بەيياڭخې يېزىسى

بەيياڭخې يېزىسى
بەيياڭخې يېزىسى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مورى ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىنىڭ 5.8 كىلومېتىر شەرقىدىكى جايغا، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى بەيياڭخې يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 770 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 白杨河乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ
تەۋە رايون سانجى ئوبلاستى مورى ناھىيەسى
نوپۇسى 2827 ئادەم
تېلېفون رايون نومۇرى 0994

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئورنى

بەيياڭخې يېزىسىبەيياڭخې يېزىسى شىنجاڭ سانجى ئوبلاستى مورى ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىنىڭ 5.8 كىلومېتىر شەرقىدىكى جايغا، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. غەربتە جاۋبىشەن يېزىسى بىلەن قوشنا، شەرقىدە ئاچىقسۇنى پاسىل قىلىپ بوستان يېزىسى بىلەن تۇتاشقان، جەنۇبتا خامارلىياڭغىچە، شىمالدا ئاۋشىنىڭ قاراقۇمىغىچە تۇتاشقان. جەنۇبتىن شىمالغا بولغان ئۇزۇنلىقى 34 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە بولغان كەڭلىكى 24 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 770 كۋادرات كىلومېتىر.

كىلىماتى

بەيياڭخې يېزىسىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس، تاغلىق رايۇن، ئېدىرلىق، تۈزلەڭلىك، قۇملۇقتىن تەركىپ تاپقان. تاغلىق رايوندا تاغ جىنىسلىرى ئېچىلىپ قالغان، دەل-دەرەخ، ئوت-چۆپلەر بۈككىدە ئۆسكەن، ئېدىرلىقتىكى تۇپراق قاتلىمى تەكشى ئەمەس، ئويمان بىر قەدەر قېلىن، چوقۇرلاردىكى تاغ جىنىسلىرى ئېچىلىپ قالغان، تۇپراق قاتلىمىنىڭ ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى 15 سانتىمېتىر كېلىدۇ، تۈزلەڭلىكى تۇپراق قاتلىمى ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ. قازاقىستان تاشيولىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1700 مېتىر، تاشيولىنىڭ شىمالىدىكى جايلارنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1500 مېتىر. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 250 مىللىمېتىر ئەتراپىدا، ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃4، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃33، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇراسى ℃28-، ئوتتۇرىچە شامال كۈچى 6 بال، شامال يۆنىلىشى غەربىي شىمال، يىللىق قىروسىز مەزگىلى 110 ~ 130 كۈن ئەتراپىدا، ئۈنۈملۈك يىغىندى تېمپېراتۇراسى ℃2300 ~ 2500، يىللىق قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 3000 سائەت.

1979-يىلى، بەيياڭخې يېزىلىق خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلغان. 1984-يىلى 12-ئايدا، كېيىن بەيياڭخې يېزىسىغا ئۆزگەرتىلگەن.

بەيياڭخې يېزىسىبەيياڭخې يېزىسى تەۋەسىدە دۇڭسۈن كەنتى، شىسۈن كەنتى، ياڭتۇچۈەنزى كەنتى، شياچۈەن كەنتى، يىۋەنچۈەن كەنتى، تىرسارك كەنتى، شىچۈەن كەنتى قاتارلىق يەتتە مەمۇرىي كەنت بار.

بەيياڭخې يېزىسىدا جەمئىي 631 ئائىلىلىك بار بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 2827 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 1312 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %46 نى، ئاز سانلىق مىللەتلەر 1515 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %54 نى ئىگەللىگەن. 

پۈتۈن يېزىدىكى ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 18420 مو، بۇنىڭ ئىچىدە، سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ تېرىلغان كۆممىقوناق كۆلىمى 6800 مو، پىلاندىكىدىن 800 مو ئاشۇرۇپ، ۋەزىپىنىڭ %113 نى ئورۇندىغان، كۆك پۇرچاق 4600 مو، ئارپا 1300 مو، كۈزگى بۇغداي 5000 مو، قىچا 500 مو، باشقا زىرائەتلەر 220 مو، بېدە 4500 مو بولغان.

ئورمانچىلىق خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پائال يولغا قويۇپ، بۇ يىل تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش كۆلىمى 2600 مو بولغان، ئۈچ شىمال 4-قارارلىق 307 مو، كۆچەت يېتىشتۈرۈش كۆلىمى 63 مو بولغان. تېرىلغۇ يەرنى ئورمانغا قايتۇرۇش خىزمىتىدە، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى تەڭ ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 1000 مو پىندىق ياڭاق ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ۋە 1000 مو توپا ئۆرۈك ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرغان، كۆچەتلەرنىڭ تۇتۇش نىسبىتى %85 تىن ئاشقان. بۇ يىللىق ئومۇمىي ئەھۋالىغا ئاساسەن كېلەر يىل 6000 مو تېرىلغۇ يەرنى ئورمانغا قايتۇرۇش، پىندىق ياڭىقى تېرىشنى پىلانلىغان.

بەيياڭخې يېزىسى

ئۆزگىچە كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىككى يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، 120 پارنىك قۇرۇپ ئەنجۈدان موگۇسى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا، 2003-يىلىلا 250 توننا موگۇ ئىشلەپچىقىرىپ، 900 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان. ئەنجۈدان موگۇسى ئىشلەپچىقىرىش كەسپى، بەيياڭخې يېزىسىدىكى خەلقنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىتىشتىكى چوڭ بىر كەسىپ قۇرۇلۇشىغا ئايلانغان.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#