ئاكشاي كۇمار

ئاكشاي كۇمار

 ئاكشاي كۇمارنىڭ ئەسلى ئىسمى راجىۋ ھارى ئوم باتىيا، ئۇ 1967-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ھىندىستان پەنجاپ ئۆلكىسىدە ھەربىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىك ۋاقىتلىرىدىلا ئويۇن قويۇشتا بولۇپمۇ ئۇسسۇل ئويناشتا قابىلىيىتىنى نامايان قىلغان. بىر مەزگىل تايلاندتا تۇرغان، بومبايغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىرسىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن مودېل ساھەسىگە كىرگەن ۋە بۇ ساھەدە تېزلا تونۇلغان، بۇ داۋامدا ئۇ يەنە نۇرغۇن فىلىملەردە ئۇسسۇلچى بولغان. كېيىن ئارتىسلىق تالانتى بىلەن ھازىرقى داڭلىق چولپان بولۇپ چىققان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئاكشاي كۇمار
دۆلەت تەۋەلىكى ھىندىستان
تۇغۇلغان ۋاقتى 1967-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿克谢·库玛尔
يۇرتى ھىندىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بولللىۋود كىنو چولپىنى ئاكشاي كۇمارنىڭ ئەسلى ئىسمى راجىۋ ھارى ئوم باتىيا، ئۇ 1967-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ھىندىستان پەنجاپ ئۆلكىسىدە ھەربىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاكشاي كۇمار ناھايىتى كىچىك ۋاقىتلىرىدىلا ئويۇن قويۇشتا بولۇپمۇ ئۇسسۇل ئويناشتا قابىلىيىتىنى نامايان قىلغان. ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئوقۇشىنى تاشلاپ تايلاندقا بېرىپ مەخسۇس تەيچۈەن گۇمپىسى ئۆگەنگەن، بۇ داۋامدا كۈتكۈچى، ئاشپەز بولۇپ ئىشلىگەن. بومبايغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن گۇمپا ئۆگىتىش بىلەن جان باققان.

 كېيىن بىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن مودېل ساھەسىگە كىرگەن ۋە بۇ ساھەدە تېزلا تونۇلغان، بۇ داۋامدا ئۇ يەنە نۇرغۇن فىلىملەردە ئۇسسۇلچى بولغان.

 1992-يىلى بىر كۈنى ئۇ باڭگالورغا بېرىپ ئېلان ئىشلەيدىغان ئايروپىلانغا ئۈلگۈرەلمەي قالغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ داۋاملىق مودېل بولۇشىدىن گۇمانلىنىپ سۈرەتلىرىنى ئېلىپ بىر فىلىم ستودىيەسىگە بارغان، شۇ ئاخشىمىلا بىر فىلىم ئىشلىگۈچى ئۇنى فىلىمدە باش رول ئېلىشقا تاللىغان، بۇ فىلىمدە يەنە كەرىشما كاپور باش رول ئالغان.

ئاكشاي كۇمار2000-يىل ئاكشاي كۇمار سانىل شىتتىي بىلەن ئىشلىگەن فىلىم «قىلتاق» ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتىپ كېلىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغان، بۇ ھەم كۇمارنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان.

 بۇ يىلى ئۇ ئىشلىگەن فىلىم «Dhadkan» بەك كۆپ بېلەت كىرىمى يارىتالمىغان بولسىمۇ لېكىن كۇمارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى مەدھىيىلەرگە ئېرىشكەن. بۇ يىلى يەنە ئۇ ھەرىكەتلىك فىلىم «خىلادى 420» دە ھاياتىدىكى ئەڭ خەتەرلىك ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ سۈرەتكە ئالغان.

 2001-يىلى كۇمار فىلىم «ناتونۇش كىشى» بىلەن تۇنجى قېتىم فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2002-يىلى ئۇ فىلىم «Aankhen» دە قارىغۇ كىشىنىڭ رولىنى ئېلىپ ماختاشقا ئېرىشكەن. 2003-يىلى ئۇ پرىيانكا چوپرا بىلەن ئىشلىگەن فىلىم «Andaaz» ئانچە ياخشى باھاغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ لېكىن بېلەت كىرىمى جەھەتتە ئۇتۇقلۇق بولۇپ شۇ يىلدىكى تۇنجى خەلقئارالىق فىلىم بولۇپ قالغان.

2004-يىلى ئاكشاي كۇمار ئامىتاب باچچان، ئاجەي دېۋگان، ئاشۋارىيا راي قاتارلىقلار بىلەن فىلىم «Khakee»دە  ھەمكارلاشقان، بۇ فىلىم بىلەن كۇمار ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رول مۇكاپاتىدا ئىسمى ئاتالغان. بۇ يىلى ئۇ سالمان خان ۋە پرىيانكا چوپرا بىلەن ھەمكارلاشقان كىنو «ماڭا ياتلىق بولامسىز» قويۇلغان.

 يەنە ئۇ كارېننا، پرىيانكا بىلەن بىللە ئىشلىگەن فىلىم «ئېتىراز» قويۇلغان، ئىگەللىنشىىچە بۇ كىنو ئامېرىكلىق ۋاسكىتبول ماھىرى كوبى برىيانتنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىك دىلوسىدىن ئىلھام ئېلىنىپ ئىشلەنگەن.ئاكشاي كۇمار بۇ فىلىمنى ئۆزى ئىشلىگەن ئەڭ قاپ يۈرەك فىلىم دەپ ئاتىغان. بۇ يىلى يەنە كۇمار بىلەن سرىدۋى ئىشلىگەن فىلىم قويۇلغان، بۇ فىلىم 1994-يىلى ئىشلىنىپ بولۇنغان بولۇپ 2004-يىلى ئاندىن قويۇلغان.

2005-يىلى ۋە 2006-يىلى كۇمار باش رول ئالغان «بىۋاپا»، «ۋاقىت بىلەن بەسلىشىش»، «ئائىلە» قاتارلىق فىلىملەر قويۇلۇپ خېلى يامان ئەمەس نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.

2007-يىلى بولسا كۇمارنىڭ كەسپىى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان يىل بولۇپ قالغان. بۇ يىلى ئۇ ئىشلىگەن «سالام لوندون» ۋە «ھەي قەدىرىلىكىم»، «بۇتخانىدىكى جىن»، «قارشى ئېلىش» قاتارلىق فىلىملەرنىڭ ھەممىسى كەينى-كەينىدىن زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، بۇ فىلىملەردە ئاكشاي كۇمار ئۆزىنىڭ يۇمۇرىستىك خاراكتېرىنى تولۇقى بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن.

2009-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە ئاكشاي كۇمارنىڭ كەسپى يەنە بىر قېتىم قىيىنچىلىققا يولۇققان لېكىن ئۇ ناھايىتى تېزلا ئۆزىنى ئوڭشلىۋالغان. 2012-يىلى ئۇ فىلىم «ئىللىق ئائىلە2» بىلەن مۇۋەپپەقىيەت سەھنىسىگە قايتىپ كەلگەن. بۇ يىلى ئۇ سوناكشى سىنخا بىلەن ئىشلىگەن فىلىم «Rowdy Rathore» زور بېلەت كىرىمى ياراتقان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ «OMG» (2012-يىلى)، «ئالاھىدە 26»(2013-يىلى)، «دەم ئېلىش كۈنى» (2014-يىلى) قاتارلىق فىلىملەرمۇ زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. 

2013-يىلى 2-ئايدا نۇرغۇن تاراتقۇلار ئاكشاي كۇمارنىڭ بوللىۋود چولپانلىرى ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ ئومۇمىي بېلەت كىرىمى جۇغلانمىسى 300 مىليوندىن ئاشقان چولپانغا ئايلانغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەر بەرگەن. نوپۇزلۇق تاراتقۇلار ئاكشاي كۇمارنى ھىندىستان فىلىم تارىخىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئارتىسلارنىڭ بىرى دەپ  ئاتىغان.

رول ئېلىشتىن باشقا ئاكشاي كۇمار يەنە ئالاھىدە ماھارەت ئارتىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ ئۇ ھەم فىلىملىرىدە نۇرغۇن خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ «ھىندىستاننىڭ چىڭلوڭى »دەپ نام  ئالغان. بۇنىڭدىن باشقا ئاكشاي كۇمار يەنە بىر قانچە تېلېۋىزىيە پروگراممىسى تەسىس قىلغان ۋە تەنتەربىيە كوماندىسى قۇرغان. 2015-يىلى فوربېس ژۇرنىلى ئېلان قىلغان دۇنيادىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئارتىسلار تىزىملىكىدە ئاكشاي كۇمار 33.5 مىليون دوللار بىلەن توققۇزىنچى ئورۇندا تۇرغان، بۇ ئۇنىڭ كىرىمىنىڭ جونى دەپ، برەد پىت، لېئوناردو دىكاپىرو، جونسون قاتارلىق چولپانلاردىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

2009-يىلى ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئاكشاي كۇمار تۆتىنچى دەرىجىلىك گىراژدان ئوردىنى بېرىپ ئۇنىڭ ھىندىستان كىنوچىلىقى ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغان.

ئاكشاي كۇمار ئىلگىرى ئۆزى ھەمكارلاشقان ئايال ئارتىسلاردىن راۋىنا تاندون، شىلپا شىتتىي بىلەن مۇھەببەتلەشكەن. 2001-يىلى داڭلىق چولپان راجىش خاننىڭ قىزى ئارتىس تۋىنكىل خاننا بىلەن توي قىلغان. ئۇلارنىڭ بىر ئوغلى، بىر قىزى بار.

ئاكشاي كۇمار ۋاسكىتبول، سۇ ئۈزۈش، بوكس قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك تەنھەرىكەتلەر بىلەن بەدەن قىياپتىنى ساقلايدۇ. 2009-يىلى كۇمار يۇقىرى دەرىجىلىك كاراتى قارا بەلۋىغىغا ئېرىشكەن. كۇمار ھاراق ئىچمەيدۇ لېكىن بىر قانچە ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ئېلانىغا چىققان ۋە كىرىمىنىڭ يېرىمىنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىئانە قىلغان.

ئاكشاي كۇمار ئارتىس سانىل شتتىي بىلەن كۆپ فىلىملەردە ھەمكارلاشقان ھەمدە تۇرمۇشتىمۇ يېقىن ئاغىنىلەردىن. كۇمار WWE نىڭ تەلۋە مەستانىسى.

Twinkle Khanna (رەپىقىسى) / Aruna Bhatia (ئانىسى) / Aarav Kumar (قىزى) / Nitara Kumar (ئوغلى) بۇ داۋامدا ئۇ يەنە نۇرغۇن فىلىملەردە ئۇسسۇلچى بولغان. 1992-يىلى بىر كۈنى ئۇ باڭگالورغا بېرىپ ئېلان ئىشلەيدىغان ئايروپىلانغا ئۈلگۈرەلمەي قالغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ داۋاملىق مودېل بولۇشىدىن گۇمانلىنىپ سۈرەتلىرىنى ئېلىپ بىر فىلىم ستودىيەسىگە بارغان، شۇ ئاخشىمىلا بىر فىلىم ئىشلىگۈچى ئۇنى فىلىمدە باش رول ئېلىشقا تاللىغان، ئاكشاي كۇمارنىڭ ئۇسۇل ماھارىتى ئالاھىدە يۇقىرى. ئاكشاي كۇمار خوتۇن بالىسىغا تولىمۇ كۆيىنىدۇ ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىسمىنى بەدىنىگە چېكىۋالغان ئىكەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/3726361.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#