قەشقەرنىڭ جىلغىلىرى

جىلغا

قەشقەرنىڭ جىلغىلىرىدىن زىل راسكام جىلغىسى، پىسلىڭ جىلغىسى، پەيىك جىلغىسى، ئۆرۈك جىلغىسى، تەتۈر جىلغا، مىسكان جىلغىسى، كونۋالغى جىلغىسى، پەرياك جىلغىسى، شىنغۇن جىلغىسى قاتارلىقلار بار. 

ئۇيغۇرچە نامى قەشقەرنىڭ جىلغىلىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قەشقەرنىڭ جىلغىلىرىدىن زىل راسكام جىلغىسى، پىسلىڭ جىلغىسى، پەيىك جىلغىسى، ئۆرۈك جىلغىسى، تەتۈر جىلغا، مىسكان جىلغىسى، كونۋالغى جىلغىسى، پەرياك جىلغىسى، شىنغۇن جىلغىسى قاتارلىقلار بار. 

زىل راسكام جىلغىسى

  بۇ جىلغا تاشقورغان ناھىيەسى دەفتەر يېزىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي تەرىپىدىن 78 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، غەربتىن شەرققە قاراپ سوزۇلغان. غەربتە شېرۇ داۋىنىدىن باشلىنىپ، شەرقتە يەكەن دەرياسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جىلغىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 34 كىلومېتىر، كەڭلىكى 200-1000 مېتىرغىچە كېلىدۇ. جىلغا ئىچىدە بەش يەردە بۇلاق بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 55 مو تېرىلغۇ يەر، 45 مو ئوتلاق بار، بۇ يەردە سۆگەت، چىنار، قېيىن دەرەخلىرى بولۇق ئۆسكەن. زىل راسكام-«كىچىك ئالتۇن كان» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

پىسلىڭ جىلغىسى

  بۇ جىلغا تاشقورغان يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىن 55 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان، ئۇزۇنلۇقى 25 كىلومېتىر، كەڭلىكى 0.3-0.5 كىلومېتىر، جىلغىنىڭ يەر شەكلى خەتەرلىك بولۇپ، يىل بويى سۇ ئۈزۈلمەيدۇ. جىلغىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئاز ساندا تېرىلغۇ يەر ۋە ئوت-چۆپ بار. جىلغا تۆت تارماق جىلغا، ئىككى داۋانغا ئايرىلغان بولۇپ، جىلغا بىلەن ئىككى تەرەپتىكى تاغلاردا يىلپىز ئۇلار، ئېيىق قاتارلىق ياۋايى ھايۋاناتلار ياشايدۇ، قۇرۋىت ياۋا پىيىزى، ئەڭلىكئوت قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدۇ. پىسلىڭ-يىلپىز جىلغىسى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

پەيىك جىلغىسى

  بۇ جىلغا تاشقورغان ناھىيەسى تاشقورغان يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىن 80 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، غەربتە كۆك ئالا چوقۇر تېغىدىن باشلىنىپ، شەرقتە قارا چوقۇر دەرياسىغىچە تۇتىشىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 39 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى0.6 كىلومېتىر كېلىدۇ. جىلغا ئىچىدە ئوت-چۆپ مول بولۇپ، 1200 تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا باققىلى بولىدۇ. ئارقار قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار بار. جىلغا ئىچىدە يەتتە تارماق جىلغا، بەش داۋان بار بولۇپ، تاجىكىستانغا ئۆتۈشتىكى ئاساسلىق جىلغىلارنىڭ بىرى. پەيىك تاجىكچە سۆز بولۇپ «ئېگىز تاغ جىلغىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۆرۈك جىلغىسى

  بۇ جىلغا تاشقورغان ناھىيەسى دەفتەر يېزىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 89 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، غەربتە 5650-نومۇرلۇق قارلىق تاغدىن باشلىنىپ، شەرقتە يەكەن دەرياسىغا تۇتىشىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 22 كىلومېتىر، كەڭلىكى 200-1000 مېتىرغىچە كېلىدۇ. جىلغا ئىچىدە سۇ مەنبەسى تولۇق بولۇپ، ئاز ساندا ئوت-چۆپ ۋە دەل-دەرەخلەر بار. بۇ جايدا 500 تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا باققىلى بولىدۇ. بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ئىللىقراق بولغاچقا، نۇرغۇن ئۆرۈك دەرىخى بار. شۇڭا، شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

تەتۈر جىلغا

  بۇ جىلغا تاشقورغان ناھىيەسى دەفتەر يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىن 140 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ سوزۇلغان. جەنۇبتا تەتۈر جىلغا تېغىدىن باشلىنىپ، شىمالدا كاچۇڭ دەرياسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جىلغىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 131 كىلومېتىر، كەڭلىكى 100-800 مېتىرغىچە بولۇپ، جىلغىغا سېمونت كۆۋرۈك سېلىنغان. جىلغا ئىچىدە ياۋا دەرەخلەر خېلى كۆپ بولۇپ، كېيىك قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارمۇ بار.

مىسكان جىلغىسى

  بۇ جىلغا تاشقورغان ناھىيەسى مارياڭ يېزىسىنىڭ شەرقىدىن 70 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، شەرقتە كىچىكرەك داۋىنىدىن باشلىنىپ، غەربتە يەكەن دەرياسىغا تۇتىشىدۇ. جىلغىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 21 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 90 مېتىر بولۇپ، يىل بويى سۇ ئېقىپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە 10 ئائىلىلىك چارۋىچى ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 70، تېرىلغۇ يەر 260 مو، ئوتلاق 10 مو بولۇپ، چارۋا بېقىشقا بولىدۇ. بۇغداي، يالىڭاچ ئارپا، باقلا قاتارلىقلار تېرىلىدۇ. 60 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق دەرەخ بار.

كونۋالغى جىلغىسى

  بۇ جىلغا تاشقورغان ناھىيەسى داتۇڭ يېزىسىنىڭ شەرقىدىن 6 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، شەرقتە كۇلالغى چولپاندىن باشلىنىپ، غەربىي جەنۇبتا يەكەن دەرياسىغىچە بارىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 20 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 60 مېتىر كېلىدۇ. جىلغىدا پەسىللىك قار سۈيى ئاقىدۇ، ئەتراپىدا ئوت-چۆپ ناھايىتى مول ھەم ئوت-چۆپنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، 800 تۇياق چارۋا باققىلى بولىدۇ. بۇ يەر يېزىنىڭ قىش ۋە ياز پەسلىدىكى مۇھىم چارۋىچىلىق نۇقتىسى، كونۋالغى تاجىكچە سۆز بولۇپ، «دورا ئۆسۈملۈكلىرى مول» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. جىلغىدا دورا ئۆسۈملۈكلىرى كۆپ بولغاچقا، شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

پەرياك جىلغىسى

 بۇ جىلغا تاشقورغان ناھىيەسى مازار نەسىللىك قوي فېرمىسىنىڭ غەربىدىن 8 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، غەربتە پەرياك تېغىدىن باشلىنىپ، شەرقتە دۆڭباش دەرياسى بىلەن تۇتىشىدۇ.ئۇزۇنلۇقى 23 كىلومېتىر، كەڭلىكى 1000-1500 مېتىرغىچە كېلىدۇ. 500 مو ئوتلاق، بىر يەردە بۇلاق بار بولۇپ، قىشلىق يايلاق ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە 2000 تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا بېقىشقا بولىدۇ. جىلغا ئىچىدە يىلپىز، ئىت ئېيىقى، ياۋا ئۆچكە ۋە قار لەيلىسى قاتارلىق ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر بار.

شىنغۇن جىلغىسى

  بۇ قىلغا تاشقورغان ناھىيەسى تىزناپ يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 8 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، غەربتە چوڭ خانيولى تېغىدىن باشلىنىپ، شەرقتە تاشقورغان دەرياسىغا تۇتىشىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 46 كىلومېتىر، كەڭلىكى 0.1-0.5 كىلومېتىر بولۇپ، يىل بويى سۇ ئاقىدۇ، ئەتراپىدا ئوت-چۆپ مول، 1600 تۇياقتىن ئارتۇق  چارۋا باققىلى بولىدۇ. جەرەن، يىلپىز، ئېيىق قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارمۇ بار. جىلغا ئىچىدە 26 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دۆلەت مۇداپىئە تاشيولى بار بولۇپ، شىنغۇن تاجىكچە سۆز بولۇپ، «كۆك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئادىل مۇھەممەت تۈزگەن «قەشقەرنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيىسى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#