دولان مەدەنىيىتى

دولان مەدەنىيىتى

دولان مەدەنىيىتى-دولان مەشرىپى، دولان مۇقاملىرى، دولان دېھقانلار رەسىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئۆز ئىچىگە ئالغان، كۆپ مەزمۇنلۇق، چوڭقۇر قاتلاملىق كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە مەدەنىيەت. 

ئۇيغۇرچە نامى دولان مەدەنىيىتى
جۇغراپىيەلىك ئورنى شىنجاڭ مەكىت ناھىيەسى
خەنزۇچە نامى 多浪文化
مىللەت ئۇيغۇرلار

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دولان مەدەنىيىتىدولان مەدەنىيىتى-دولان مەشرىپى، دولان مۇقاملىرى، دولان دېھقانلار رەسىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئۆز ئىچىگە ئالغان، كۆپ مەزمۇنلۇق، چوڭقۇر قاتلاملىق كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇپ، ئۇ، دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئىجتىمائىي تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا، ھەر تۈرلۈك تۇرمۇش خام ماتېرىياللىرىنى تۇرمۇش مەدەنىيىتىگە ئۈزلۈكسىز سىڭدۈرۈشى نەتىجىسىدە يارىتىلغان ۋە ئۆزگىچە بولغان مەدەنىيەت تۈرىدۇر. 

مەكىت ناھىيەسى دولان مەدەنىيىتىنىڭ بارلىققا كەلگەن ۋە تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە ئۇلاشقان ئانا ماكانى، ئەسىرلەردىن بۇيان بۇ مۇنبەت دىياردا ھايات كەچۈرۈۋاتقان دولان ئۇيغۇرلىرى ھالال ئەجىر-مېھنىتى ئارقىلىق مول ماددىي بايلىقلارنى يارىتىپلا قالماي، يەنە ئۆز ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ دولان روھى بىلەن يۇغۇرۇلغان دولان مەشرىپى، دولان مۇقاملىرى، دولان دېھقانلار رەسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دولان مەدەنىيىتىنى يارىتىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيەت خەزىنىسىنى يەنىمۇ بېيىتقان.

ئۇ ئاساسلىقى تارىم ئويمانلىقى نىڭ غەربىي شىمالى قىسىمى، زەرەپشان دەرياسىدىن تارىم دەريا ساھىلىنى مەركەز قىلغان دولان رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىغا تارقالغان، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مەكىت ناھىيەسى گە كەڭ تارقالغان. 

دولان مەدەنىيىتىدولان مەشرىپى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ھەمدە مەكىت ناھىيەسى بولسا دولان ئۇيغۇرلىرى مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان، دولان مەدەنىيىتى ھەم دولان مەشرەپ-مۇقاملىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي ئامىللىرى ساپلىقىنى يوقاتماي ساقلىنىپ قالغان رايون. دولانلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-ئارمان، ھېس-تۇيغۇلىرىنى تۈرلۈك سەنئەت شەكىللىرى ئارقىلىق ئىپادىلەپ، مول مەنىۋى مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ئاپىرىدە قىلغان. بۇرۇن دولان مۇقام ۋە مەشرەپلىرى پەقەت ئۆز يۇرتىدا خەلق ئارىسىدىلا خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ كەلگەن بولسا، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۇنى قېزىپ، رەتلەپ، تونۇشتۇرۇشى نەتىجىسىدە، 2006- يىلى دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، نەتىجىدە دولان مەدەنىيىتى دۇنيا ئەھلىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، شۇنىڭ بىلەن، دولان مۇقامچىلىرىمۇ يۇرت ئاتلاپ يۈرۈپ، چوڭ سورۇنلاردا، ھەتتا خەلقئارا سورۇنلاردا دولان مۇقامىنى ياڭراتقان.

 پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ دولان مەدەنىيىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، سىياسەت جەھەتتە قوللىشى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۆلىشى نەتىجىسىدە، دولان مەدەنىيىتى غەربىي دىيارنىڭ مەشھۇر مىللىي مەدەنىيتىنى مەنبە قىلغان دۇنياۋى مەدەنىيەت ماركىسىنى ياراتتى. جاھان ئەھلى بۇ ناھىيەگە جۇڭگو مۇقام يۇرتى، جۇڭگو دولان مەشرىپى يۇرتى، جۇڭگو دولان دېھقانلار رەسىملىرى يۇرتى، دولان قويى يۇرتى، دولان مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى، تەبىئىي مەدەنىيەت مۇزېيى دېگەندەك چىرايلىق ناملارنى بەرگەن.

دەسلەپتە 1986-يىلى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەندە مەكىتتىكى خەلق سەنئەتكارلىرى دولان مۇقامى نى ئورۇنلىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ مۇقامچىلار كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان. 1992- يىلى 9- ئايدا، خاڭجۇ شەھەرلىك باغ-ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن «خاڭجۇ شەھەرلىك ۋۇشەن ئىبادەتخانىسى سەيلە-ساياھەت بايرىمى»غا قاتنىشىپ، خاڭجۇ شەھەر خەلقى ۋە چەتئەلدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

1993-يىلى 9-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە شېنياڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، شېنياڭغا بېرىپ «خەلقئارا بايرام»غا قاتناشقان، 2003-يىلى 11-ئايدا جۇڭگو سەنئەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەكلىپى بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ، جۇڭگو ئەل ئىچى غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر سەنئەت كېچىلىكى» دە دولان مۇقامى نى ئورۇنلىغان، 2004-يىلى 4-ئايدا فرانسىيە دۆلەت مەدەنىيىتى مەركىزىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن، پارىژ شەھىرىدە خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە دولان مۇقامىنى ئورۇنلىغان، 2005-يىلى 1-ئايدا cctv غەربىي رايون ئاز سانلىق مىللەتلەر تېلېۋىزور پىروگراممىسىدا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، مەملىكەت بويىچە كوللېكتىپ بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن.

دولان مەدەنىيىتى2005-يىلى ۋە 2013-يىلى فىرانسىيە دۆلەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تەكلىپى بىلەن «پارىژ خەلقئارالىق ئەل ئىچى سەنئەت بايرىمى»غا قاتناشقان. 2005-يىلى 11-ئايدا تەكلىپ بىلەن ياپونىيە گە چىقىپ، « يىپەك يولى سەنئەت بايرىمى»غا قاتناشقان.

2006-يىلى 6-ئايدا ئەنگلىيە نىڭ لوندون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا سەھرا مۇزىكا بايرىمى»غا قاتناشقان.

2006-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك «جۇڭگو-شىنجاڭ ئەل ئىچى سەنئەت بايرىمى»غا قاتنىشىپ، «ئالتۇن داپ مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. 2007-يىلى 10-ئايدا تەكلىپ بىلەن گوللاندىيە، بىلگىيەگە بېرىپ دولان مۇقامى نى ئورۇنلىغان.

2009-يىلى جۇڭگو سەنئەت تەتقىقات ئورنى تەشكىللىگەن «دۆلەت شامىلى» ئەل ئىچى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىپ، «ۋەكىللەر ئۆمىكى»نىڭ تەركىبىدە تەيۋەنگە بېرىپ دولان مۇقامىنى ئورۇنلىغان.

2013-يىلى 7-ئايدا، گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ھەپتىلىكى پائالىيىتىدە دولان مۇقامى نى ئورۇندىغان. 2013-يىلى پايتەخت خەلق سارىيىدا شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى بىلەن بىللە، چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇل «مەڭگۈلۈك مەشرەپ» سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان. ئۇنىڭدىن باشقا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ۋە باشقا سەھنىلەردە دولان مۇقامى نى ئورۇنداپ، ئۇيغۇر دولان مۇقامىنى، دولان مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلغان. 

ھازىر مەكىت ناھىيەسىدىكى ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرىنى دۇنيا تونۇدى، بۇنىڭلىق بىلەن، دولان يۇرتىنىڭ داڭقى يىراق-يېقىنغا تارالدى. مەكىت ناھىيەسىمۇ مۇقامچىلارنىڭ ماكانى بولغان يانتاق يېزىسىدا «دولان يۇرتى» ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزىنى قۇرۇپ، بۇ ئورۇننى ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرىنى قوغداش، دولان مۇقام ۋە مەشرەپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەم ۋارىس تەربىيەلەش مەركىزى قىلىپ بېكىتكەن.

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئۇيغۇر دولان مەدەنىيىتىنىڭ بىباھا گۆھەردەك بۇنداق ساپ پېتى ساقلىنىپ قېلىشىنى مەكىتنىڭ بىر تەرىپىنى زەرەپشان دەرياسى، بىر تەرىپىنى تەكلىماكان قۇملۇقى ئوراپ تۇرۇشتەك بېكىنمە ھالەتنىڭ ئۇزاققىچە داۋاملاشقانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ۋەھالەنكى، ئۇنىڭدا ئەكس ئەتكىنى دەل دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇشقۇن، مەردانە روھىي قىياپىتى، قەتئىي كۈرەش ئىرادىسى، مول تەسەۋۋۇر كۈچى، قەيسەر خاراكتېرى بولۇپ، تەبىئىيلىكى، ساپلىقى بىلەن خاراكتېرلەنگەن. مەزمۇنىنىڭ مول، ئاۋام تۇرمۇشىغا يېقىن، يېقىملىق ۋە جەلپكارلىقى ئاممىۋى ئاساسىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇشىنى بەلگىلىگەن. بۈگۈنگە كەلگەندە دولان مەدەنىيىتىنى قېزىش، رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىش ئىشى زور قوللاشقا ئېرىشىپ، قەدىمكىنى بۈگۈن ئۈچۈن، ئەنئەنىنى زامانىۋىلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى يارىتىلغان.

ئۇ مەركەز بىر ئۆمۈر نۇرغۇنلىغان مۇقام ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەپ ۋە يېتىشتۈرۈپ چىققان. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۈرۈمچى خەۋەر قانىلى 

http://www.salamurumqi.com/tima.asp?news_id=14033

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#