جۇڭگو ماياك مۇزېي
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇشەن شەھىرى دەيشەن ناھىيەسىدىكى جۇڭگو ماياك مۇزېي دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ماياك مۇزېي بولۇپ، ئامېرىكىدىكى داڭلىق پورتلاند ماياكىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان. مۇزېي ئىككى قەۋەتلىك بولۇپ، بىرىنچى قەۋىتى 600 كۋادرات مېتىركېلىدىغان «دۇنيا ماياك تارىخى مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو ماياك تەرەققىياتىنىڭ تارىخى كۆرگەزمىخانىسى». ئۇ 250 پارچە سۈرەتلىك ماتېرىيال ۋە 52 دانە ئەمەلىي بۇيۇمئارقىلىق كىشىلەرگە ماياكنىڭ تارىخىنى نامايان قىلىپ، ماياكنىڭ پاراخوتتىكى كىشىلەرگە بولغان ھەقىقىي سەمىمىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىككىنچى قەۋىتى ئارام ئېلىش رايونى بىلەن پاراخوتنىڭ كۆرۈنۈشىگە تەقلىد قىلىنغان تەجرىبىخانا بولۇپ، كومپيۇتېر تېخنىكىسى بىلەن كونترول قىلىنىپ، ئۈچ پىرورېكسىيە بىلەن سۈرەتكە تارتىشتىنشەكىللىنىدىغان بىر چوڭ ئېكران تاماشىبىنلارغا دېڭىزدا پاراخوت ھەيدىگەن ۋاقىتتىكى دولقۇننى ھېس قىلدۇرىدۇ.[0]
كىرسىن لامپا 1899-يىلى ئەنگلىيەلىكلەر پەيدا قىلغان. مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان، دەسلەپكى ناۋىگاتسىيە چىرىقىغا تەۋە. ئىلگىرى دۇنيا تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىكى ماياكلارنىڭ بىرى.
گېنراتور 1929-يىلى ئەنگلىيە ماركونى شىركىتى ئىشلەپچىقىرىپ ياسىغان. مۇكەممەل ساقلانغان.[1]
جۇڭگو ماياك مۇزېيىنى ئايلانغاندا، كىت مېيى چىرىغى، كىرسىن چىراغ، شام، گاز چىراغ،توك چىراغ، پاراخوت بەلگە چىرىغى كۆز نۇر چېچىپ، يولنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. دۇنيادىكى تۇنجى ماياك مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى تەخمىنەن 270-يىلى ياسالغانمىسىردىكى پىخاروس ماياكى بولۇپ ، ئالىكساندىر پورتىغا كىرىپ-چىقىدىغانپاراخوتلارغا يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ھەم مىسىر پادىشاھلىرىنىڭ شۆھرىتىنى نامايان قىلىدىغان غايەت زور بەلگە ئىدى، ئۇ «قەدىمكى زاماندىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى» دەپ قارالغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.