بۆرە بورسۇق
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۆرە بورسۇق ئاغمىخان ئائىلىسىدىكى ئەڭ چوڭ ھايۋان بولۇپ، چوڭلۇقى ئادەتتە تۈلكىچىلىك كېلىدۇ، تېنى چوڭ، بېشى يوغان، قۇلىقى كىچىك، پۇتلىرى ئاغمىخان ئائىلىسىدىكى باشقا ھايۋانلارنىڭ پۇتلىرىدىن يوغان ھەم توم كېلىدۇ، پۇتىدا بەش بارمىقى بولۇپ، بەش بارمىقىدا ناھايىتى ئۆتكۈر تىرناقلىرى بولىدۇ.
قۇيرۇقى نىسبەتەن قىسقا، لېكىن قۇيرۇق تۈكلىرى ئۇزۇن بولىدۇ، يېتىلگەنلىرىنىڭ تېنىنىڭ ئېغىرلىقى 13–15 كىلوگرام، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 70–90 سانتىمېتىر، مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى 30–40 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى15–20 سانتىمېتىر بولۇپ، قۇلىقى ياپىلاق، قىسقا بولىدۇ، چىشلىرى ناھايىتى ئۆتكۈر، تاپىنى ئاغمىخان ئائىلىسىدىكى باشقا ھايۋانلارغا قارىغاندا قېلىن بولىدۇ، تەن تۈكلىرى قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، تىۋىتلىرى كۈل رەڭگە مايىل بولىدۇ.
دۈمبىسىنىڭ رەڭگى قېنىقراق، كۆكرەك قىسمىدا ئاق داغلار بولىدۇ، ئادەتتە چىشىلىرى ئەركىكىدىن كىچىكرەك بولىدۇ، دۈمبىسىدە بېشىدىن تارتىپ قۇيرۇقىغىچە ئۇزۇن سوزۇلغان كۈل رەڭ يول سىزىقچىسى بولىدۇ، تەن تۈكلىرى ئۇزۇن بولىدۇ، بولۇپمۇ كەينى ئىككى پۇتىنىڭ تۈكلىرى ۋە يان تۈكلىرى نىسبەتەن ئۇزۇن بولىدۇ، باش قىسمىنىڭ تۈكلىرى قىسقا بولىدۇ.
بۆرە بورسۇق سوغۇق بەلۋاغ ۋە سوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمانلىقلىرىدا ياشايدىغان ھايۋاندۇر. ئۇنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى پەقەت ئورمانلىقلار بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بەلكى تاغلاردىمۇ ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇ ئادەتتە تاغدىكى تاش كامارلىرى، تاش دۆۋىلىرى ئىچىدىكى بوشلۇق، دەرەخ غولىدىكى ۋە دەرەخ يىلتىزىدىكى كامارلاردا پاناھلىنىدۇ.
ئالاھىدە ئەھۋالدا تۈلكە، بورسۇق، سۇغۇرلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى تارتىۋالىدۇ. ئۇنىڭ ئوزۇقلىنىشى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، سۈت ئەمگۈچىلەر، قۇشلار، قوش ماكانلىقلار، بېلىقلار، ياۋا ئۆسۈملۈك مېۋىلىرى، ھەتتا بىر قىسىم ھاشاراتلار ۋە تاپلار بىلەنمۇ ئوزۇقلىنىدۇ. ئۇنىڭ پۇراش سەزگۈسى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بەزىدە ئوۋچىلار تىقىپ قويغان ئوزۇقلۇقلارنى تېپىۋېلىپ يەپ قېچىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بېرىدۇ. ئۇ ئوۋچىلار قۇرغان قاپقانغا ئاسانلىقچە چۈشمەيدۇ، لېكىن قاپقانغا قىستۇرۇلغان يەمچۈكنى ناھايىتى ئاسانلا ئوغرىلاپ يەپ كېتىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئوۋچىلار ئۇنى ياۋايى ھايۋانلار ئىچىدىكى ‹‹ئوغرى›› دەپمۇ ئاتايدۇ. ئۇ ئاساسەن يالغۇز ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇ بىرقانچە سائەت ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن بىخەتەر بىر جاينى تېپىپ ئارام ئالىدۇ، ئاندىن يەنە ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇ ئاساسەن كېچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ، لېكىن بەزىدە كۈندۈزدىمۇ ھەرىكەت قىلىدۇ، بولۇپمۇ ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرى ھەرىكەت قىلىشنى ناھايىتى ياخشىكۆرىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئوزۇقلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. بەزى چاغلاردا ئۈچەككە كىرىدۇ.
بۆرە بورسۇق دەرەخقە يامىشالايدۇ، سۇمۇ ئۈزەلەيدۇ. مانا بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، ئۇنىڭ ھەرىكەت قىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭرى بولىدۇ. بۆرە بورسۇقمۇ ئاغمىخان ئائىلىسىدىكى باشقا ھايۋانلارغا ئوخشاش ئانوس تۆشۈكىدىن سېسىق پۇراق تارقىتىدىغان بولۇپ، كۈشەندىلىرىگە يولۇققاندا بىر خىل سېسىق پۇراق چىقىرىش ئارقىلىق كۈشەندىلىرىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلەيدۇ.
بۆرە بورسۇقئۇ ئادەتتە 10–، 11–ئايلاردا كۈيلەپ چېتىشىدۇ. بوغاز مەزگىلى تۆت ئاي ئەتراپىدا بولۇپ، ئىككىنچى يىلى 2-4–ئايلاردا تۇغىدۇ. ئۇ يىلدا بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 2–5 كېچە، كۆپىنچە 2–3 نى تۇغىدۇ. بالىلىرىنى چىشىسى باقىدۇ، بالا بېقىش ۋاقتى ئادەتتە ئۇچ ئاي ئەتراپىدا بولۇپ، تۆت ئايلىق بولغاندا بالىلىرى ئاساسەن يېتىلگەنلىرى بىلەن تەڭ بولۇپ قالىدۇ. ئۈچ ياشلىق بولغاندا جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ. بۆرە بورسۇق ئادەتتە 15 يىل ئەتراپىدا ئۆمۈركۆرىدۇ.
بۆرە بورسۇق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىنىڭ ئالتاي تاغلىرىغا تارقالغان. دۆلىتىمىز ئىچىدە خېيلۇڭجياڭ ۋە ئىچكى موڭغۇل تاغلىرىغا تارقالغان. چەت ئەللەردە ياۋروپا–ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ شىمالىغا ۋە شىمالىي ئامېرىكىغا تارقالغان بولۇپ، خاسلا بىر تۈردىن ئىبارەت، كەنجى تۈر دەپ ئايرىلمايدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.