رازۋېدكا كىنىشكىسى ۋە ئاپتوموبىل ئالاھىدە قاتناش بەلگىسىنى ئىشلىتىش چارىسى

رازۋېدكا كىنىشكىسى ۋە ئاپتوموبىل ئالاھىدە قاتناش بەلگىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خىزمەتچىلىرىنىڭ رازۋېدكا كىنىشكىسى ۋە ئاپتوموبىل ئالاھىدە قاتناش بەلگىسىنى ئىشلىتىش چارىسى 1998-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 84-نومۇرلۇق پەرمانى ئارقىلىق ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خىزمەتچىلىرىنىڭ رازۋېدكا كىنىشكىسى ۋە ئاپتوموبىل ئالاھىدە قاتناش بەلگىسىنى ئىشلىتىش چارىسى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1998-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区国家安全机关工作人员侦察证和车辆特别交通标志使用办法
ھۆججەت ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 84-نومۇرلۇق پەرمانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-ماددا بۇ چارە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خىزمەتچىلىرىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى »(تۆۋەندە قىسقارتىپ «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى»دېيىلىدۇ)، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»دېيىلىدۇ) ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن،ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا بۇ چارە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز مەمۇرىي تەۋەسىدە،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ رازۋېدكا كىنىشكىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «رازۋېدكا كىنىشكىسى »دېيىلىدۇ) ۋە ئاپتوموبىل «ئالاھىدە قاتناش بەلگىسى»ئىشلىتىشىگە تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خىزمەتچىلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىشتا،دۆلەت تارقاتقان «رازۋېدكا كىنىشكىسى » ئارقىلىق تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدۇ:

(1) جۇڭگو پۇقرالىرى ياكى چېگرا سىرتىدىن كەلگەن خادىملارنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرىدۇ، تەكشۈرۈلگۈچىلەرنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بېرىپ كىنىشكا تەكشۈرتۈشنى تەلەپ قىلىدۇ؛

(2) سالاھىيتى ئېنىق بولمىغان، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشى بار گۇماندارلارنىڭ ئېلىپ يۈرگەن نەرسىلىرىنى تەكشۈرىدۇ؛

(3) ئالاقىدار تەشكىلات ۋە خادىملاردىن ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈرىدۇ؛

(4) نوپۇسقا دائىر ماتېرىياللار، قونغان مېھمانلارنى تىزىملاش دەپتىرى، كادىرلار ئارخىپى قاتارلىق ئالاقىدار ماتېرىياللار ۋە بۇيۇملارنى بىۋاستە تەكشۈرسە ياكى كۆرسە بولىدۇ. دۆلەتنىڭ مەخپىيەت دەرىجىسىنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىسى بويىچە ئالاھىدە تەستىقلىنىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛

(5) ئىدارە، ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە مېھمانخانا، مېھمانساراي، بېكەت، ئايرودرومنىڭ كۈتۈش زالى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى قاتارلىق بېلەت ئېلىپ كىرىدىغان سورۇنلارغا كىرىدۇ؛

(6) قانۇن بويىچە ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا،دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، ئايرودرومنىڭ ئايرىۋېتىلگەن ئورنى، ئايروپىلان توختاش ئورنى، باجدىن خالىي رايون، چېگرا مۇداپىئە پورتى ۋە چەكلەنگەن ھەربىي دائىرە، قاتاش چەكلەنگەن رايون ۋە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەن رايون قاتارلىق كىرىشكە چەك قويۇلىدىغان جاي ۋ سورۇنلارغا كىرسە بولىدۇ؛

(7) قانۇن بويىچە جىددىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا، ئايروپىلان بېلىتى، پويىز بېلىتى، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېلىتىنى ئالدىن سېتىۋالسا ۋە ئۇنىڭ نۆۋىتىنى ئالدىن تاللىسا بولىدۇ، ئالاھىدە ئەھۋالدا، ئاۋۋال چىقىپ ئاندىن بېلەت ئالسا، ئورۇن تاللىۋالسا بولىدۇ؛

(8) دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئىدارە-ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋ شەخسىلەرنىڭ قاتناش قورالى، خەۋەرلىشىش قورالى، مەيدانى ۋە ئىمارىتى قاتارلىقلارنى ئالدىن ئىشلەتسە بولىدۇ، ئىشلىتىپ بولۇپ ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىشى ھەمدە مۇۋاپىق ھەق بېرىشى، زىيانغا ئۇچراتسا، قانۇن بويىچە زىياننى تۆلەپ بېرىش لازىم.

4-ماددا ئاپتوموبىل «ئالاھىدە قاتناش» بەلگىسى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە دائىر جىددىي ۋەزىپىنى بىۋاستە ئىجرا قىلىدىغان قوماندانلىق ئاپتوموبىلى، رازۋېدكا ۋە قوغداش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلدىغان ئاپتوموبىل ۋە مەھبۇسلار ئاپتوموبىلغىلا ئىشلىتىلىدۇ.«ئالاھىدە قاتناش» بەلگىسىنى ئىشلەتكەندە، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تارقاتقان «ئالاھىدە قاتناش» بەلگىسىنى ئىشلىتىش كىنىشكىسنىمۇ بىللە ئېلىپ يۈرۈش كېرەك.

دۆلەت خەۋپسزلىكى ئورگىنىنىڭ «ئالاھىدە قاتناش»بەلگىسىنى ئورنىتىپ جىددىي ۋەزىپە ئىجرا قىلدىغان ئاپتوموبىللىرى سۈرئەت، لىنيە، يۆنىلىش ۋەقاتناش سىگنالىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ: قاتناش چەكلەنگەن ياكى ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەن جايدا يۈرسە، بەلگىلەنمىگەن جايدا توختىسا بولىدۇ: قاتناش توسۇلۇپ قالغان جايدىن ئالدىن ماڭسا بولىدۇ: چازا-توساقلاردا تەكشۈرۈلمەيدۇ.

5-ماددا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى «رازۋېدكا كىنىشكىسى»ۋە ئاپتوموبىل «ئالاھىدە قاتناش »بەلگىسىنى ئىشلىتشتە قاتتىق تۈزۈم ئورنىتىشى، ئۇنىڭ يىتىپ كېتىشى، ئوغرىلىنىشى، ۋە قانۇنسىز پايدىلنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خىزمەتچىلىرى «رازۋېدكا كىنىشكىسى» ۋە «ئاپتوموبىل ئالاھىدە قاتناش» بەلگىلىمىسىنى قەتئىي تۈردە مۇشۇ چارە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىشلىتىش لازىم، خىزمەت ھوقۇقىدىن ھالقىپ كىتىشكە ۋە كەلسە-كەلمەس پايدىلنىشقا، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

6-ماددا پۇقرالار،قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خىزمەتچىلىرىنىڭ «رازۋېدكا كىنىشكىسى» ۋە ئاپتوموبىل «ئالاھىدە قاتناش» بەلگىسىنى ئىشلىتىپ دۆلەت خەۋپسزلىكى ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى ياكى ياردەملىشىشى ھەمدە دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى مەخپىيىتىنى ساقلىشى لازىم. دۆلەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا ياردەملىشىپ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بۇلغانلار تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ: دۆلەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە قەستەن توسقۇنلۇق قىلغانلار ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى مەخپىيىتىنى ئاشكارىلىغانلار« دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» ۋە «يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالىنىدۇ.

7-ماددا ھەرقانداق پۇقرا،قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ «رازۋېدكا كىنىشكىسى» ۋە ئاپتوموبىل «ئالاھىدە قاتناش»بەلگىسىنى تۇتۇپ قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ: «رازۋېدكا كىنىشكىسى» ياكى ئاپتوموبىل «ئالاھىدە قاتناش» بەلگىسىنى تۇتۇپ قېلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە دۆلەت خەۋپسزلىكى ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىشىغا قەستەن توسقۇنلۇق پەيدا قىلغانلار «دۆلەت خەۋپسزلىكى قانۇنى»نىڭ 27-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جازالىنىدۇ.

8-ماددا دۆلەت خەۋپسزلىكى ئورگىنى خىزمەتچىلىرىدىن «رازۋېدكا كىنىشكىسى» ۋە ئاپتوموبىل «ئالاھىدەقاتناش» بەلگىسىنى مۇشۇ چارىگە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ھالدا ئىشلتىپ،تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئۆز ئورگىنى ياكى ئالاقىدار تارماق مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ مال-مۈلۈككە زىيان سالغانلاردىن قانۇن بويىچە زىيان تۆلىۋېتىلىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىق قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:

(1) «رازۋېدكا كىنىشكىسى» ياكى «ئالاھىدە قاتناش»بەلگىسىنى باشقىلارنىڭ ئىشلتىشىگە بەرگەنلەر؛

(2) «رازۋېدكا كىنىشكىسى » ياكى «ئالاھىدە قاتناش »بەلگىسىدىن پايدىلىنىپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىگە دەخلى–تەرۇز يەتكۈزگەنلەر؛

(3) «رازۋېدكا كىنىشكىسى» ياكى «ئالاھىدە قاتناش» بەلگىسىدىن پايدىلىنىپ، شەخسىي نەپ ئالغانلار ۋە نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلار؛

(4) «رازۋېدكا كىنىشكىسى» ياكى «ئالاھىدە قاتناش» بەلگىسىدىن پايدىلىنىپ، قانۇنغا خىلاپ باشقا ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلار؛

9-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خىزمەتچىلىرىنىڭ «رازۋېدكا كىنىشكىسى» ۋە ئاپتوموبىل «ئالاھىدە قاتناش» بەلگىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدىكى قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشى ئۈستىدىن دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەمۇرىي تەپتىش ئوگىنىغا پاش قىلىش ۋە ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

10-ماددا بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتى تورى 

http://www.cnnsr.com.cn/csfg/html/19980908000000148530.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#