دومبىرا

دومبىرا

دومبىرا — قازاق خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە چالغۇ ئەسۋابى.

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى دومبىرا
خەنزۇچە ئاتىلىشى 冬不拉

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دومبىرادومبىرا — قازاق خەلقىنىڭ چالغۇ ئەسۋابلىرى ئىچىدە تارلىق چەكمە چالغۇلار ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇلاردىن دومبىرا ۋە جېتىگىن خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە.

دومبىرادومبىرا قازاقلار ئارىسىدا ئەڭ كەڭ تارقالغان ئىككى تارىلىق ياكى ئۈچ تارىلىق چەكمە چالغۇ بولۇپ ،ئادەتتە قېيىن، شەمشاد، ئۆرۈك ياغاچلىرىدىن نەقىشلىك، كۆركەم قىلىپ ياسىلىدۇ. ئۇ ھەم چالغۇ، ھەم نەپىس قول ھۈنەر–سەنئەت بۇيۇمى ھېساپلىنىدۇ. دومبىرانىڭ ئاۋاز ساندۇقى (رېزونا تورى )ئادەتتە سوقىچاق بولىدۇ. بەزىلىرى نۇرغۇن ياغاچ پارچىلىرىنى بىر–بىرىگە چېتىش ئارقىلىق، بەزىلىرى پۈتۈن ياغاچنى ئويۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. دومبىرا بېشىنىڭ قورسىىقىغا تارلارنى كۆتۇرۇپ تۇرىدىغان خەرەك ئورنىتىلىدۇ. دومبىرانىڭ دەستىسى ئىنچىكە چەم ئۇزۇن بولىدۇ. دەستىسىگە تار بىلەن پەدە باغلىنىدۇ. قەدىمكى زاماندا دومبىرانىڭ بەش ياكى يەتتە پەدىسى بولاتتى، كېيىن توققۇزغا يەتكۈزۈلگەن. ھازىر 19 پەدە باغلىنىدىغان بولغان.

دومبىرادومبىرا قازاقلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان، ئۇنى خەلق ناخشىلىرىغا تەڭكەش قىلغىلى، يالغۇز مۇزىكىلارنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ زامانىۋى ئوركېستىرلاردا ئىشلىتىلىدىغان دومبىرا تۇرلىرى تېخىمۇ كۆپ. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت تارىلىق، 12 پەدىلىك ئەڭ يوقىرى ئاۋازلىق دومبىرا، تۆت تارىلىق، 15پەدىلىك يۇقىرى ئاۋازلىق دومبىرا، ئىككى تارىلىق، 17 پەدىلىك تۆۋەنرەك ئوتتۇرا ئاۋازلىق  دومبىرا، ئىككى تارىلىق، 10پەدىلىك ئەڭ تۆۋەن ئاۋازلىق دومبىرالار بار. 19 پەدىلىك دومبىرا بىلەن ھەرقانداق مۇزىكىنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ.

دومبىراخەلق ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن دومبىرا مۇزىكىسى 200 دىن ئارتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە ئات تېما قىلىنغان مۇزىكا ئەڭ كۆپ. ئۇنىڭدىن قالسا، ئوۋچىلىق، گۈزەل تاغ-دەريالار، ياش ئوغۇل-قىزلارنىڭ مۇھەببەتلىك تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن. ئازادلىقتىن كېيىن بارلىققا كەلگەن مۇنەۋۋەر چالغۇ ئاھاڭى « دولقۇن »، «ۋەتەننى قىزغىن سۆيمەك»، «يەنئەنگە مەدھىيە» ۋە «ئىلى دەرياسى دولقۇنى» قاتارلىقلار، كونسېرتتىن «گۈزەل يار بارلۇق تېغى»، يېقىنقى زاماندىكى ئەسەرلەردىن «مېنىڭ دومبىرام»، «ئاق رەڭلىك كىچىك ئارال»، « ئانا يۇرت»، «قىزنىڭ مۇلايىملىقى» قاتارلىقلار بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uyghur.news.cn/2012-04/27/c_131556520.htm

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/83829.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#