جۇڭگو ياشانغانلار ئىشلىرى مەملىكەتلىك كومىتېتى

جۇڭگو ياشانغانلار ئىشلىرى مەملىكەتلىك كومىتېتى

جۇڭگو ياشانغانلار ئىشلىرى مەملىكەتلىك كومىتېتى 1982-يىلى بېيجىڭدا قۇرۇلغان ياشانلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان تەشكىلاتتۇر. 

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭگو ياشانغانلار ئىشلىرى مەملىكەتلىك كومىتېتى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1982-يىلى
خەنزۇچە نامى 中国老龄问题全国委员会

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگو ياشانغانلار ئىشلىرى مەملىكەتلىك كومىتېتىجۇڭگو ياشانغانلار ئىشلىرى مەملىكەتلىك كومىتېتى 1982-يىلى بېيجىڭدا قۇرۇلغان. ئۇ بەزى ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، پەن تەتقىقات ئورگانلىرى، ئاخبارات ئورۇنلىرى بىرلىشىپ تەشكىل قىلغان ئىجتىمائىي تەشكىلات بولۇپ، جۇڭگودىكى ياشانغانلار ئىشلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھەر تەرەپلىمە پىلانلاش، تەشكىللەش ۋە ماسلاشتۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش ھەمدە ياشانغانلار ئىشلىرىغا دائىر خەلقئارالىق ۋە يەرلىك كەسپىي يىغىنلارغا قاتنىشىش، كۆپ تەرەپلىك ياكى ئىككى تەرەپلىك تېخنىكا ياردىمى، تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ياشانغانلار تېببىي ئىلمى، ياشانغانلار پسىخولوگىيىسى، ياشانغانلار سوتسىئولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ بىلىمى ۋە ئىقتىدارىنى قانداق قىلىپ داۋاملىق جارى قىلدۇرۇش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ تېببىي داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەيدۇ ھەمدە جەمئىيەتتە ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

جۇڭگو ياشانغانلار ئىشلىرى مەملىكەتلىك كومىتېتىجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىز ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 69 ياشقا يەتتى، مەملىكىتىمىز بويىچە 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار80 مىليونغا يېقىنلاشتى. ياشانغانلار ئىشلىرى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ياشانغانلارنى بېقىش، ھۆرمەتلەش ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ رەڭدار قىلىپ بېيىشقا تۈرتكە بولىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/250213.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#