شات قىرغىز يېزىسى

شات قىرغىز يېزىسى
شات قىرغىز يېزىسى شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستىدىكى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 82 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى شات قىرغىز يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 1241 كۋادرات كىلومېتىر
تېلېفون رايون نومۇرى 0999
خەنزۇچە ئاتىلىشى 夏特柯尔克孜族乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى
نوپۇسى 12100 ئادەم
مەمۇرىي رايون نومۇرى 654026207

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شات قىرغىز يېزىسى شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستىدىكى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 82 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. كۆلىمى 1241 كۋادرات كىلومېتىر، قارمىقىدا 13 مەمۇرىي كەنت بار، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق جايى شات كەنتى. 1984-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى يېزا قۇرغاندا چىڭمۇزات يېڭىئېرىق قىرغىز مىللىي يېزىسى دەپ ئاتالغان، كېيىن نامى شات قىرغىز يېزىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. يېزا بويىچە بەش مىللىي باشلانغۇچ مەكتەپ بار بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشاش بولمىغان بەش تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ. قىرغىز بىلەن قازاق، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئۆزئارا تىلىنى چۈشىنىدۇ.

شات قىرغىز يېزىسى1984-يىلىدا، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 7352 ئادەم، قىرغىز، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە قىرغىزلار نوپۇسى 1397 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %19 نى ئىگەللىگەن، 1996-يىلى پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 7876 ئادەمگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە قىرغىزلار 1732 ئادەم، 2004-يىلى، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 12100 ئادەم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قىرغىزلارنىڭ سانى 1538 ئادەم بولغان.

شات قىرغىز يېزىسى قارمىقىدا: شىننىسۈن كەنتى، داپغۇر كەنتى، قاتارتۆپە كەنتى، بەشقارغاي كەنتى، تۆۋەن شىننىسۈن كەنتى، مارالتى كەنتى، قوش تۆبە كەنتى، تالدىتاس ئانا كەنتى قاتارلىق سەككىز كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.

شات قىرغىز يېزىسىنىڭ ئىقتىسادى چارۋىچىلىقنى ئاساس، دېھقانچىلىقنى قوشۇمچە قىلغان. ئەمەلىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 67 مىڭ 400 گېكتار. ئاساسلىق بېقىلىدىغان چارۋا-ماللاردىن ئات، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىقلار بار. 1996-يىلى، يېزا بويىچە سانائەت مەھسۇلات قىممىتى 550 مىڭ يۈەن بولغان، يىغىۋىلىنغان ئومۇمىي ئاشلىق مىقدارى 3066 توننا، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 1114 يۈەن بولغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#