چاقماق پالۋان 1-بۆلۈم

بۇ كىنو <<چاقماق پالۋان>>  ناملىق بالىلار كارتون كىتابىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن.

ئۇيغۇرچە نامى چاقماق پالۋان 1-بۆلۈم
باشقا نامى The Flash
قويۇلغان ۋاقتى 2014-يىلى 10-ئاي
ئۇزۇنلۇقى ھەر قىسىمى 44 مىنۇت ئەتراپىدا
خەنزۇچە ئاتىلىشى 闪电侠 第一季
قىسىم سانى 1- بۆلۈم 23 قىسىم، 2- بۆلۈم 23 قىسىم، 3- بۆلۈم 23 قىسىم
ئىشلەنگەن ئورۇن ئامېرىكا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ كىنو <<چاقماق پالۋان>>  ناملىق بالىلار كارتون كىتابىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن بولۇپ، چاقماق پالۋان تۇغۇلغىلى 1940-يىلىدىن باشلاپ ھېساپلىساق ھازىر ساق 75 يىل بولۇپتۇ. بەۋرىي ئەللىن ئىسىملىك 11 ياشقا كىرگەن، ناھايتى ئەقىللىق بالا بولۇپ، شۇ چاغدا ئانىسى سىرلىق سەۋەب بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ، ۋە دادىسى ئۆز ئايالىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل دېگەن گۇمان بىلەن تۈرمىگە كىرىپ كېتىدۇ. بەۋرېينى بولسا دادىسىنىڭ ساقچى دوستى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. ئۇ ناھايتتى ئەقىللىق، چىقىشقاق چوڭ بولۇپ، ساقچى ئىدارىسىنىڭ تەھلىلچىلىك خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ، ۋە ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبىنى ئېنىقلىماقچى بولىدۇ. شۇ چاغدا بىر قېتىملىق قاتتىق چىققان سۈنئىي چاقماق ئۇنى سوقىۋېتىدۇ. دوختۇرخانىدا ئۇزاق مەزگىل ياتقاندىن كىيىن دوكتۇر خاۋرىسىن ۋېللىس باشچىلىقىدىكى ئۆتكۈر پەن-تېخنىكا تەجىرىبىخانىسىدىكى كىشلەر تەرپىدىن تەرجرىبىخانىغا ئەكىتىلدۇ ھەم شۇ جايدا ھۇشىغا كىلىدۇ. ھۇشىغا كەلگەندىن كىيىن ناھايىتى تېزلا ساقىيىپ كېتىدۇ. ھەم  ئۇنىڭ بەدىنىدە غايەت ئۆزگىرىش بولىدۇ....فىلىم ۋەقەلىكى بىز ھەر بىرىمىزنىڭ كىچىكىمىزدىكى ساددا ھەم ساپ بولغان قەھرىمان بولۇپ كىشلەرنى قۇتقۇزۇشتەك گۈزەل ئارزونى ئەسلەتسە، قەھرىمانلارنىڭ باشقىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆز-ئۆزىنى قۇربان قىلىش، ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشلەرگە ئامالسىز يالغان سۆزلەش، ئۆز كۆڭلىنى ئىپادىلىيەلمەسلىك، سۆيگىنىدىن ئايرىلىپ قېلىش، ئۈمىدسىزلىنىش، قايمۇقۇش ۋە قايتا باش كۆتۈرۈشتەك، ۋاز كەچمەسلىك، تىرىشىش، ھەر بىر ئىش قىلغاندا ئۆز ئەتراپىدا نۇرغۇن دوستلىرى بارلىقىنى ئۆزىنىڭ يالغۇز ئەمەسلكىنى، بەزى ئىشلارنى يالغۇز ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولغان بىلەن كۆپ قىسىم ئىشلاردا يەنىلا ئىتىتىپاقلىقنىڭ كۈچىنىڭ ھەر قانداق بىر كۈچتىن غالىپ كىلىدىغانلىقىدەك، كىشلەرگە ئىلھام ئاتا قىلىدىغان مەزمۇندا راۋاجلىنىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#