چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تەڭگە-ھازىر ئۇ پۇل بىرلىكى پۇلنىڭ نامى سۈپىتىدىمۇ قوللىنىدۇ. تەڭگە شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن كېيىن پەيدا بولغان كۈمۈشتىن يۇمىلاق شەكىلدە ياسالغان پۇل ۋە پۇل بىرلىكىنىڭ نامى بولۇپ، يېقىنقى زامانلارغىچە ئىشلىتىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ قىممىتى ھەر قايسى دەۋرلەردە ئۆزگىرىپ تۇرغان. ئەڭ دەسلەپ تارقىتىلغان تەڭگە كۈمۈش پۇل بولۇپ، 1 تەڭگە 1 سەر كۈمۈشكە تەڭ ئىدى. 1 تەڭگە 50 مىسقال ھېسابلىناتتى. كېيىنچە كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە يېڭى قۇرۇلغان ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا پۇل قۇيدۇرۇپ تارقىتىشى نەتىجىسىدە تەڭگىنىڭ نىسبىتىدە ئۆزگىرىش بولغان. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، يەكەندە قۇيۇلغان تەڭگىنىڭ قىممىتىدە ئۆزگىرىش بولماي، باشتىن-ئاخىر بىر تەڭگە 50 مىسقال بولۇپ كەلگەن؛ ئاقسۇ، ئۇچتۇرپاندا قۇيۇلغان تەڭگە 100 مىسقالغا باراۋەر بولغا. 

1900-يىللاردا كۈمۈش پۇللار ئاساسەن «تەڭگە» دەپ ئاتالغان. 1886-يىللىرى ئەتراپىدا تەڭگە «چوڭ تەڭگە» ۋە «كىچىك تەڭگە» دەپ ئىككى خىل بولغان، يەنى بىر سەرلىك كۈمۈش پۇل «چوڭ تەڭگە» ؛ بىر سەردىن كىچىك بولغان كۈمۈش پۇل «كىچىك تەڭگە» دېيىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 1900-يىللاردا 50 پۇلغا باراۋەر كېلىدىغان، 25 پۇلغا باراۋەر كېلىدىغان تەڭگىلەرمۇ قۇيۇپ تارقىتىلغان. بۇنداق «پۇل» لار مىستىن قۇيۇلغان ئوتتۇرىسى تۆشۈك قۇيما پۇل بولۇپ، «داچە» دەپ ئاتالغان. كروپاتكىننىڭ يېزىشىچە «ئەينى يىللاردا شىنجاڭدا يەنە بۇخارا قۇقەنتلىقلارنىڭ بىر سەرلىك تەڭگىسىمۇ ئاقىدىكەن، بۇمۇ بىر خىل كۈمۈش پۇل بولۇپ، قىممىتى روسىيىنىڭ 20 تىيىنىگە تەڭ كېلىدىكەن. قوقەنتنىڭ بىر سەرلىك تەڭگىسى ئېغىرلىقى جەھەتتە قەشقەرنىڭ تەڭگىسىگە باراۋەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇ دۆلەت غەزىنىسىگە بىر يېرىم تەڭگە ھېسابىدا كىرىم قىلىنىدىكەن. ياقۇپبەگ بىر سەرلىك قوقەنت تەڭگىسىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنى ئۆزى قۇيدۇرۇپ تارقاتقان تەڭگىگە ئالماشتۇرۇپ يىغىۋاپتۇ-دە بىر سەرلىك قوقەنت تەڭگىسىدىن يېڭى بىر سەرلىك تەڭگە قۇيدۇرۇپتۇ. ئۇ مۇشۇنداق ھىيلە-نەيرەڭ ئىشلىتىپ، ناھايىتى كۆپ پايدا ئالغان ئىكەن» . بۇنىڭدىن «تەڭگە» نىڭ تارىختىكى قىممىتىنىڭ ئۆزگىرىشلىرىنى كۆرىۋالغىلى بولۇپلا قالماستىن يەنە، ئەينى دەۋردىكى چىرىك ھاكىمىيەتنىڭ خەلقنى قاقتى-سوقتى قىلىش قىلمىشىنمۇ كۆرىۋالغىلى بولىدۇ(ئا. ن گروپاتكىن: «قەشقەرىيە» 52-، 82-، 83-بەتلەر) . 

ھازىر قازاقىستاننىڭ پۇل نامى «تەڭگە» بولۇپ، بىر تەڭگە 100 تىيىنغا تەڭ. 1998-يىلىدىكى مەلۇماتتا 1 يۈەن جۇڭگو پۇلىنىڭ توققۇز تەڭگە 23 تىيىنغا، بىر ئامېرىكا دوللىرىنىڭ 76 تەڭگە 40 تىيىنغا، بىر ياۋرونىڭ 83 تەڭگە 14 تىيىنغا ئايرىۋاشلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#