ئىنسانشۇناسلىق

ئىنسانشۇناسلىق

ئىنسانشۇناسلىق __ «ئاممىباپ ئىنسانشۇناسلىق» ۋە «تۆت تارماق» ئىنسانشۇناسلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئىنسانشۇناسلىق
چەتئەلچە نامى anthropology
خەنزۇچە نامى 人类学

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىنسانشۇناسلىق تۆت تارماققا بۆلىنىدۇ. بۇلار مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى، بىئو-ئىنسانشۇناسلىق، ئارخىئولوگىيە ئىنسانشۇناسلىقى ۋە تىل ئىنسانشۇناسلىقىدىن ئىبارەت. بۇ تۆت تارماق ئىچىدە مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر زور. كۆپلىگەن ئىنسانشۇناسلىق فاكۇلتىتلىرى بارلىق تۆت تارماق دەرىسلىرىنى تەسىس قىلغان.

ئىنسانشۇناسلىق ئىنسانلاركۆپ خىللىقىغا بولغان ئىزدىنىشتىن ئىبارەت. ئۇ ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئەھۋاللىرىنى-ئۆتمۈش، ھازىر، كەلگۈسى؛ بىئولوگىيلىك خۇسۇسىيىتى، جەمئىيەت، تىل ۋەمەدەنىيەت ئامىللىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ ناھايىتى كەڭ دائىرلىكلىكىدىن ھەيران قالىدۇ. چۈنكى ئۇ ئىنسانلار ۋە ئۇلارنىڭ بىۋاستە ئەجداتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئىنسانشۇناسلىق بولسا بىر قەدەر سىلىشتۇرۇشچانلىق ۋە ئۇنۋىرساللىققا ئىگە پەن.

مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى

مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ئىنسانلار جەمئىيىتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئوخشاشلىق ۋە پەرقىنى تەسۋىرلەيدىغان، ئانالىز قىلدىغان، چۈشەندۇردىغان ۋە شەرھىيلەيدىغان تارماق ئىلىمدۇر. مەدەنىيەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقىنى تەتقىق قىلىش ۋە شەرھىيلەش ئۈچۈن مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىرى ئىككى خىل پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بىرى ئېتنوگىرافىيە- (民族志) يەنى تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى، يەنە بىرى مىللەتشۇناسلىق-(民族学) (ھالقىما مەدەنىيەت سىلىشتۇرمىسى) دىن ئىبارەت. ئېتنوگىرافلار كىچىك تىپتىكى رايونلاردا تۇرۇپ، شۇ يەرنىڭ قىلىق، ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت، ياشاش ئۇسۇلى، ئېقتىساد، سىياسىي ۋە دىننىي تۇرمۇشلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ ۋە بىرىنجى قول ماتىرىياللارنى يېغىدۇ. مىللەتشۇناسلىقدا ئېتنوگىرافلار ئوخشىمىغان ھەر قايسىرايونلاردىن يىغىپ كەلگەن ماتىرىياللارنى تەكشۈرۈش، شەرھىيلەش، تەھلىل قىلىش ۋە سىلىشتۇرۇش ئارقىلىق نەتىجىنى خۇلاسىلەيدۇ. مەدەنىيەتلەرنىڭ ئوخشاشلىق ۋە پەرقىنى ئايرىيدۇ.

ئارخىئولوگىيە ئىنسانشۇناسلىقى

ئارخىئولوگىيە ئىنسانشۇناسلىقى قىسقارتىلىپ ئارخىئولوگىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ساقلىنىپ قالغان ماددى بويۇملارنى قايتا رەتلەش، تەسۋىرلەش ۋە شەرھىيلەش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ قىلىق ۋە مەدەنىيەت فورمىسىنى چۈشەندۇرىدۇ. ئارخىئولوگلار ئىنسانلارياسىغان، ئىشلەتكەن بويۇملارنى مەسلەن: ھەر خىل قورال-سايمان، ئۇرۇش قوراللىرى، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى، ئەخلەت قاتارلىقلارنى <<سۆزلىتىدۇ>> بۇ ئارقىلىق يىل دەۋىرىنى بىكىتىش، مەدەنىيەت ئۆزگىرىشى، ئىقتىسادى ئۆزگىرش قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلىدۇ.

گەرچە ئارخىئولوگلار تارىختىن ئاۋۋالقى،يېزىق ئىجاد قىلنىشتىن بۇرۇنقى دەۋىرلەرنى تەتقىق قىلىش بىلەن داڭلىق بولسىمۇ،ئۇلار يەنە تارىختىكى ۋە ھازىرقى بار بولغان مىللەتلەر، مەدەنىيەتلەرنىمۇ تەتقىق قىلىدۇ.

بىئو-ئىنسانشۇناسلىق ياكى بەدەن ئىنسانشۇناسلىقى

بەدەن ئىنسانشۇناسلىقى ئىنسانلار كۆپ خىللىقىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ تۆۋەندىكى بەش ئالاھىدە نۇقتىغا قىزىقىدۇ:

(1) تاشقاتمىلار ئارقىلىق خاتىرلەنگەن ئىنسانلارنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتى؛

(2) ئىنسانلارنىڭ ئىرسىيەت ئىلىمى؛

(3) ئىنسانلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى ۋە تەرەققىياتى؛

(4) ئىنسانلارنىڭ بىيولوگىيلىك ئەۋرىشىملىكى (بەدەننىڭ ھەر قايسىبىسىملارغا يەنى ئىسسىق، سوغۇق، ئىگىزلىك ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارغا ماسلىشىىشى)؛

(5) مايمۇن، ئادەمسىمان مايمۇن ۋە باشقا پىرماتلارنىڭ بىيولوگىيەلىك خۇسۇسىيىتى، تەدرىجى تەرەققىياتى، قىلمىش-ئەتمىشلىرى ۋە تۇرمۇشىنى تەتقىق قىلىدۇ؛

بۇ بەش نۇقتا بەدەن ئىنسانشۇناسلىقى بىلەن باشقا پەنلەرنى-بىيولوگىيە، ھايۋانات ئىلىمى، گىئولوگىيە، ئاناتومىيە تۇتاشتۇرىدۇ. بىيو-ئىنسانشۇناسلىق يەنە مۇھىتنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ۋە تەرەققىيات جەرىيانىغا بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىدۇ.

تىل ئىنسانشۇناسلىقى

تىل ئىنسانشۇناسلىقى جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەت مۇھىتى ئاستىدا زامان، ماكاندىن ھالقىغان ھالدا تىلنى تەتقىق قىلىدۇ. تارىخى تىلشۇناسلىق (历史语言学) تارىخنىڭ ئۆزگىرشىگە دىھقەت قىلىدۇ. مەسلەن: ئوتتۇرا ئەسىر ئىنگىلىز تىلى (1050-1550) ۋە ھازىرقى ئىنگىلىز تىلىنىڭ سىلىشتۇرمىسى، تەلەپپۇز، گىرامماتىكا، سۆزلۈك جەھەتلەردىكى ئۆزگىرشىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق بولسا (社会语言学)، جەمئىيەت ۋە تىلئۆزگىرىشلىرى ئارسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدۇ. تىل ئۆزگىرىشى، تىلغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار، قوش تىللىشىش قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلىدۇ.

ئىنسانشۇناسلىق 19-ئەسىردە شەككىللەنگەن ياش پەن. ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن: ھىنىرى مورگان، ئىدۋارىد تەيلور، فىرانز بوس، مالىنوۋىسكى، روس بىندىكىت، مارگىرىت مىد قاتارلىقلار بار. دەسلەپتە ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى سانائەتلەشمىگەن، تەرەققىي قىلمىغان ئىنسانلار توپىنى تەتقىق قىلغان بولسا، يەر شارىلىشىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئېقتىساد، ئالاقە، قاتناش تەرەققىياتى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان دۇنياۋىي مەسىلىلەرنىمۇ تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. شەھەرلىشىش، سانائەتلىشىش، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى قاتارلىقلارمۇ ئىنسانشۇناسلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ئايلانغان.

ھەم پەنلىك ھەم ئادىمىيەتلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان ئىنسانشۇناسلىق تەبئىي ھالدا كۆپلىگەن پەنلەر بىلەن ئالاقىدار. تەبئىي پەنلەر (گىئولوگىيە، ھايۋانات ئىلمى) ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر(جەمئىيەتشۇناسلىق، پىسخولوگىيە) دىن باشقا، ئىنسانشۇناسلىق يەنە ئادىمىيەت ئىلىملىرى بىلەنمۇ زىچ باغلىنىشلىق. مەسلەن: تىل، سىلشتۇرما ئەدەبىيات، پەلسەپە ۋە سەنئەت قاتارلىقلار.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#