يېرىم ئۆتكۈزگۈچ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئۆتكۈزگۈچ بىلەن ئىزولياتور ئارىلىقىدا بولغان ماددىلار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ دىيىلىدۇ. مەسىلەن: گېرمانىي، كرېمنىي، سېلېن ۋە نۇرغۇنلىغان ئوكسىد، سۇلفىد قاتارلىقلار. بۇ خىل ماددىلار بىر يۆنىلىشلىك توك ئۆتكۈزۈش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ دېتېكتور، توغرىلىغۇچ، تېرموقارشىلىق، فوتو قارشىلىق ۋە كرىستال لامپا قاتارلىقلارنى ياساشقا بولىدۇ.
يېرىم ئۆتكۈزگۈچنىڭ توك ئۆتكۈزۈش خۇسۇسىيتى ئۆتكۈزگۈچتىن ناچار، ئۆتكۈزمىگۈچتىن ياخشى بولىدۇ. يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مەلۇم شارائىتتا(مەسىلەن: ئارىلاشما كىرگۈزۈش، تىمپىراتۇرا قاتارلىقلار) نىڭ تەسىرىدە ئۆتكۈزگۈچكە ئايلىنالايدۇ. يەنە يۇقىرىدىكى شارائىتلارنىڭ تەسىرىدە ئۆتكۈزمىگۈچكىمۇ ئايلىنالايدۇ. يېرىم ئۆتكۈزگۈچنىڭ ئاتۇم تۈزۈلىشى كىرىستال تۈزىلىشى بويىچە رەتلەنگەن، شۇڭا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كۆپۈنچە «كىرىستال» دېيىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.