زامانىۋى تۇنجى فىزىكا تەجرىبىخانىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەنگلىيىدىكى كاۋېندىش تەجرىبىخانىسى ئەڭ دەسلەپكى زامانىۋى فىزىكا تەجرىبىخانىسى ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ تەجرىبىخانىنىڭ ئەنگلىيىنىڭ مەشھۇر ئالىمى، تارتىش كۈچىنىڭ تۇراقلىق سانىنى بېكىتكۈچى، سۇنىڭ تەركىبىنى ئېنىقلىغۇچى ھەم ھىدروگېننى تاپقۇچى ھېنرى كاۋېندىش سالدۇرغان دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. كاۋېندىش تەجرىبىخانىسى سېلىنغاندا، ھېنرى كاۋېندىشنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك بولغانىدى. كاۋېندىش تەجرىبىخانىسى ئەنگلىيە گېرتسوگى دېفېنشار كاۋېندىشنىڭ ياردىمى بىلەن سېلىنغان. بىر فامىلىلىك بۇ گېرتسوگ ھېنرى كاۋېندىشنىڭ تۇغقىنى ئىدى.

كاۋېندىش تەجرىبىخانىسى 1872-يىلى سېلىنىشقا باشلىنىپ، ئىككى يىلدا پۈتكەن، ئۇ كېمبىرىج ھۈرىيەت مەكتىپىنىڭ كوچىسىغا سېلىنغان. بۇ فىزىكا تەجرىبىخانىسى مەشھۇر نەزەرىيە فىزىكىسى ئالىمى—ماكسۋېلنىڭ يېتەكچىلىكىدە سېلىنغان، ماكسۋېل بۇ تەجرىبىخانىنىڭ تۇنجى مۇدىرى بولغان. ئۇ تەجرىبىخانىنىڭ سايمانلىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئۆز يېنىدىن نۇرغۇن پۇل چىقارغان. 

كاۋېندىش تەجرىبىخانىسى نەتىجە يارىتىش بىلەنلا قالماي، ئىختىساسلىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرگەن. نەتىجە ياراتقان نۇرغۇن فىزىكا ئالىملىرى مۇشۇ يەردە ھازىرقى زامان فىزىكىسىنى ئۆگەنگەن. كاۋېندىش تەجرىبىخانىسىغا يېتەكچىلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى زامان فىزىكىسى بويىچە شانلىق تۆھپە ياراتقان ۋە نام-ئاتاققا ئېرىشكەن ئۇستازلار ئىدى. كاۋېندىش تەجرىبىخانىسىغا ماكسۋېلدىن كېيىن ھازىرقى زامان ئاكۇستىكا ۋە ئوپتىكا ئىلىملىرىنىڭ ئاساسچىسى رەلېي ئېلېكتروننىڭ كەشپىياتچىسى ج. ج. تومسون(ئۇ 28 يېشىدا مۇدىر بولغان) ، ھازىرقى زامان ئاتوم يادروسى فىزىكىسىنىڭ ئاتىسى رېزېرفورد، ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتىنى تەشكىللەش ماھىرى ۋ. ل. براگ. ھازىرقى زامان قاتتىق جىسىم فىزىكىسىنىڭ پېشۋاسى موتلار مۇدىر بولغان. بۇلاردىن ماكسۋېلنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەممىسى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#