەت ئالاھىدىلىكىگە مۇناسىپ تەمىناتتىن بەھرىمەن قىلىشى لازىم.

22-ماددا مەكتەپلەر گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن ئۆلچەم بويىچە تەنتەربىيە مەيدانى، ئەسلىھەسى ۋە سايمىنى ھازىرلىشى لازىم. مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانى تەنتەربىيە پائالىيىتىگە ئىشلىتىلىشى شەرت، باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

23-ماددا مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى لازىم. مائارىپ، تەنتەربىيە، سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

4-باب ماھارەت تەنتەربىيىسى

24-ماددا دۆلەت ماھارەت تەنتەربىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، تەنھەرىكەتچىلەرنى تەنھەرىكەت تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە ئەلا نەتىجە يارىتىپ، دۆلەت ئۈچۈن شان-شەرەپ كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

25-ماددا دۆلەت ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەشىقىنى قانات يايدۇرۇپ، زاپاس، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىق تەنتەربىيە خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

26-ماددا مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق چوڭ تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىغا قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەر ۋە تەنھەرىكەت كوماندىلىرى ئادىل بولۇش، ئەلالىرىنى ئالدىن تاللاش پرىنسىپى بويىچە تاللىنىدۇ ۋە تەشكىللىنىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ تەنتەربىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

27-ماددا تەنھەرىكەتچىلەرنى يېتىشتۈرۈشتە قاتتىق، ئىلمىي، مەدەنىي بولغان مەشىق ۋە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش، تەنھەرىكەتچىلەرگە ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيىسى ۋە ئەخلاق، ئىنتىزام تەربىيىسى بېرىش شەرت.

28-ماددا دۆلەت مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىش ياكى ئۆرلەپ ئوقۇش جەھەتتە ئېتىبار بېرىدۇ.

29-ماددا مەملىكەتلىك يەككە تۈر تەنتەربىيە جەمئىيەتلىرى شۇ تۈردىكى تەنھەرىكەتچىلەرنى رويخەتكە ئېلىپ باشقۇرىدۇ. رويخەتكە ئېلىنغان تەنھەرىكەتچىلەر گوۋۇيۈەن تەنتەربىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىگە قاتناشسا ۋە كوماندىلار ئارا يۆتكەلسە بولىدۇ.

30-ماددا دۆلەت تەنھەرىكەتچىلەر تېخنىكا دەرىجىسى، رېپىرلار تېخنىكا دەرىجىسى ۋە ترېنېرلار كەسىپ-تېخنىكا ۋەزىپە دەرىجىسى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

31-ماددا دۆلەت تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنى دەرىجە، تۈر بويىچە باشقۇرىدۇ. مەملىكەتلىك ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت يىغىنىنى گوۋۇيۈەننىڭ تەنتەربىيە مەمۇرىي تارمىقى باشقۇرىدۇ ياكى گوۋۇيۈەننىڭ تەنتەربىيە مەمۇرىي تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلار بىلەن بىللە باشقۇرىدۇ. مەملىكەتلىك يەككە تۈر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى شۇ تۈردىكى تەنھەرىكەتنىڭ مەملىكەتلىك تەنتەربىيە جەمئىيىتى باشقۇرىدۇ. يەرلىك ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە يەرلىك يەككە تۈر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى باشقۇرۇش چارىسىنى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۈزۈپ چىقىدۇ.

32-ماددا دۆلەت تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى مەملىكەتلىك رېكورتنى تەستىقلاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. مەملىكەتلىك رېكورتنى گوۋۇيۈەننىڭ تەنتەربىيە مەمۇرىي تارمىقى ئېتىراپ قىلىدۇ.

33-ماددا ماھارەت تەنتەربىيە پائالىيىتىدە يۈز بەرگەن ماجىرالار ئۈستىدە تەنتەربىيە كېسىم ئاپپاراتى مۇرەسسە ۋە كېسىم قىلىدۇ. تەنتەربىيە كېسىم ئاپپاراتىنىڭ تەسىس قىلىنىش چارىسى ۋە كېسىم دائىرىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.

34-ماددا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئادىل رىقابەت پرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ. تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلاتچىسى ۋە تەنھەرىكەتچىلەر، ترېنېرلار، رېپىرلار تەنتەربىيە ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى، ساختىپەزلىك، نەپسانىيەتچىلىك قىلماسلىقى لازىم. تەنتەربىيە ھەرىكىتىدە چەكلەنگەن دورا ۋە ئۇسۇللارنى ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. چەكلەنگەن دورىلارنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى مەنئى قىلىنغان دورا ۋە ئۇسۇللارنى قاتتىق تەكشۈرۈشى لازىم. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن پايدىلىنىپ قىمار ئوينىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

35-ماددا جۇڭگو تەۋەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنىڭ نامى، بايرىقى، بەلگىسى ۋە قۇتلۇق سىمۋولى قاتارلىق بەلگىلىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە قوغدىلىدۇ.

5-باب تەنتەربىيە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى

36-ماددا دۆلەت تەنتەربىيە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ئۆز نىزامنامىسى بويىچە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، تەنتەربىيە ئىشلىرى تەرەققىياتىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

37-ماددا ھەر دەرىجىلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيەتلىرى تەنھەرىكەتچىلەر ۋە تەنتەربىيە خادىملىرى بىلەن ئالاقە باغلايدىغان ۋە ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان ئاممىۋى تەنتەربىيە تەشكىلاتى، ئۇنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم.

38-ماددا جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتى ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلغان تەنتەربىيە تەشكىلاتى، ئۇ جۇڭگوغا ۋاكالىتەن خەلقئارا ئولىمپىك ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ.

39-ماددا تەنتەربىيە ئىلمى ئىجتىمائىي تەشكىلاتى تەنتەربىيە پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئىلمىي ئاممىۋى تەشكىلاتى، ئۇ تەنتەربىيە پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا رولىنى جارى قىلدۇرۇشى لازىم.

40-ماددا مەملىكەتلىك يەككە تۈر تەنتەربىيە جەمئىيەتلىرى شۇ تۈردىكى تەنھەرىكەتنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ. جۇڭگوغا ۋاكالىتەن مۇناسىپ خەلقئارا يەككە تۈر تەنتەربىيە تەشكىلاتىغا قاتنىشىدۇ.

6-باب كاپالەتلەندۈرۈش شەرتى

41-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەنتەربىيە كەسپىي خىراجىتى، تەنتەربىيە ئاساسىي قۇرۇلۇش مەبلىغىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خام چوتى ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش مەبلىغى پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەنتەربىيە ئىشلىرى سېلىنمىسىنى پەيدىنپەي كۆپەيتىشى لازىم.

42-ماددا دۆلەت كارخانا، كەسپىي تەشكىلات ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى مەبلەغ توپلاپ تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى تەنتەربىيە ئىشلىرىغا ئىئانە قىلىش ۋە ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

43-ماددا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەنتەربىيە مەبلىغىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى لازىم. ھەرقانداق تەشكىلات، شەخسنىڭ تەنتەربىيە مەبلىغىنى ئىشلىتىۋېلىشىغا ۋە تۇتۇپ قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

44-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەنتەربىيە مەمۇرىي تارمىقى ساغلاملىق، ماھارەت قاتارلىق تەنتەربىيە ھەرىكىتىنى مەزمۇن قىلغان تىجارەتنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى لازىم.

45-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت شەھەر جامائەت تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىگە يەر ئىشلىتىش نورما كۆرسەتكۈچى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، شەھەر جامائەت تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى شەھەر قۇرۇلۇش پىلانى، يەر ئىشلىتىش ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم. شەھەردە كارخانا، مەكتەپ، مەھەللە ۋە ئاھالە ئولتۇراق رايونىنى پىلانلىغاندا، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇلۇش پىلانىغا كىرگۈزۈش لازىم. يېزا، مىللىي يېزا ۋە بازاردا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى پەيدىنپەي قۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

46-ماددا جامائەت تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى جەمئىيەتكە ئېچىپ بېرىپ، ئاممىنىڭ تەنتەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش، ئوقۇغۇچىلار، ياشانغانلار، مېيىپلەرگە ئېتىبار بېرىش چارىسىنى يولغا قويۇش، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ جامائەت تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، بۇزۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ئالاھىدە ئەھۋال سەۋەبىدىن تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى ۋاقىتلىق ئىگىلەشكە توغرا كەلسە، تەنتەربىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە قۇرۇلۇش پىلانلاش تارمىقىغا تەستىقلىتىش ھەمدە ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىش شەرت؛ شەھەر پىلانى بويىچە تەنتەربىيە مەيدانىنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئاۋۋال يەر تاللاپ يېڭىدىن سېلىپ تۆلەپ بېرىش لازىم.

47-ماددا مەملىكەتلىك، خەلقئارالىق تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ سايمان ۋە بۇيۇملىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ تەنتەربىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلگەن ئاپپارات تەكشۈرۈپ بېكىتىشى شەرت.

48-ماددا دۆلەت تەنتەربىيە كەسپىي مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر خىل تەنتەربىيە كەسپىي مەكتەپلىرى، مەكتەپ فاكۇلتېتلىرى، كۇرسلىرىنى قۇرۇپ، تەنھەرىكەت، مەشىق، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقاتى، باشقۇرۇش ۋە ئاممىۋى تەنتەربىيە كەسپىي خادىملىرىنى يېتىشتۈرىدۇ. دۆلەت كارخانا، كەسپىي تەشكىلات، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە پۇقرالارنى قانۇن بويىچە تەنتەربىيە كەسپىي مائارىپىنى يولغا قويۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

7-باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

49-ماددا ماھارەت تەنتەربىيىسىدە ساختىپەزلىك قىلىش قاتارلىق ئىنتىزامغا ۋە تەنتەربىيە قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارنى تەنتەربىيە ئىجتىمائىي تەشكىلاتى نىزامنامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ، دۆلەت خادىملىرىدىن بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

50-ماددا تەنتەربىيە ھەرىكىتىدە چەكلەنگەن دورا ۋە ئۇسۇلنى ئىشلەتكەنلەرنى تەنتەربىيە ئىجتىمائىي تەشكىلاتى نىزامنامىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالايدۇ؛ دۆلەت خادىملىرىدىن بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

51-ماددا ماھارەت تەنتەربىيىسىدىن پايدىلىنىپ قىمار ئوينىغانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكىتىنى تەنتەربىيە مەمۇرىي تارمىقى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ھەمكارلىشىپ توختىتىدۇ ھەمدە ئۇلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى «ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامى» دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالايدۇ. ماھارەت تەنتەربىيە پائالىيىتىدە پارىخورلۇق، ئالدامچىلىق قىلغانلار ۋە قىمار ئۇيۇشتۇرغانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

52-ماددا جامائەت تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋالغان، بۇزغانلارنى تەنتەربىيە مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئۇلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى «ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامى» دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالايدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

53-ماددا تەنتەربىيە پائالىيىتىدە ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقارغان، جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلارغا تەنقىد، تەربىيە بېرىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ قىلمىشى چەكلىنىدۇ؛ ئامانلىقنى باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى «ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

54-ماددا دۆلەتنىڭ مالىيە تۈزۈمى، كەسپىي مالىيە تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەنتەربىيە مەبلىغىنى ئىشلىتىۋالغان، تۇتۇپ قالغانلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان ئىشلىتىۋالغان، تۇتۇپ قالغان مەبلەغنى سۈرۈك ئىچىدە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە بىۋاسىتە مەسئۇل خادىملار ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

8-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

55-ماددا ئارمىيىنىڭ تەنتەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كونكرېت چارىسىنى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بۇ قانۇن بويىچە تۈزۈپ چىقىدۇ.

56-ماددا بۇ قانۇن 1995-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1995-يىل 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1995-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 55-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/113781.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#